تىيانشان تورى خەۋىرى (ئىختىيارىي مۇخبىر بەي يۈنفېڭ): سوقا گەۋدىسى، تۈگمەن تېشى، چاقپەلەك، ئېگەر، يەر خېتى، كىرسىن چىراغ... شىنجاڭ سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى گۇچۇڭ ناھىيەسى لوچىتەي بازىرىدىكى تېرىقچىلىق مۇزېيىدا، ئوخشىمىغان دەۋرلەردىكى 100دىن ئارتۇق كونا بۇيۇم كۆرگەزمە ئۈستىلىگە رەتلىك قويۇلغانىدى، بۇ بۇيۇملارغا لوچىتەي بازىرىنىڭ تەرەققىيات ئۆزگىرىش تارىخى خاتىرىلەنگەن بولۇپ، شىنجاڭ ئىچى-سىرتىدىكى نۇرغۇن ساياھەتچىنى ئېكسكۇرسىيە قىلىشقا جەلپ قىلدى.
لوچىتەي بازىرى تېرىقچىلىق مۇزېيىنىڭ ئىگىلىگەن يەر كۆلىمى 800 كىۋادرات مېتىر، ھازىر مۇزېيدا ساقلانغان بۇيۇم تەخمىنەن 1300دىن ئاشىدۇ. مۇزېي كۈتۈۋېلىش زالى، كارىدور ۋە ئالتە كۆرگەزمە زالىدىن تەشكىل تاپقان بولۇپ، مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى كۆرگەزمىسى، غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى، ھازىرقى زامان تارىخى كۆرگەزمىسى، تېرىقچىلىق مەدەنىيىتى، مىللىي ئۆرپ-ئادەت قاتارلىق بەش چوڭ بۆلەك تەسىس قىلىنىپ، لوچىتەي بازىرىنىڭ تارىخىي مەدەنىيىتى ھەر تەرەپلىمە كۆرگەزمە قىلىنغان.
«ياغاچتىن ياسالغان دان ئايرىش ماشىنىسى، پەنەر چىراغ، ساپان، تۈگمەن تېشى قاتارلىق بۇ كونا بۇيۇملار ئىستېمال قىممىتىنى يوقاتقان بولسىمۇ، ئەمما كىشىگە تارىخنى ئەسلىتىدۇ، كىشىنى ئويغا، ھاياجانغا سالىدۇ» دېدى بېيجىڭدىن كەلگەن ساياھەتچى لى مېيلەن.