تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   ساغلاملىق

ۋىتامىن D راك كېسىلى ئۆلۈم خەۋپىنى تۆۋەنلىتىدۇ

 

ماتېرىيال سۈرەت

    ئامېرىكا مىچىگان شىتاتلىق داشۆ تەتقىقاتچىلىرىنىڭ بايقىشىچە، ۋىتامىن D تولۇقلاش دورىسىنى ئىستېمال قىلغاندا راك كېسىلى ئۆلۈم خەۋپىنى %13 تۆۋەنلەتكىلى بولىدىكەن. تەتقىقاتچىلار ۋىتامىن D تولۇقلاش دورىسى ئىستېمال قىلغان 10 تۈرلۈك تاسادىپىي تەجرىبە سانلىق مەلۇماتىنى تەھلىل قىلىش ئارقىلىق يۇقىرىقى يەكۈننى چىقارغان. تەجرىبە 68 ياشلىق 79 مىڭ ئادەمگە چېتىلىدىغان بولۇپ، ئاز دېگەندە ئۈچ يىل ئىز قوغلاپ تەكشۈرۈش قىلىنغان. تەتقىقاتچىلار، ۋىتامىن D تولۇقلاش دورىسى يېگەندە راك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش خەۋپىنىڭ تۆۋەنلىمەيدىغانلىقىنى ئەمما بۇ دورىنى ئىستېمال قىلغاندا راك كېسىلى بىلەن ئۆلۈپ كېتىش خەۋپىنىڭ %13 تۆۋەنلەيدىغانلىقىنى بايقىغان. ئەنگلىيە «تايمىس گېزىتى» تەتقىقات تۈرىنىڭ باشلامچىسى تارىق خېكانىڭ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈپ مۇنداق دېدى: «ئاچقۇچلۇق ئۇچۇر ۋىتامىن D راك كېسىلى بىمارلىرىغا پايدىلىق بولۇشى مۇمكىن .»

  تەتقىقاتتا ۋىتامىن D تولۇقلىسا راك كېسىلى بىلەن ئۆلۈپ كېتىش خەۋپىنىڭ نېمىشقا تۆۋەنلەيدىغانلىقى دېيىلمىگەن. تەتقىقاتچىلارنىڭ قارىشىچە، بۇ بەلكىم ۋىتامىن Dنىڭ ئادەم بەدىنىنىڭ ئىممۇنىتېت سىستېمىسىنى كۈچەيتىشكە پايدىلىق ئىكەنلىكىدىن بولۇشى مۇمكىن ئىكەن. ئىلگىرىكى تەجرىبىخانا تەتقىقاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، ۋىتامىن D ھۈجەيرىلەرنىڭ ئۆسۈشىگە پايدىلىق ئىكەن. تەتقىقاتچىلار يېقىندا ئۆتكۈزۈلگەن ئامېرىكا كلىنىكىلىق ئۆسمە ئىلمىي جەمئىيىتى يىللىق يىغىنىدا بۇ تەتقىقات نەتىجىسىنى ئېلان قىلغان.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى