تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   ئوبزور

ئىدىيە بىلەن پارتىيە قۇرۇش، نەزەرىيە بىلەن پارتىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇشتا چىڭ تۇرايلى

− باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسى خىزمىتى يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدا

خەلق گېزىتى ئوبزورچىسى

  سىياسىي جەھەتتىكى قەتئىيلىك، پارتىيەۋىلىك جەھەتتىكى قەتئىيلىكنىڭ ھەممىسى نەزەرىيە جەھەتتىكى قەتئىيلىكتىن ئايرىلالمايدۇ. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ جاپا-مۇشەققەتلەرنى باشتىن كەچۈرۈپ، ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلىپ زورىيىشىدىكى ئەڭ مۇھىم بىر سەۋەب شۇكى، پارتىيەمىز باشتىن - ئاخىر ئىدىيە بىلەن پارتىيە قۇرۇش، نەزەرىيە بىلەن پارتىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇشقا ئەھمىيەت بەردى.

  «يېڭى دەۋردە جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش، سادىق، پاك، مەسئۇلىيەتچان سىياسىي پەزىلەتنى تاۋلاش، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، ئۇلۇغ ئارزۇنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئورتاق كۈرەش قىلىش تۈپ ۋەزىپىسىنى پۇختا ئىگىلەش كېرەك»، «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسى خىزمىتى يىغىنىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ بۇ قېتىمقى باش تېما تەربىيەسىنىڭ تۈپ ۋەزىپىسىنى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇپ، نەزەرىيە بىلەن قوراللىنىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىشنىڭ مۇھىم ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر شەرھلەپ، پۈتۈن پارتىيەدە باش تېما تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇش ئۈچۈن تىرىشىش يۆنىلىشىنى ئېنىق كۆرسىتىپ بەردى. بۇ تۈپ ۋەزىپىنى پۇختا ئىگىلەپ، ئىدىيە بىلەن پارتىيە قۇرۇش، نەزەرىيە بىلەن پارتىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇشتا چىڭ تۇرۇپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ئارقىلىق پۈتۈن پارتىيەنى قوراللاندۇرغاندىلا، ئاندىن پۈتۈن پارتىيەنى تېخىمۇ قەتئىي، ئاڭلىق ھالدا يېڭى دەۋردە پارتىيەنىڭ تارىخىي بۇرچى ئۈچۈن كۈرەش قىلدۇرغىلى بولىدۇ.

  جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى دۇنياغا كەلگەن كۈندىن باشلاپ، ماركسىزمنى ئۆزىنىڭ يېتەكچى ئىدىيەسى قىلىپ تۇرغۇزغان. پارتىيەمىز ئىدىيە بىلەن پارتىيە قۇرۇشقا ئىزچىل ئەھمىيەت بېرىپ، ماركسىزملىق نەزەرىيە ئارقىلىق پۈتۈن پارتىيەنى قوراللاندۇرۇشقا ئىزچىل ئەھمىيەت بېرىپ، باشتىن-ئاخىر ئىدىيەۋى نەزەرىيە قۇرۇلۇشىنى پارتىيە قۇرۇلۇشىدا باش ئورۇنغا قويۇپ كەلدى. بۇ، پارتىيەمىزنىڭ ئىلغارلىقىنى ساقلاش ۋە راۋاجلاندۇرۇشتىكى بىر ئاساسىي تەجرىبىسى. يەنئەن ئىستىل تۈزىتىش ھەرىكىتىدىن بۇيان، پارتىيەمىز تارىختا قانات يايدۇرغان ھەر قېتىملىق مەركەزلىك تەربىيە پائالىيەتلىرىنىڭ ھەممىسى ئىدىيەۋى تەربىيە، نەزەرىيە ئۆگىنىشنى باشلىنىش قىلغان. بۈگۈن، پارتىيەمىز جۇڭگودىن ئىبارەت 1 مىليارد 400 مىليونغا يېقىن نوپۇسى بار مۇشۇنداق بىر چوڭ دۆلەتتە ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈۋاتقان بولۇپ، ئىنتايىن مۇرەككەپ دۆلەت ئىچى-سىرتى مۇھىتى ئالدىدا، جاپالىق، مۈشكۈل بولغان ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش بۇرچىنى زىممىسىگە ئالدى، ئەگەر نەزەرىيە تەپەككۇرى كەمچىل بولسا، سىياسىي جەھەتتىكى سەگەكلىك، قەتئىيلىكنى ساقلاش تەسكە توختايدۇ، شۇنداقلا تۈرلۈك خەۋپ - خەتەر، خىرىسلار ئۈستىدىن غالىب كېلىشمۇ تەسكە توختايدۇ. بۇ قېتىمقى «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇشتا نەزەرىيە بىلەن قوراللىنىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىشنى تۈپ خاراكتېرلىك ۋەزىپە قىلىپ، دىققەتنى ئىدىيە يىلتىزى مەسىلىسىنى ھەل قىلىشقا مەركەزلەشتۈرۈپ، پۈتۈن پارتىيەنىڭ، پۈتۈن مەملىكەت خەلقىنىڭ ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىش ئورتاق ئىدىيەۋى ئاساسىنى پۇختىلاش كېرەك.

