تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئۈرۈمچى

ئۈرۈمچىنى ئايلانغان يۇقىرى سۈرئەتلىك يولدا قۇرۇلۇش قىلىنىۋاتقان يول بۆلىكىدىن ئىككىسى كۆپەيدى

  مۇخبىرىمىز جاڭ مېڭيۈ، ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز لىيۇ شاۋ، فەن يۈنخۇڭ خەۋىرى: 6-ئاينىڭ باشلىرىدىن باشلاپ، ئۈرۈمچىنى ئايلانغان يۇقىرى سۈرئەتلىك يولدىكى ئىككى يەردە يېڭىدىن «تۆتنى سەككىزگە ئۆزگەرتىش» قۇرۇلۇش بۆلىكى قوشۇلدى. بۇ ئىككىلا جايدا قاتناش يولىنى ئىگىلەپ قۇرۇلۇش قىلىش ئېھتىياجى بولغانلىقتىن، يۇقىرى سۈرئەتلىك يول قاتناش ساقچىلىرى كەڭ شوپۇرلارغا قۇرۇلۇش ئۇچۇرىنى ئالدىن ئىگىلەپ، ئاپتوموبىللىرىنى قۇرۇلۇش قىلىنىۋاتقان يول بۆلەكلىرىدە ئېھتىيات بىلەن ھەيدەشنى ئەسكەرتىدۇ.

  6-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن 9-ئاينىڭ 20-كۈنىگىچە، تۇرپان ـ ئۈرۈمچى ـ داخۇاڭشەن جەنۇبىي لىنىيەسىنىڭ 3525KMدىن 3537KM+200Mغىچە بولغان يول بۆلىكىدە قۇرۇلۇش ئېلىپ بېرىلىدۇ، شۇڭا تۇرپان ـ ئۈرۈمچى يۆنىلىشىدىكى يول تاقىلىدۇ، ئاپتوموبىللار تۇرپان ـ ئۈرۈمچى ـ داخۇاڭشەن جەنۇبىي لىنىيەسىدىكى تۇز كۆل ھەق ئېلىش پونكىتىدىن ئۆتكەندىن كېيىن ، دۆلەت يولىدا مېڭىپ، 3537KM+200M يول بۆلىكىگە كەلگەندە، قۇرۇلۇش يان يولى ئارقىلىق قايتىدىن يۇقىرى سۈرئەتلىك يولغا كىرىدۇ، دۆلەت يولىنىڭ سۈرئەت چەكلىمىسى 70Km/h، ئۈرۈمچىدىن چىقىش يۆنىلىشىدىكى يۇقىرى سۈرئەتلىك يولدا نورمال يۈرگىلى بولىدۇ. شوپۇرلار دىققەت قىلىشقا تېگىشلىكى شۇكى، دۆلەت يولىدىن يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولنىڭ قۇرۇلۇش يان يولىغا كىرگەندە سۈرئەتنى مۇددەتتىن بۇرۇن ئاستىلىتىش، يولنى خالىغانچە ئۆزگەرتمەسلىك كېرەك، ئاپتوموبىل ئۆچىرىتى كۆرۈلگەن بولسا، تەرتىپلىك يول يۈرۈش كېرەك.

  6-ئاينىڭ 3-كۈنىدىن 7-كۈنىگىچە، S114 لىنىيەسىنىڭ 10KM+300Mتىن 13KM+146Mغىچە بولغان يول بۆلىكىدە، سانجى ـ  ئۈرۈمچى شەھىرى مىچۈەن-دۇڭسەن رايونى يۆنىلىشىدە تولۇق يېپىق ھالەتتە قۇرۇلۇش ئېلىپ بېرىلىدۇ. قۇرۇلۇش مەزگىلىدە، ئۈرۈمچى ـ سانجى يۆنىلىشىگە قاراپ ماڭغان ئاپتوموبىللار مۇددەتتىن بۇرۇن سۈرئەتنى ئاستىلىتىپ ئوڭغا بۇرۇلۇپ يېڭى يولغا كىرىپ، يېڭى يولدىن پايدىلىنىپ سانجى يۆنىلىشىگە قاراپ ماڭسا بولىدۇ. سانجى ـــ مىچۈەن-دۇڭسەن رايونى يۆنىلىشىدىكى ئاپتوموبىللار مۇددەتتىن بۇرۇن سۈرئەتنى ئاستىلىتىپ سولغا بۇرۇلۇپ، مىچۈەن-دۇڭسەن رايونى ـ سانجى يۆنىلىشىدىكى ئەسلى ئاپتوموبىل يولىدا ماڭسا بولىدۇ.

  يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول قاتناش ساقچىلىرى شۇنى ئەسكەرتىدۇكى: قۇرۇلۇش قىلىنىۋاتقان يول بۆلىكىنىڭ ئالدى - كەينىدە قاتناش كۆرسەتمە بەلگىسى، سۈرئەت ئاستىلىتىش بەلگىسى تەسىس قىلىنغان بولۇپ، يولدىن ئۆتكەن ئاپتوموبىللار دىققەت بىلەن كۆزىتىپ، سۈرئەتنى ئاستىلىتىپ، بىخەتەرلىككە كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. بۇ يول بۆلەكلىرىدە ئاپتوموبىلدا كاشىلا كۆرۈلسە ياكى قاتناش ھادىسىسى يۈز بەرسە، دەرھال 12122 ياكى 3933919-0991 غا تېلېفون ئۇرۇپ ساقچىغا مەلۇم قىلىپ ياردەم سورىسا بولىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تىيانشان تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • شىنجاڭ ئېكولوگىيەسىدىكى زور بايقاش: خوشۇت جىنشاتەندە قۇش ئۇۋىسى مىڭدىن ئاشىدىغان قۇش ئارىلى بايقالدى
  • سۈزۈك سۇ، يېشىل قىرغاقلار ئەتىۋارلىق قۇشلارنى جەلپ قىلدى ‏
  • كۇچادا ئۆرۈك پىشتى ‏
ئالاقىلىشىڭ ئەسەر ئەۋەتىڭ خەت قالدۇرۇڭ تورىمىز ئىختىيارى مۇخبىرلار خەت ساندۇقى