تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   گۈزەل يۇرت -ماكانىمىزنى ياخشى قوغدايلى

مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى چوڭ ئائىلىسى ئىللىقلىققا تولدى

مەكىت ناھىيەسى بازار جەمى بازىرىنىڭ بازار باشلىقى ئارزۇگۈل موللەك

  مەن مۇشۇ يەردە تۇغۇلۇپ ئۆسكەن مەكىتلىك، كىچىكىمدىن باشلاپ كۆپ مىللەت توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان مەھەللىدە چوڭ بولغان. كىچىك ۋاقتىمدا مەھەللىمىزدىكى ئۆيلەرنىڭ ھەممىسى لاي تاملىق بىر قەۋەتلىك ئۆيلەر ئىدى، ئۆيىمىزنىڭ ئىككى تەرىپىدىكى قوشنىمىزنىڭ بىرى خەنزۇ، يەنە بىرى شىبە ئىدى. خەنزۇ قوشنىمىز گەن ئۇستام بولۇپ، گەن ئۇستامنىڭ ئىككى ئوغلى، بىر قىزى بار ئىدى، چوڭ ئوغلىنى دايۇڭ، كىچىك ئوغلىنى شياۋيۇڭ، قىزىنى ياتۇخان دەپ چاقىراتتۇق؛ شىبە قوشنىمىزنىڭ ئىسمى ئامۇ بولۇپ، ئۇنىڭ ئىككى بالىسى بار ئىدى، ئوغلىنى شىيۇڭ، قىزىنى خۇڭخۇا دەپ چاقىراتتۇق. مېنىڭ دادام مەكىت ناھىيەلىك يېمەكلىك شىركىتىنىڭ ئادەتتىكى خىزمەتچىسى، ئاپام ئوقۇتقۇچى ئىدى. كىچىك ۋاقتىمدا ئاتا - ئانامنىڭ خىزمىتى ئالدىراش بولغاچقا، بىز ئاكا - سىڭىللارنى دائىم ئۆيگە قالدۇرۇپ قويۇپ ئىشقا كېتەتتى، بۇنداق چاغلاردا مەن يالغۇزلۇق ھېس قىلمايتتىم، چۈنكى دايۇڭ، شياۋيۇڭ، شىيۇڭ، ياتۇخان ۋە خۇڭخۇا قاتارلىق دوستلىرىم ماڭا ھەمراھ بولۇپ ئوينايتتى.

  ئېسىمدە قېلىشىچە، يەتتە ياشلار چېغىمدا، چوڭ ئاپام، چوڭ دادام ئېغىر ئاغرىپ قالدى، بىر كۈنى ئاپام چوڭ ئاپام، چوڭ دادامنى يوقلىغىلى بېرىپ قايتىپ كەلمىدى، ئۆيدە دادام بىلەن مەنلا قالدۇق. يېرىم كېچىدە دادامنىڭ مىجەزى يوق بولۇپ قالدى، مەن ئامۇ تاغامنىڭ ئۆيىگە بېرىپ ئۇنى ياردەمگە چاقىردىم، گەن ئۇستاممۇ بىللە كەلدى، ئۇلار دادامنى دوختۇرخانىغا ئاپاردى، تەكشۈرۈش ئارقىلىق جىددىي خاراكتېرلىك سوقۇر ئۈچەي ياللۇغى بولۇپ چىقتى، ئۇ ئىككىيلەن ئىككىلەنمەيلا دادامنىڭ ئوپېراتسىيە ھەققىنى تاپشۇرۇۋەتتى. شۇ كۈنى كېچىدە، مېنىڭ ئۆيدە توختىماي يىغلىشىمدىن ئەنسىرەپ، خۇڭخۇا بىلەن ياتۇخان كېچىچە بىزنىڭ ئۆيدە تۇرۇپ ماڭا تاڭ ئاتقىچە ھەمراھ بولدى. ئەينى چاغدىكى ئەھۋال شۇنداق خەتەرلىك ئىدى، ئەگەر ئامۇ تاغام بىلەن گەن ئۇستام دادامنى ۋاقتىدا دوختۇرخانىغا ئاپارمىغان ھەم پۇل تاپشۇرۇپ ئوپېراتسىيە قىلدۇرمىغان بولسا، ئاقىۋىتىنى تەسەۋۋۇر قىلغىلى بولمايتتى. ئەتىسى ئەتىگەندە ئاپام قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، ئىككى تاغامغا توختىماي رەھمەت ئېيتتى، ھالبۇكى ئۇلار قولىنى يېنىك پۇلاڭلىتىپ: «تۈزۈت قىلماڭ، ھەممىمىز قوشنا تۇرساق» دېدى.

  بىز مەكتەپتە ئوقۇۋاتقاندا دادام بىلەن ئاپامنىڭ مائاشى يۇقىرى ئەمەس ئىدى، بەزىدە ئوقۇش پارچە خىراجىتىنى تاپشۇرالماي قىينىلىپ قالغاندا، دادام گەن ئۇستاملاردىن پۇل قەرز ئېلىپ بىزنىڭ ئوقۇش پارچە خىراجىتىمىزنى تاپشۇراتتى. مەن مەكىت ناھىيەسىدە 30 نەچچە يىل ياشىدىم، خىزمەت قىلدىم، بېشىمدىن ئۆتكۈزگەن مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، ئۆزئارا ياردەم بېرىش، ھەمدەم بولۇش ھېكايىلىرى ناھايىتى كۆپ. ھەر مىللەت قوشنىلار دائىم بېرىش - كېلىش قىلىپ تۇرىمىز، بالىلار ھەرقايسى مىللەتلەر ئارىسىدىكى قېرىنداشلىق، دوستلۇق مېھىر - مۇھەببىتىگە چۆمۈلگەن ھالدا بىللە ئويناپ چوڭ بولىدۇ، بۇ خىل ياخشى مۇناسىۋەت تا ھازىرغىچە داۋاملىشىپ كەلدى، ئۆزئارا سىڭىشكەن، ئىللىقلىققا تولغان مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى چوڭ ئائىلىسىدە بىز ئاللىقاچان قان قېرىنداش ئاكا - ئىنى، ئاچا - سىڭىللارغا ئايلاندۇق.

  30 نەچچە يىلدىن بۇيان، مېنىڭ ھەربىر ھايات باسقۇچۇم پارتىيەنىڭ ئىللىق قوينىدا ئۆتتى. تەشكىلنىڭ تەربىيەلىشى، غەمخورلۇقىدا بۈگۈنكى خىزمەت ئورنىغا چىقتىم. پارتىيەنىڭ غەمخورلۇقى، تەشكىلنىڭ تەربىيەلىشى بولمىسا، مېنىڭ بۈگۈنۈم بولمايدىغانلىقىنى چوڭقۇر ھېس قىلدىم. مەن يەنە پارتىيەنىڭ سەمىمىي غەمخورلۇقىدا ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇشىدا يۈزبەرگەن غايەت زور ئۆزگىرىشلەرنى ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆردۈم ۋە ئۇنىڭغا گۇۋاھ بولدۇم. بۈگۈنكى كۈندە، ھەر مىللەت ئامما كىيىم - كېچەك، يېمەك - ئىچمەكتىن غەم قىلمايدىغان بولدى، لاي تاملىق بىر قەۋەتلىك ئۆيدىن ئەمىن ئۆيلەرگە كۆچۈپ كىرىشكىچە، چاڭ - توزان ئۆرلەپ تۇرىدىغان توپا يولدىن ھازىرقى كەنت - كەنتلەرگە تۇتاشقان ئاسفالت يوللارغىچە، تېلېۋىزور كۆرەلمەسلىكتىن سۈنئىي ھەمراھ تېلېۋىزىيەسى، ھەتتا تور تېلېۋىزىيەسى كۆرەلەيدىغان بولۇشقىچە، كېسەل كۆرسىتىش قىيىن بولۇشتىن داۋالىنىشنى ئاتچوت قىلدۇرۇش ۋە ئومۇمىي خەلق سالامەتلىك تەكشۈرتۈشكىچە... ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى كۈنسايىن ئاشتى.

  پارتىيە كۆپ يىل تەربىيەلەپ يېتىشتۈرگەن پارتىيەلىك كادىر بولۇش سۈپىتىم بىلەن، پارتىيە ماڭا ھازىرقى خىزمەت ئورنىنى بەردى، تېخىمۇ مۇھىمى ماڭا ئېغىر مەسئۇلىيەتنى يۈكلىدى. مەن بۇ يەردە شۇنداق كەسكىن ۋەدە بېرىمەنكى: ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئاڭلىق ھالدا يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاپ، ئىتتىپاقلىقنى كۈچەيتىپ، گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇش، ۋەتەن ئارزۇسىنى ئورتاق ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن تىرىشىپ كۈرەش قىلىمەن!

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى