تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش

جياڭشى ئۆلكىسىدىن كەلگەن 20 نەپەر «پەخرىي كەنت مۇدىرى» ئاقتۇ ناھىيەسىدىكى دېھقانلارنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشىغا ياردەم بەردى

  شىنجاڭ گېزىتى ئىختىيارىي مۇخبىرلىرى ۋۇ دەن، ليۇ ۋېي خەۋەر قىلىدۇ: 6- ئاينىڭ 2- كۈنى، ئاقتۇ ناھىيەسىنىڭ بارىن يېزىسى قۇم كەنتىدە، جياڭشى ئۆلكىسىدىن كەلگەن ئاكېماۋ سودا چەكلىك شىركىتىنىڭ مەسئۇلى جاڭ جىڭ مۇنداق دېدى: «كەنت كادىرلىرى بىلەن بىرلىكتە زىيارەت قىلىش ئارقىلىق كەنت ئاھالىلىرىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىش ئارزۇسىنىڭ ئىنتايىن كۈچلۈكلۈكىنى ھېس قىلدىم، مەن كەنتتە بىر ئۇن زاۋۇتى قۇرۇپ، كەنت ئاھالىلىرىنى قوبۇل قىلىپ ئىشلەتسەك، ھەم كەنت ئاھالىلىرىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشىغا ياردەم بەرگىلى بولىدىكەن، ھەم ئۇلارنى ئىشىك ئالدىدىلا ئىشقا ئورۇنلاشتۇرغىلى بولىدىكەن، دەپ ئويلىدىم».

  2018- يىلى 7- ئايدا، قۇم كەنتىنىڭ «پەخرىي كەنت مۇدىرى» بولۇپ سايلانغاندىن كېيىن، جاڭ جىڭ قۇم كەنتىدە ئۇن زاۋۇتى قۇرۇپ، كەنت ئاھالىلىرىنى ئوندىن ئارتۇق ئىش ئورنى بىلەن تەمىنلىدى، شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئۇ يەنە شۇ جايدىكى بىر نەچچە كارخانا ۋە قۇم كەنتىدىكى نان يېقىش ھەمكارلىق كوپىراتىپى بىلەن ئۇزاق مۇددەتلىك مال بىلەن تەمىنلەش زاكاز تالونى ئىمزالىدى. بۇنىڭدىن باشقا، جياڭشى ئۆلكىسى ئاكېماۋ سودا چەكلىك شىركىتى ئارقىلىق ئاقتۇ ناھىيەسىنىڭ يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرىنى ئىچكىرىدىكى نۇرغۇن جايلارغا ساتتى.

  جياڭشى ئۆلكىسىدىكى ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكتىن باشقا ئىگىلىكتىكى زاتلارنىڭ ئاقتۇ ناھىيەسىدىكى نامرات كەنتلەرگە بېرىپ «پەخرىي كەنت مۇدىرى» بولۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، نامرات كەنتلەرنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتى ئۈچۈن چارە - تەدبىر كۆرسىتىپ، شۇ جايدىكى كەنت ئاھالىلىرىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشىغا ياردەم بېرىش جياڭشى ئۆلكىسىنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى ئالدىنقى سەپ قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ نىشانلىق ياردەم بېرىش - يۆلەش مېخانىزمىدا يېڭىلىق يارىتىشىدىكى بىر تۈرلۈك تەدبىر.

  2018- يىلىدىن بۇيان، جاڭ چىڭغا ئوخشاش «پەخرىي كەنت مۇدىرى» ئاقتۇ ناھىيەسىدە 20گە يەتتى. جياڭشى ئۆلكىسىنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى ئالدىنقى سەپ قوماندانلىق ئىشتابى «پەخرىي كەنت مۇدىرى»نى تاللاپ تەكلىپ قىلغاندا، «پەخرىي كەنت مۇدىرى»نىڭ ئەۋزەللىكىگە ئاساسەن، خىزمەتنىڭ مۇھىم نۇقتىسىنى ئاقتۇ ناھىيەسىدىكى 20 نامرات كەنتنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشقا قويۇپ، كەنتلەرگە ھەمكارلىشىپ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتىكى ئىختىساسلىقلار كەمچىل بولۇش، ئۇچۇر راۋان بولماسلىق، خىراجەت يېتىشمەسلىك، كەسىپ تەرەققىياتى كۈچلۈك بولماسلىق قاتارلىق مەسىلىلەرنى ھەل قىلدى.

  ئاقتۇ ناھىيەسى شىنشياڭرۇي كىيىم - كېچەك، زىبۇ - زىننەت چەكلىك شىركىتىنىڭ مەسئۇلى لياۋ سۇڭمۇ جياڭشى ئۆلكىسىدىن كەلگەن ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكتىن باشقا ئىگىلىكتىكى زات بولۇپ، ئۇ ئاقتۇ ناھىيەسىنىڭ ئۈژمە يېزىسى ئۈژمە كەنتى ۋە بارىن يېزىسى چىكە كەنتىنىڭ «پەخرىي كەنت مۇدىرى»لىقىنى ئۈستىگە ئالدى. لياۋ سۇڭ ئۈژمە كەنتىدە قۇرغان زاۋۇتقا يەرلىكتىن 98 ئىشچى قوبۇل قىلدى؛ چىكە كەنتىدە قۇرغان شىنجاڭ جىڭگاڭشەن قىزىل كىيىم - كېچەك، زىبۇ - زىننەت چەكلىك شىركىتىگە قوبۇل قىلغان 125 ئايال ئىشچىنىڭ ھەممىسى يەرلىك كەنت ئاھالىسى.

  زاۋۇت كەنتتە قۇرۇلدى، ئىش ئورنى كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئىشىك ئالدىدىلا تەسىس قىلىندى، جياڭشى ئۆلكىسىدىن كەلگەن «پەخرىي كەنت مۇدىرى»لىرى ئاقتۇ ناھىيەسىدىكى تېخىمۇ كۆپ نامرات ئاھالە ئۈچۈن نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىش دەرۋازىسىنى ئېچىپ بەرمەكتە. ئىستاتىستىكىغا ئاساسلانغاندا، 2018- يىلىدىن بۇيان، جياڭشى ئۆلكىسىدىن كەلگەن 20 نەپەر «پەخرىي كەنت مۇدىرى» ئاقتۇ ناھىيەسىدە كەشتىچىلىك، كىيىم - كېچەك، ئىشخانا بۇيۇملىرى، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاش قاتارلىق جەھەتلەرگە چېتىلىدىغان زاۋۇتتىن 15نى قۇرۇپ، يەرلىكتىكى 1310 كەنت ئاھالىسىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش مەسىلىسىنى ھەل قىلغان، ئۇلارنىڭ 610ى ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن نامرات ئاھالە ئىكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى