تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   ئوبزور

ئۈنۈم يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، كۆزلىمە نىشانغا يېتەيلى

ـــ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسى خىزمىتى يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدا

خەلق گېزىتى ئوبزورچىسى

  نىشاننىڭ ئۆزى يۆنىلىشتۇر، ئۆلچەم سۈپەتنى بەلگىلەيدۇ.

  «تىرىشىپ نەزەرىيە ئۆگىنىشتە ئۈنۈمگە ئېرىشىش، ئىدىيە، سىياسىيدا تاۋلىنىش، ئىش قىلىپ نەتىجە يارىتىشتا مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىگە ئېلىش، خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىپ قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش، پاك - دۇرۇس بولۇپ ئۈلگە بولۇش كونكرېت نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، بۇ قېتىمقى باش تېما تەربىيەسىدە پۇختا نەتىجە - ئۈنۈم ھاسىل قىلىشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك». «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسى خىزمىتى يىغىنىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ ئوتتۇرىغا قويغان كونكرېت نىشان باش تېما تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇشنىڭ تىرىشىش نىشانىنى كۆرسىتىپ بەردى، ئۇنى تۈپ مىزان بىلەن تەمىنلىدى. پۈتۈن پارتىيەدىكى يولداشلار باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئۆز رايونى، ئۆز تارمىقى، ئۆز ئورنىنىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، نىشانغا توغرىلىنىپ، پائال ئالغا سىلجىتىپ، كۆزلىمە ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

  جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يېڭى دەۋرگە كىردى، پارتىيەمىزدە چوقۇم يېڭى كەيپىيات، يېڭى نەتىجە بولۇشى كېرەك. ھازىر بىز جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ يېڭى ئۇزۇن سەپىرىگە ئاتلاندۇق، كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار چوقۇم پارتىيەنىڭ غايە - ئېتىقادى ۋە تۈپ مەقسىتىنى جەزمەن ئەستە چىڭ ساقلىشى، ئۇلۇغ ئۇزۇن سەپەر روھىنى جەزمەن ئەۋج ئالدۇرۇشى، ئىنقىلابىي ئۇرۇش يىللىرىدىكى ئاشۇ خىل باتۇرلۇق بىلەن جەڭ قىلىش، قىيىنچىلىقتىن قورقماسلىقتەك كۈرەش روھىنى جەزمەن ئەۋج ئالدۇرۇشى، تۈرلۈك جاپا - مۇشەققەت، خەتەرلىك توسالغۇ، خەۋپ - خەتەر، خىرىسلارنى باتۇرلۇق بىلەن يېڭىپ، يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزمىنىڭ يېڭى غەلىبىسىنى تىرىشىپ قولغا كەلتۈرۈشى كېرەك. بۇ قېتىمقى باش تېما تەربىيەسىنىڭ كونكرېت نىشانىدا ئىپادىلەنگىنى دەل پارتىيەنىڭ يېڭى دەۋردىكى پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارغا ئىدىيە، سىياسىي، ئىستىل، ئىقتىدار، پاكلىق جەھەتتە قويغان تۈپ تەلىپىدۇر.

  نەزەرىيە ئۆگىنىشتە ئۈنۈمگە ئېرىشىشتىكى مۇھىم نۇقتا ـــ كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنى ئەسلىدىكى ئۆگىنىش ئاساسىدا يېڭى ئىلگىرىلەشنى قولغا كەلتۈرۈپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ زور سىياسەت - فاڭجېنلىرىغا بولغان چۈشىنىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، چوڭقۇر ئۆگىنىپ تولۇق ئۆزلەشتۈرۈپ، ئەتراپلىق ئىگىلەپ تولۇق ئۆزلەشتۈرۈپ، ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئاڭلىقلىقى ۋە قەتئىيلىكىنى كۈچەيتىپ، پارتىيەنىڭ يېڭىلىق يارىتىش نەزەرىيەسىنى قوللىنىپ ئەمەلىيەتكە يېتەكچىلىك قىلىش، خىزمەتلەرگە تۈرتكە بولۇش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشكە تەربىيەلەش، يېتەكلەش.

  ئىدىيە، سىياسىيدا تاۋلىنىشنى قوبۇل قىلىشتىكى مۇھىم نۇقتا ـــ كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنى ماركسىزمغا بولغان ئېتىقاد، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمغا بولغان ئىشەنچنى چىڭىتىپ، قىزىل گېنغا ۋارىسلىق قىلىپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئاڭلىق ھالدا ئىدىيەدە، سىياسىيدا، ھەرىكەتتە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاپ، باشتىن - ئاخىر پارتىيەگە سادىق بولۇش، خەلققە سادىق بولۇش، ماركسىزمغا سادىق بولۇشقا تەربىيەلەش، يېتەكلەش.

