تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئۈرۈمچى

بۇ ھەپتە ئۈرۈمچىدە ياز كېلىدۇ

  ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى خەۋىرى: (مۇخبىر لياڭ لې): ھېلى سوغۇق، ھېلى ئىسسىق 5-ئاينى ئۆتكۈزگەن ئۈرۈمچىدە 6-ئايدىن باشلاپ دېيىشىۋالغاندەكلا ياز كەلدى.

  مېتېئورولوگىيە تارماقلىرىنىڭ مۆلچەرلىشىچە، دۈشەنبە ياغقان يامغۇر تېمپېراتۇرىغا بەك چوڭ تەسىر كۆرسەتمەيدىكەن، بۇ ھەپتە ئۈرۈمچىدە ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، ئاساسلىق شەھەر رايونلىرىدا يۇقىرى تېمپېراتۇرا 27تىن يۇقىرى، تۆۋەن تېمپېراتۇرا 18 ئەتراپىدا بولىدىكەن. ھەپتە ئوتتۇرىسىدا، ئۈرۈمچى شەھىرىدە ئوتتۇرىچە تېمپىراتۇرا ئۇدا 5 كۈن 20تىن يۇقىرى بولغان ياز پەسلىگە كىرىش ئۆلچىمىگە يېتىپ، ياز پەسلىگە رەسمىي قەدەم قويىدىكەن.

  ئەمدىلا ئۆتۈپ كەتكەن ھەپتە ئاخىرىدا، يازنىڭ پۇرىقى ھەممە يەرگە تارالدى. شەھەرلىك مېتېئورولوگىيە ئىستانسىسىنىڭ ئۆلچىشىچە، ئاساسلىق شەھەر رايونىنىڭ تېمپېراتۇرىسى ئومۇميۈزلۈك 28 ئەتراپىدا، مىچۈەن-دۇڭسەن رايونى ۋە شىمالىي شەھەر رايونىدا تېمپېراتۇرا ئۆرلەپ 30تىن يۇقىرى بولغان. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، شىنجاڭنىڭ كۆپ قىسىم رايونلىرىدا تېمپېراتۇرا ئۆرلەش ۋەزىيىتى ساقلانغان، تۇرپاندا  تېمپېراتۇرا بىر مەھەل 40تىن ئاشقان.

  بۇ ھەپتە گەرچە سوغۇق ھاۋا ئېقىمى بولسىمۇ، لېكىن تېمپېراتۇرا شىددەت بىلەن تۆۋەنلەپ كەتمەيدىكەن، شەھەرلىك مېتېئورولوگىيە ئىستانسىسىنىڭ ئالدىن مەلۇماتىغا قارىغاندا، ئۈرۈمچى شەھىرىدە دۈشەنبە كۈنى ئازراق يامغۇر يېغىپ ھاۋا بۇلۇتلۇق بولىدىكەن، جۈمە كۈنىنىڭ ئالدى-كەينىدىمۇ ئازراق يامغۇر يېغىشى مۇمكىن ئىكەن، سوغۇق ھاۋا ئېقىمى بىر قەدەر ئاجىز بولغاچقا، تېمپېراتۇرا بەك تۆۋەنلەپ كەتمەيدىكەن. ئومۇمەن، بۇ ھەپتە ئۈرۈمچىدە ھاۋا ئوچۇق بولىدىكەن، ئاساسلىق شەھەر رايونىدا كۈندۈزلۈك تېمپېراتۇرا 27تىن يۇقىرى، ئەتىگەن ۋە كەچتتىكى تېمپېراتۇرا 18 ئەتراپىدا بولىدىكەن.

  مېتېئورولوگىيە ئۆلچىمىگە ئاساسلانغاندا، ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرا ئۇدا 5 كۈن 20تىن يۇقىرى بولسا ھەمدە كېيىنكى مەزگىلدە تېمپېراتۇرا كۆرۈنەرلىك تۆۋەنلىمىسە، بۇ ياز پەسلىنىڭ باشلانغانلىقىدىن دېرەك بېرىدىكەن. ھازىر مەركىزىي شەھەرنىڭ ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرىسى 20تىن يۇقىرى بولۇپ، بۇ ھەپتە يەنىلا تېمپېراتۇرا ئۆرلەش يۈزلىنىشىنى ساقلايدىكەن، مۇنداقچە ئېيتقاندا، بۇ ھەپتە رەسمىي ياز كېلىدىكەن.

  ئاپتونوم رايون مىقياسىدىن قارىغاندا، كەلگۈسى ئۈچ كۈندە شىمالىي شىنجاڭنىڭ تاغلىق رايونلىرىدا ھۆل-يېغىن كۆپ بولۇپ، قىسمەن جايلاردا ھۆل-يېغىن مىقدارى ناھايىتى يۇقىرى بولىدىكەن، جەنۇبىي شىنجاڭدا بىر قەدەر كەڭ دائىرىلىك چاڭ-توزانلىق ھاۋارايى كۆرۈلىدىكەن. ئاپتونوم رايونلۇق مېتېئورولوگىيە ئىستانسىسى قارا يامغۇردىن ئاگاھلاندۇرۇش كۆك رەڭلىك  سىگنالى ۋە قۇم-بوراندىن ئاگاھلاندۇرۇش سېرىق رەڭلىك سىگنالى تارقىتىپ، ئالاقىدار تارماقلار ۋە ئاممىنى ۋاقتىدا ئالدىنى ئېلىشقا ئەسكەرتتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تىيانشان تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • شىنجاڭ ئېكولوگىيەسىدىكى زور بايقاش: خوشۇت جىنشاتەندە قۇش ئۇۋىسى مىڭدىن ئاشىدىغان قۇش ئارىلى بايقالدى
  • سۈزۈك سۇ، يېشىل قىرغاقلار ئەتىۋارلىق قۇشلارنى جەلپ قىلدى ‏
  • كۇچادا ئۆرۈك پىشتى ‏
ئالاقىلىشىڭ ئەسەر ئەۋەتىڭ خەت قالدۇرۇڭ تورىمىز ئىختىيارى مۇخبىرلار خەت ساندۇقى