  نەزەرىيەدە يېڭىلىق يارىتىش ھەربىر قەدەم ئىلگىرىلىسە، نەزەرىيە بىلەن قوراللىنىشمۇ شۇنىڭغا ئەگىشىپ بىر قەدەم ئىلگىرىلىشى كېرەك. شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ھازىرقى زامان جۇڭگودىكى ماركسىزم، 21-ئەسىردىكى ماركسىزم، پارتىيە ۋە دۆلەت جەزمەن ئۇزاققىچە چىڭ تۇرىدىغان يېتەكچى ئىدىيە. شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيەنىڭ بۇ نەزەرىيەدە يېڭىلىق يارىتىشىنىڭ مۇھىم، زور ئەھمىيىتى، ئىلمىي سىستېمىسى، مول ماھىيەتلىك مەزمۇنىغا بولغان چۈشىنىشنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، چوڭقۇر ئۆگىنىپ ئۆزلەشتۈرۈپ، ئەتراپلىق ئىگىلەپ، سەمىمىيلىك بىلەن ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈشنى ھەقىقىي ئىشقا ئاشۇرغاندىلا، ئاندىن ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشتىكى ئاڭلىقلىق، قەتئىيلىكنى كۈچەيتكىلى، پارتىيەنىڭ يېڭىلىق يارىتىش نەزەرىيەسى ئارقىلىق ئەمەلىيەتكە يېتەكچىلىك قىلىش، خىزمەتلەرگە تۈرتكە بولۇش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرگىلى بولىدۇ.

  ھاكىم، باشقارما باشلىقى دەرىجىلىكتىن يۇقىرى رەھبىرىي كادىرلار ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش، دۆلەتنى گۈللەندۈرۈشتىكى غوللۇق كۈچ، جەزمەن شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى چۈشىنىپ ئۆگىنىشكە، تولۇق ئۆزلەشتۈرۈشكە، ئەمەلىي ئىشلەشكە كۈچ سەرپ قىلىپ، ئۈلگە بولۇپ، پۈتۈن پارتىيەدىكىلەرنىڭ ئىدىيەۋى ئىرادىسىنىڭ بىرلىككە كېلىشى، ھەرىكەت قەدىمىنىڭ بىردەك بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. ئەستايىدىللىق بىلەن ئەسلىي ئەسەرنى ئۆگىنىش، قائىدىسىنى چۈشىنىش بۇ قېتىمقى باش تېما تەربىيەسىنى ياخشى ئېلىپ بېرىشنىڭ ئاساسى، باشتىن-ئاخىر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنى ئەسلىدىكى ئۆگىنىش ئاساسىدا يېڭى ئىلگىرىلەشكە ئېرىشىش، يېڭى يۈكسەكلىككە يېتىشكە تەربىيەلەپ، يېتەكلەپ، ئۆگىنىشنىڭ نەتىجە-ئۈنۈمىنى پارتىيەۋىلىكنى كۈچەيتىش، ئىقتىدارنى ئۆستۈرۈش، ئىستىلنى ياخشىلاش، خىزمەتلەرگە تۈرتكە بولۇشتا نامايان قىلىش كېرەك. نۆۋەتتە، بەزى پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنىڭ نەزەرىيە ئۆگىنىشىنى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەلىپىگە سېلىشتۇرغاندا يەنىلا خېلى كۆپ پەرق مەۋجۇت بولۇپ، چوڭقۇرلاشتۇرۇش، قەلبكە سىڭدۈرۈش، پۇختا قىلىشنى ئىشقا ئاشۇرالمىدى. ئۆگىنىش، پىكىر يۈرگۈزۈش ۋە قوللىنىشنى تۇتاشتۇرۇشتا، بىلىش، ئىشىنىش ۋە ئىشلىتىشنى بىرلىككە كەلتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنىڭ ئومۇميۈزلۈك، سىستېمىلىق ئۆگىنىش، چوڭقۇر پىكىر يۈرگۈزۈپ ئۆگىنىش، ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ ئۆگىنىشىگە تۈرتكە بولۇپ، ئۈزلۈكسىز ھالدا «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئېتىقاد ئاساسىنى مۇستەھكەملەش، مەنىۋى كالتسىينى تولۇقلاش، ئىدىيەدىن ئىبارەت بۇ رولنى چىڭ تۇتۇش كېرەك.

  نەزەرىيە ئامما تەرىپىدىن ئىگىلەنگەن ھامان قۇدرەتلىك ماددىي كۈچكە ئايلىنىدۇ. شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ئارقىلىق كاللىنى قوراللاندۇرۇش، ئەمەلىيەتكە يېتەكچىلىك قىلىش، خىزمەتلەرگە تۈرتكە بولۇشتا چىڭ تۇرىدىكەنمىز، بىز چوقۇم جۇڭگو خەلقىنىڭ ئۇلۇغ ئارزۇسىنى ئېلىپ ماڭغان پاراخوتنى دولقۇن يېرىپ ئىلگىرىلەشكە يېتەكلەپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنىڭ تېخىمۇ پارلاق كەلگۈسىنى يارىتالايمىز.

  (شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 6-ئاينىڭ 3-كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى