تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئۈرۈمچى

ئۈرۈمچى مۇھىت ئاسراشنى ئاداققىچە داۋاملاشتۇرىدۇ

 

  مۇخبىرىمىز يۈ يىخەن خەۋىرى: 6-ئاينىڭ 4-كۈنى، «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» پائالىيىتىنى چوڭقۇر، سىجىل قانات يايدۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن، ئۈرۈمچى شەھىرى سايباغ رايونى پىڭدىڭشەن تەۋەلىك رايونى باشقۇرۇش كومىتېتىنىڭ تۇگۇڭ مەھەللە كومىتېتى كەسپىي گۈزەل سەنئەت ئوقۇتقۇچىلىرىنى مەھەللە ئائىلىلىكلەر قورۇسىغا ئالاھىدە تەكلىپ قىلىپ، مەھەللە ئاھالىلىرى بىلەن بىرلىكتە باش تېمىلىق مەدەنىيەت تېمى ئىجادىيىتى رەسىم سىزىش پائالىيىتى ئۆتكۈزدى. 6-ئاينىڭ 4-كۈنى، مەھەللە كادىرلىرى ۋە ئاھالىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 100دىن ئارتۇق كىشى ئائىلىلىكلەر قورۇسى ئىچىدىكى بەش بىنا تېمىغا رەسىم سىزدى، كۆپچىلىك ئايرىم-ئايرىم ئىتتىپاقلىق ، مەدەنىيەت ، ئىناقلىق، ئامانلىق قاتارلىق تېمىلاردا تام رەسىمى سىزىپ، بۇ ئارقىلىق بىنانىڭ ئالاھىدىلىكىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەشۋىقات تەربىيەسىنى قانات يايدۇردى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ، 48-قېتىملىق دۇنيا مۇھىت كۈنى يېتىپ كېلىش ئالدىدا، ئۈرۈمچى شەھىرى سايباغ رايونى پىڭدىڭشەن تەۋەلىك رايونى باشقۇرۇش كومىتېتىنىڭ نەنيۈەن مەھەللە كومىتېتى «ئەلرايىنى بىلىش ، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش ، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتى يەنە مەھەللە ئاھالىلىرىنى تەشكىللەپ « مۇھىت ئاسراش خالتىسىغا سىزما سىزىش، يېشىللىق چۈشىنى يەتكۈزۈش» پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، مەھەللە ئاھالىلىرىنى مۇھىت ئاسراش خالتىسىغا ھەرخىل مۇھىت ئاسراش ئاساسىي تېمىسىدىكى نەقىشلەرنى سىزىشقا تەكلىپ قىلىپ، تېجەشلىك، يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق مۇھىت ئاسراش تۇرمۇش ئېڭىنى يەتكۈزدى.

  بىنا تېمىغا سىزىلغان ئەسەر

  بىنا تېمىغا سىزىلغان ئەسەر

  بىنا تېمىغا سىزىلغان ئەسەر

  مەھەللە ئاھالىلىرى پۈتۈن زېھنى بىلەن تام سىزما ئىجادىيىتى بىلەن شۇغۇللانماقتا.

  مەھەللە ئاھالىلىرى مۇھىت ئاسرايدىغان  مال سېتىۋېلىش خالتىسى ئۈستىگە ھەر خىل مۇھىت ئاسراش ئاساسىي تېمىسىدىكى نەقىشلەرنى سىزماقتا.

  مەھەللە ئاھالىلىرى مۇھىت ئاسرايدىغان مال سېتىۋېلىش خالتىسى ئۈستىگە ھەر خىل مۇھىت ئاسراش ئاساسىي تېمىسىدىكى نەقىشلەرنى سىزماقتا.

   مۇھىت ئاسرايدىغان رەڭلىك مال سېتىۋېلىش خالتىسى

  مۇھىت ئاسرايدىغان مال سېتىۋېلىش خالتىسىغا سىزىلغان رەسىملەر

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تىيانشان تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • مەركەز مالىيەسىدىن ئاجرىتىلغان 2 مىليارد 100 مىليون يۈەن يېزا ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشى تولۇقلىما ياردەم مەبلىغى نەقلەشتى
  • شىنجاڭدا بۇغداينىڭ بىرلىك ھوسۇل رېكورتى يېڭىلىنىپ 731.3 كىلوگىرامغا يەتتى
  • يازدا قومۇل مىڭشا تېغىغا بېرىش