تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەدەنىيەت - ساياھەت

300 مولۇق پاكار ئۈجمىزارلىق كورلا شەھىرىنىڭ قونالغۇ ساياھىتى يېڭى ئەندىزىسىنى ئاچتى

  مۇخبىرىمىز جوۋ خەيشا خەۋىرى: شىنجاڭ بايىغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى كورلا شەھىرى يىڭبىڭ يولىنىڭ ئۇزارتىلغان بۆلەك سول تەرىپىدە «300 مولۇق ئۈجمىزارلىق» دېگەن ۋىۋىسكا ئېسىقلىق. بۇ ئاۋات دېھقانچىلىق مەيدانى ئىككىنچى شۆبە مەيدانىنىڭ ئىشچىسى فۇ گوشىن ئۆستۈرگەن 300 مولۇق پاكارلاشتۇرۇلغان ئۈجمىزارلىق.

  6-ئاينىڭ 1-كۈنى، مۇخبىر كەڭ ئۈجمىزارلىققا كىرگەندە، ئۈجمە دەرىخىنىڭ پەقەت 1.8~1.5 مېتىر ئېگىزلىكتە بولۇپ، قول ئۇزاتسىلا ئۈزگىلى بولىدىغانلىقىنى كۆردى.

  فۇ گوشىننىڭ ئېيتىشىچە، 5-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن باشلاپ، پاكارلاشتۇرۇلغان ئۈجمىزارلىق تۈركۈم-تۈركۈم ساياھەتچىلەرنى جەلپ قىلغان، نۇرغۇنلىغان شەھەر ئاھالىسى ھېيت-بايرام ۋە دەم ئېلىش كۈنلىرىدىن پايدىلىنىپ، بالىلىرىنى بىرگە ئېلىپ كېلىپ، تەبىئەتكە يېقىنلىشىپ، ئۈجمە ئۈزۈش خۇشاللىقىنى ھېس قىلغان.

  «بۇ جايدىكى ئۈجمە دەرەخلىرىدىن ئۈجمە ئۈزۈش ئادەتتىكى ئېگىز ئۈجمە دەرەخلىرىدىن ئۈجمە ئۈزۈشتىن قولايلىق ئىكەن، قولىڭىزنى ئۇزاتسىڭىزلا ئۈزەلەيدىكەنسىز، تەمىمۇ ئىنتايىن ياخشى ئىكەن» دېدى شەھەر ئاھالىسى لى چېنيىڭ.

  فۇ گوشىننىڭ ئېيتىشىچە، بۇ ئۈجمە دەرەخلىرىنى تىككىلى تۆت يىل بولغان بولۇپ، دەرەخلەر مېۋىلەش مەزگىلىگە قەدەم قويغان. كۆپ يىللىق قۇرۇلۇش ئارقىلىق، ھازىر باغدا 26 ئېغىز پۇقراۋى قونالغۇ بارئىكەن، ساياھەتچىلەرنى يېمەك-ئىچمەك ۋە ياتاق بىلەن تەمىنلەپ، كۈنىگە 400 ئادەمنى كۈتۈۋالالايدىكەن. ئۈجمىزارلىقتا ئۈجمىدىن باشقا، يەنە 10 نەچچە مو يەردە توقاچ شاپتۇل، يەتتە مو يەردە ئەنجۈر، بىر قانچە ئۈزۈم كارىدورى، ئالتە مو يەردە ئۆرۈك، ئالتە مو يەردە قارائۆرۈك، 20 مىڭ تۈپ ئامېرىكا قىزىل ئالۇچىسى بار ئىكەن. ئورماندا يەنە توخۇ، غاز، چىپار ياۋا غاز، قىزىل تۇمشۇق ياۋا غاز قاتارلىقلار بېقىلغان. بۇ يەرنىڭ كورلا شەھىرى بىلەن بولغان ئارىلىقى پەقەت ئون نەچچە كىلومېتىر بولۇپ، ھەر ھەپتە ئاخىرىدا  100دىن ئارتۇق ساياھەتچىنى كۈتۈۋالالايدىكەن.

  فۇ گوشىن مۇنداق دېدى: « بۇنداق كەڭ كۆلەمدە پاكار ئۈجمە دەرىخى تىكىشىم كۆلەم شەكىللەندۈرۈش ئۈچۈندۇر. ھازىر ئۈزۈش ساياھىتى ئۈچۈن بىر ئادەمگە 20 يۈەن ھەق ئېلىنىدۇ، باغقا كىرگەندىن كېيىن خالىغانچە تېتىپ باقسا بولىدۇ، ئىسراپ قىلمىسىلا بولىدۇ .»

 

مەسئۇل مۇھەررىر : مىھرىگۈل ناسىر

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى