بۇرۇلتوقاي ناھىيەسىدىكى دېڭىز ئۈستى موگۇيچېڭىنىڭ مەنزىرىسى. (ۋۇ ۋېنشيا فوتوسى)
شىنخۇا تورى، ئۈرۈمچى، 5-ئاينىڭ 30-كۈنى تېلېگراممىسى (ۋۇ ۋېنشيا): شىنجاڭ بۇرۇلتوقاي ناھىيەسىدىكى دېڭىز ئۈستى موگۇيچېڭى جىلى كۆلىنىڭ شەرقىي قىرغىقى، ئۇلۇڭگۇر دەرياسىنىڭ كۆلگە قويۇلۇش ئېغىزىغا جايلاشقان، ئادەتتە شەرقىي دەريا ئېغىزى دەپ ئاتىلىدۇ، بۇرۇلتوقاي ناھىيە بازىرىدىن 14 كىلومېتىر يىراقلىقتا بولۇپ، قاتناش قولايلىق. بۇ يەردە ھەم دېