تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   تەنتەربىيە

جۇڭگو 2023-يىللىق ئاسىيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىنى ئۆتكۈزۈش ھوقۇقىغا ئېرىشتى

6-ئاينىڭ 4-كۈنى، ئاسىيا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى سالمان (سولدا) دۆلەت تەنتەربىيە باش ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى، جۇڭگو پۇتبولچىلار جەمئىيىتى پارتكومىنىڭ شۇجىسى دۇ جاۋسەيگە 2023-يىللىق ئاسىيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىنى ئۆتكۈزۈش ھوقۇقى گۇۋاھنامىسى تارقاتماقتا.

  شىنخۇا تورى خەۋىرى: 6-ئاينىڭ 4-كۈنى، ئاسىيا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسى پارىژدا ئالاھىدە ۋەكىللەر يىغىنى ئاچتى، يىغىندا جۇڭگونىڭ 2023-يىللىق ئاسىيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىنى ئۆتكۈزۈش ھوقۇقىغا ئېرىشكەنلىكى بېكىتىلدى، بۇ، جۇڭگونىڭ 2004-يىلىدىن كېيىن يەنە بىر قېتىم مۇشۇ مۇسابىقىنى ئۆتكۈزۈشنى ئۈستىگە ئېلىشى ھېسابلىنىدۇ.

6-ئاينىڭ 4-كۈنى، خەلقئارا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى ئىنفانتىنو (ئوڭدا) ئاسىيا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى سالمانغا خاتىرە مۇسابىقە بايرىقىنى تەقدىم قىلماقتا.

6-ئاينىڭ 4-كۈنى، دۆلەت تەنتەربىيە باش ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى، جۇڭگو پۇتبولچىلار جەمئىيىتى پارتكومىنىڭ شۇجىسى دۇ جاۋسەي يىغىندا سۆز قىلماقتا.

6-ئاينىڭ 4-كۈنى، جۇڭگو پۇتبولچىلار جەمئىيىتىنىڭ مەخسۇس ۋەزىپىدىكى ئىجرائىيە ھەيئىتى لىن شياۋخۇا جۇڭگو پۇتبولچىلار جەمئىيىتىگە ۋاكالىتەن يىغىنغا قاتناشقان ئاسىيا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسى ئەزالىرى جەمئىيىتىنىڭ ۋەكىللىرىگە جۇڭگونىڭ مۇسابىقىنى ئۈستىگە ئېلىشىغا ئالاقىدار ئەھۋاللارنى تونۇشتۇرماقتا.
مەسئۇل مۇھەررىر : زاھىدە مۇتەللىپ

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تىيانشان تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • مەركەز مالىيەسىدىن ئاجرىتىلغان 2 مىليارد 100 مىليون يۈەن يېزا ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشى تولۇقلىما ياردەم مەبلىغى نەقلەشتى
  • شىنجاڭدا بۇغداينىڭ بىرلىك ھوسۇل رېكورتى يېڭىلىنىپ 731.3 كىلوگىرامغا يەتتى
  • يازدا قومۇل مىڭشا تېغىغا بېرىش