  ئىش قىلىپ نەتىجە يارىتىشتا مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىگە ئېلىشتىكى مۇھىم نۇقتا − كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنى كۈچلۈك سىياسىي مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى ۋە تارىخىي بۇرچ تۇيغۇسى بىلەن پەيتنى قولدىن بەرمەيدىغان، جاسارەت بىلەن نەتىجە يارىتىدىغان كۈرەش قىلىش ھالىتى ۋە قانچە خەتەرلىك بولغانسېرى شۇنچە ئالغا ئىلگىرىلەيدىغان كۈرەش قىلىش روھىنى ساقلاپ، مىخ قېقىش روھى بىلەن خىزمەتلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تۇتۇپ، ئەقىللىقلىق قىلىپ ئۆزىنى ئاياش، ئەپلەپ - سەپلەپ كۈن ئۆتكۈزۈش، يۈزە ئىش قىلىش، ھۇرۇنلۇق، سۆرەلمىلىك قىلىش قاتارلىق بارلىق پاسسىپ قىلمىشلارنى قەتئىي چۆرۈپ تاشلاپ، تىرىشىپ ئەمەلىيەتنىڭ، خەلقنىڭ، تارىخنىڭ سىنىقىدىن ئۆتەلەيدىغان ئەمەلىي نەتىجىلەرنى يارىتىشقا تەربىيەلەش، يېتەكلەش.

  خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىپ قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشتىكى مۇھىم نۇقتا ـــ كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنى خەلقنىڭ مەيدانىدا چىڭ تۇرۇپ، خەلق مەركەز قىلىنغان تەرەققىيات ئىدىيەسىنى تۇرغۇزۇپ، خەلق ئاممىسى بىلەن بولغان ھېسسىياتنى كۈچەيتىپ، ئاڭلىق ھالدا خەلق ئويلىغاننى ئويلاپ، خەلق بىلەن بىللە ئىشلەپ، ئاممىنىڭ غەم - ئەندىشىسىنى، باش قاتۇرىدىغان ئىشىنى كۈچەپ ھەل قىلىپ، خەلقنىڭ مەنپەئىتىنى كۆزلەش، خەلق ئۈچۈن مەسئۇلىيەتنى تولۇق ئادا قىلىشتەك ئەمەلىي نەتىجە - ئۈنۈم بىلەن خەلقنىڭ ئىشەنچىگە ئېرىشىشكە تەربىيەلەش، يېتەكلەش.

  پاك - دۇرۇس بولۇپ ئۈلگە بولۇشتىكى مۇھىم نۇقتا ــــ كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنى خەلق ئۈچۈن ئەمەلىيەتچىل، پاك بولۇش سىياسىي خىسلىتىنى ساقلاپ، ئومۇم بىلەن شەخس، ھەققانىيەت بىلەن مەنپەئەت، ھەق بىلەن ناھەق، ھېسسىيات بىلەن قانۇن، تۇغقاندارچىلىق بىلەن پاكلىق، ئىقتىسادچىللىق بىلەن ھەشەمەتچىلىك، مۇشەققەت بىلەن پاراغەت، پايدا بىلەن زىياننىڭ مۇناسىۋىتىنى توغرا بىر تەرەپ قىلىپ، ئاڭلىق ھالدا ئىمتىياز ئىدىيەسى ۋە ئىمتىياز ھادىسىسىگە قارشى كۈرەش قىلىپ، قەتئىي ھالدا چىرىكلىكنىڭ ئالدىنى ئېلىپ ۋە ئۇنىڭغا قارشى تۇرۇپ، پاك ئەمەلدار بولۇش، دۇرۇس ئىش قىلىش، سەمىمىي ئادەم بولۇشقا تەربىيەلەش، يېتەكلەش.

  پوزىتسىيە نەتىجە - ئۈنۈمنى بەلگىلەيدۇ، باشلىنىش قەدىمى نەتىجىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ. «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسى باشلاندى. «يۇقىرى ئۆلچەم بولغاندىلا ئاندىن يۇقىرى سۈپەت بولىدۇ»، باش تېما تەربىيەسىنىڭ كونكرېت نىشانىنى زىچ چۆرىدەپ، يۇقىرى ئۆلچەمنى تۇرغۇزۇپ، قاتتىق تەلەپنى ئەمەلىيلەشتۈرسەكلا، بىز بۇ قېتىمقى باش تېما تەربىيەسىنى پۇرسەت بىلىپ، پارتىيەمىزنى تېخىمۇ مۇستەھكەم، كۈچلۈك قىلىپ قۇرۇپ چىقىپ، «ئىككى 100 يىل»لىق كۈرەش نىشانى ۋە جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى كۈچلۈك سىياسىي كاپالەت بىلەن تەمىنلىيەلەيمىز.

  (شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 6- ئاينىڭ 4- كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى