تىيانشان تورى   ›   گۈزەل جۇڭگو   ›   سەيلىگاھ

[سۈزۈك سۈرەتلەر] باغراش ناھىيەسىدىكى غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى كەشتە كۆرگەزمىسىدە «بارماق ئۇچىدىكى مەدەنىيەت» نامايان قىلىندى

     تىيانشان تورى خەۋىرى (ئىختىيارىي مۇخبىر ۋاڭ لۇبىن، خې ياڭ فوتوسى) «جۇڭگو شىخەي·شەرققە قايتىش ئارزۇسى» شىنجاڭ بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى باغراش ناھىيەسى 5-نۆۋەتلىك ساۋۇردىن يۇرتى مەدەنىيەت-سەنئەت بايرىمىنىڭ يېپىلىش مۇراسىمى 5-ئاينىڭ 31-كۈنى تيەنخۇۋەن مەيدانىدا ئۆتكۈزۈلدى، مۇراسىمدا 1000دىن ئارتۇق غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى  كەشتچىلىك ئەسەرلىرى كۆرگەزمە قىلىنىپ، پۈتۈن مەيداندىكىلەرنى ھەيران قالدۇرۇپ، ساياھەتچىلەرگە بىر مەيدان كاتتا مەدەنىيەت زىياپىتى بەردى.

     ھەربىر يىڭنە، ھەربىر يىپ ئەنئەنىۋى كەشتىچىلىكنىڭ زامانىۋى تۇرمۇشقا سىڭىپ كىرىشىدىكى يېڭى يارقىن نۇقتىلارنى ئەكس ئەتتۈردى، ياسىلىشى نەپىس، ھۈنەر-سەنئىتى كامالەتكە يەتكەن قول ھۈنەر-سەنئەت بۇيۇملىرى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ۋە ھۈنەر-سەنئەتكە ۋارسلىق قىلدى ھەمدە باغراش مەدەنىيىتىنىڭ چوڭقۇر ئاساسىنى نامايان قىلىپ، يەرلىك غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنىڭ ئۆزگىچە قىياپىتىنى ئەكىس ئەتتۈردى. خاسلىققا ئىگە جىيەك، كەمەر، ئاياغ-دوپپا، كەشتە بۇيۇمى، زىننەت بۇيۇمى قاتارلىق ئەسەرلەر نەق مەيداندا «ئۆزىنى كۆرسىتىپ»، ساياھەتچىلەرنىڭ توختىماي ماختىشىغا ئېرىشتى. 

    قومۇل شەھىرىدىن كەلگەن ساياھەتچى سۇڭ سىيۈنىڭ ئېيتىشچە، بۇ ئۇنىڭ باغراش كۆلىگە 6-قېتىم كېلىپ ساياھەت پائالىيىتىگە قاتنىشىشى ئىكەن، ھەر قېتىم غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى قول ھۈنەر-سەنئەت كۆرگەزمە بۇيۇملىرىدىن ھۇزۇرلىنىپ، بىر قانچىنى سېتىۋېلىپ قايتىدىكەن، ئۇنىڭ ئۆيىدىكىلىرىمۇ بۇ بۇيۇملارنى ناھايىتى ياخشى كۆرىدىكەن.   

   2019-يىلى، باغراش ناھىيەسى پۈتۈن رايون ساياھىتى ئىستراتېگىيەسىنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، ساياھەتچىلىكنى ئەۋزەل كەسىپ قىلىپ، خاس مەدەنىيەتنى تولۇق قېزىپ، «غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى +بايرام، غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى +ساياھەت، غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى +تەنتەربىيە» ئەندىزىسىنى قوللىنىپ، مەدەنىيەت بىلەن ساياھەتنى ئورگانىك بىرلەشتۈرۈپ، پۈتۈن رايون ساياھىتى ئۈلگە كۆرسىتىش رايونى ماركىسىنى بەرپا قىلىپ، باغراش ناھىيەسى ساياھەتچىلىكىنىڭ تونۇلۇش دەرىجىسى ۋە ماركا تەسىر كۈچىنى يەنىمۇ ئاشۇردى.

      باغراش ناھىيەلىك مەدەنىيەت، تەنتەربىيە، رادىيو، تېلېۋىزىيە ۋە ساياھەت ئىدارىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى گۇ شيۇجۈن مۇنداق دېدى: «غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى ئىنسانلارنىڭ شەكىلسىز مەدەنىيەت مىراسى، پۈتۈن رايون ساياھىتى غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداش ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىش ئۈچۈن يېڭى ئىدىيە ۋە يېڭى يول ئېلىپ كېلىپ، غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداش ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈشكە قولايلىق ياراتتى.»

مەسئۇل مۇھەررىر : مىھرىگۈل ناسىر

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى