تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئۈرۈمچى

بۇ ھەپتىدە ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ ھاۋا تېمپېراتۇرىسى ℃30غا يېتىدۇ

    تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىرىمىز يۈ مېڭفەن): ياز زادى قاچان كەلدى؟ بۇنى ھېچكىم ئېنىق ئەسلىيەلمەيدۇ - يۇ، باھارنىڭ ئاخىرىدا ياغقان نەچچە قېتىملىق يامغۇردىن كېيىن، كوچىلاردىكى يېشىللىق ئارىسىدا ھەرخىل گۈللەرنىڭ پورەكلەپ ئېچىلغانلىقىنى؛ سەھەردە دېرىزىنى ئاچقاندا، سالقىن شامالدا جىگدە چېچىكى خۇش ھىدىنىڭ دىماغقا ئۇرۇلغانلىقىنى ئەسلىيەلەيدۇ. ئاجىز سوغۇق ھاۋا ئېقىمى يېتىپ كەلگەندىن كېيىن، ئەڭ يۇقىرى ھاۋا تېمپېراتۇرىسى يەنىلا «2»دىن باشلانغان بولسا، ئۇنداقتا ياز چوقۇم كەلگەن بولىدۇ!

  6-ئاينىڭ 3-كۈنى، مۇخبىرنىڭ شىنجاڭ مېتېئورولوگىيە ئىستانسىسىدىن ئىگىلىشىچە، ئاجىز سوغۇق ھاۋا ئېقىمىنىڭ تەسىرىدە، بۇ ھەپتە شىنجاڭنىڭ كۆپ قىسىم تاغلىق رايونلىرىدا ئارقا - ئارقىدىن يامغۇر ياغىدىكەن، شىنجاڭنىڭ كۆپ قىسىم شەھەر رايونلىرىدا ھاۋا ئاساسەن بۇلۇتلۇق بەزىدە ئوچۇق بولىدىكەن، ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرا «2»دىن باشلىنىدىكەن. دۈشەنبە ياغقان ئازراق يامغۇردىن كېيىن، مۆلچەرلىنىشىچە 6-ئاينىڭ 6-كۈنى ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ مەركىزىي شەھەر رايونىدا ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃30غا يېتىدىكەن.

  ياز پەسلىنىڭ «ئۆز مەيدان ئۈستۈنلۈكى»دىن گۇمانلىنىشقا بولمايدۇ، ئاجىز سوغۇق ھاۋا ئېقىمىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان تەقدىردىمۇ، ھاۋا تېمپېراتۇرىسى نىسبەتەن يۇقىرى ھەم مۇقىم بولغان شەھەر رايونىغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، پەقەت ئاندا - ساندا يامغۇر ياغىدۇ ھەمدە تېمپېراتۇرا سەل تۆۋەنلەيدۇ. نىسبەتەن ئېيتقاندا، تېمپېراتۇرا تېخى زور دەرىجىدە ئۆرلىمىگەن تاغلىق رايونلاردا ئارقا - ئارقىدىن ھۆل-يېغىن كۆرۈلىدۇ.

  شىنجاڭ مېتېئورولوگىيە ئىستانسىسىنىڭ باش مەلۇماتچىسى دۇ شىنيىڭ مۇنداق دېدى: يېڭى بىر قېتىملىق ئاجىز سوغۇق ھاۋا ئېقىمى ئاساسلىقى شىنجاڭنىڭ كۆپ قىسىم تاغلىق رايونلىرىغا ھۆل - يېغىن ئېلىپ كېلىدۇ، ھازىرقى ئالدىن مەلۇمات ئانالىزىدىن قارىغاندا، كەلگۈسى تۆت كۈندە، ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى ۋە بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ غەربىي قىسمى، شىخەنزە شەھىرىنىڭ جەنۇبىي قىسمىدىكى تاغلىق رايون، سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ تاغلىق رايونى، قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ تاغلىق رايونى، قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ تاغلىق رايونى، ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ شىمالىي قىسمىدىكى تاغلىق رايون، بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ شىمالىي قىسمىدىكى تاغلىق رايون قاتارلىق جايلارنىڭ قىسمەن جايلىرىدا سۇس، ئازراق يامغۇر ياغىدۇ.

  بۇنىڭ ئىچىدە، ئىلى ئوبلاستىنىڭ تاغلىق رايونىدىكى قىسمەن جايلاردا ئوتتۇراھال، قاتتىق يامغۇر ياغىدۇ، قىسمەن جايلاردا قارا يامغۇر ياغىدۇ. شىنجاڭنىڭ باشقا رايونلىرىدا ھاۋا ئوچۇق، بەزىدە بۇلۇتلۇق بولۇپ، شامال كۈچى ئانچە چوڭ بولمايدۇ. جەنۇبىي شىنجاڭ تارىم ئويمانلىقىنىڭ شەرقىي قىسمىدا تۆت بال ئەتراپىدا قىيپاش شەرق شامىلى چىقىدۇ، قىسمەن رايونلاردا ئوخشاش بولمىغان دەرىجىدە قۇم - توزانلىق ھاۋارايى كۆرۈلىدۇ. شىنجاڭنىڭ باشقا رايونلىرىدا ھاۋا ئوچۇق، بەزىدە بۇلۇتلۇق بولۇپ، شامال كۈچى چوڭ بولمايدۇ.

  بۇ ھەپتە ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ مەركىزىي شەھەر رايونىدا ياغقان سىم - سىم يامغۇر بىلەن باشلاندى. 6-ئاينىڭ 3-كۈنى سائەت 6 ۋە سائەت 9دا، ئايرىم - ئايرىم ھالدا 0.1 مىللىمېتىر يامغۇر ياغدى، ئىككى قېتىملىق يىغىندى ھۆل-يېغىن مىقدارى 0.2 مىللىمېتىر بولۇپ، ئەتىگەندە ئىشقا بېرىشقا تەسىر يەتكۈزمىدى، يەنە تېخى ھاۋانى نەمخۇش قىلدى. ئۈرۈمچى شەھەرلىك مېتېئورولوگىيە ئىستانسىسىنىڭ باش مەلۇماتچىسى ۋاڭ جيەن مۇنداق دېدى: «گەرچە يامغۇر يېغىپ، ھاۋا سەل تۇتۇق بولسىمۇ، بىراق ھاۋارايىغا چوڭ تەسىر كۆرسەتمىدى، ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرا يەنىلا ℃25دىن يۇقىرى بولدى. سەيشەنبىدىن پەيشەنبىگىچە تېمپېراتۇرا ئۆرلەيدۇ، پەيشەنبە كۈنىدىكى ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃30غا يېتىشى مۇمكىن. 6-ئاينىڭ 7-كۈنى ئۆتكۈنچى يامغۇر يېغىشى، تېمپېراتۇرا سەل تۆۋەنلىشى مۇمكىن.»

  ئىگىلىنىشىچە، بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، ئۈرۈمچى شەھىرىدە ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرا 5-ئاينىڭ 21-كۈنى كۆرۈلگەن بولۇپ، شۇ كۈندىكى ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃30.8 بولغان.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تىيانشان تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • شىنجاڭ ئېكولوگىيەسىدىكى زور بايقاش: خوشۇت جىنشاتەندە قۇش ئۇۋىسى مىڭدىن ئاشىدىغان قۇش ئارىلى بايقالدى
  • سۈزۈك سۇ، يېشىل قىرغاقلار ئەتىۋارلىق قۇشلارنى جەلپ قىلدى ‏
  • كۇچادا ئۆرۈك پىشتى ‏
ئالاقىلىشىڭ ئەسەر ئەۋەتىڭ خەت قالدۇرۇڭ تورىمىز ئىختىيارى مۇخبىرلار خەت ساندۇقى