تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئۈرۈمچى

ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى مەزگىلىدە ئۈرۈمچىدىكى 37 نەپەر يول باشلىقى ئىمتىھان نۇقتىسىدا نۆۋەتچىلىك قىلىدۇ، قىيىنچىلىققا ئۇچرىسىڭىز ساقچىلارنى ئىزدەڭ

  6-ئاينىڭ 4-كۈنى، قوماندانلىق مەركىزىدىكى خەلق ساقچىسى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدىن ئىلگىرى ھەرقايسى ئىمتىھان نۇقتىلىرىنىڭ ئەتراپىدىكى قاتناش مەسىلىلىرىنى تەكشۈردى ھەمدە ۋاقتىدا ھەل قىلدى.

  ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر پېڭ فاڭ): 2019-يىللىق مەملىكەت بويىچە ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش بىر تۇتاش ئىمتىھانى (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى» دېيىلىدۇ) 6-ئاينىڭ 7-كۈنىدىن 6-ئاينىڭ 9-كۈنىگىچە ئېلىنىدۇ. 6-ئاينىڭ 4-كۈنى، مۇخبىرنىڭ ئۈرۈمچى شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسى قاتناش ساقچى تارماق ئەترىتىدىن ئىگىلىشىچە، ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى مەزگىلىدە، مەركىزىي شەھەر قاتناش ساقچىلىرىنىڭ ھەممىىسى ئەتىگەن سائەت 7دىن 30 مىنۇت ئۆتكەندە ئىشقا چىقىپ، ئىمتىھان نۇقتىسى ۋە ئەتراپتىكى يوللارنىڭ راۋان، تەرتىپلىك بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىدىكەن.

  بۇ يىل ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدا جەمئىي 37 ئىمتىھان نۇقتىسى تەسىس قىلىندى. ھەر قايسى تەۋەلىكلەرگە تەسىس قىلىنغان ئىمتىھان نۇقتىلىرى ئەتراپىدىكى قاتناشنىڭ راۋانلىقىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، بۇ يىللىق ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى مەزگىلىدە، مەركىزىي شەھەر قاتناش ساقچىلىرى يول باشلىقى مەسئۇل بولۇش تۈزۈمىنى قوللىنىپ، ئادەم بېكىتىش، ئىش ئورنىنى بېكىتىش، مەسئۇلىيەتنى بېكىتىش تەلىپى بويىچە، خىزمەت تەدبىرلىرىنى ئىنچىكىلەشتۈرۈپ، تۈرلۈك خىزمەتلەرنى بىر-بىرى بىلەن ھىم تۇتاشتۇرۇشقا كاپالەتلىك قىلىدىكەن. 37 ئىمتىھان نۇقتىسىدا 37 يول باشلىقىنىڭ ھەر قايسىسى ئۆز مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىپ، ئىمتىھان نۇقتىسىغا بارىدىغان ئاپتوموبىللارنىڭ ئىمتىھان مەيدانىغا ئوڭۇشلۇق يېتىپ بېرىشىنى ھەر ۋاقىت كاپالەت بىلەن تەمىنلەيدىكەن ھەم ئىمتىھان بەرگۈچىلەرنى ئىمتىھان نۇقتىسىغا يەتكۈزىدىغان «مېھىر-مۇھەببەت» ئاپتوموبىل - موتوسىكلىتلىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئىمتىھان بەرگۈچى ئوقۇغۇچىلارغا ئەلا مۇلازىمەت قىلىدىكەن.

  ئىمتىھانغا ئۈلگۈرۈش جەريانىدا، شەھەر ئاھالىلىرى قاتناش توسۇلۇش، يولنى پىششىق بىلمەسلىك قاتارلىق ئەھۋاللارغا يولۇقسا، ئۈرۈمچى شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسى قاتناش ساقچى تارماق ئەترىتىنىڭ قوماندانلىق مەركىزىگە تېلېفون بېرىپ ياردەم تەلەپ قىلسا بولىدۇ: 4801773-0991، قوماندانلىق مەركىزى بىرىنچى ۋاقىتتا يېقىن ئەتراپتا ۋەزىپە ئىجرا قىلىۋاتقان قاتناش ساقچىلىرىنى نەق مەيدانغا بېرىپ ياردەم بېرىشكە ئورۇنلاشتۇرىدۇ.

  ئىمتىھان بەرگۈچى ئوقۇغۇچىلارغا راۋان، ئىناق ئىمتىھان مۇھىتى يارىتىپ بېرىش ئۈچۈن، بۈگۈندىن باشلاپ، مەركىزىي شەھەر قاتناش ساقچىلىرى ئىمتىھان نۇقتىلىرى ئەتراپىدىكى يولنى ئىگىلەپ ئاپتوموبىل توختىتىشتەك قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلىرىنى ئېنىقلاشقا باشلايدۇ، ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى مەزگىلىدە، خالىغانچە سىگنال بېرىش، يەنە پىيادىلەرگە يول بەرمەسلىك قاتارلىق قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلارغا قارىتا مەركىزىي شەھەرنىڭ قاتناش ساقچىلىرى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش سالمىقىنى ئاشۇرىدۇ.

  بۇ يەردە، مەركىزىي شەھەر قاتناش ساقچىلىرى كەڭ ئىمتىھان بەرگۈچى ئوقۇغۇچىلار ۋە ئاتا-ئانىلارغا شۇنى ئەسكەرتىدۇكى، ئىمتىھان مەيدانىنى ئالدىن كۆرۈپ، ئىمتىھان نۇقتىسىغا بارىدىغان يول لىنىيەسىنى ئالدىن پىلانلاپ، تۈرلۈك ئىمتىھان بۇيۇملىرىنى ۋە گۇۋاھنامىلىرىنى تولۇق ئېلىپ كېلىشنى ئۇنتۇماڭ، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ قاتناش ساقچىلىرىمۇ پۈتۈن كۈچى بىلەن ئىمتىھان بەرگۈچىلەرنىڭ سەپىرىنى قوغدايدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى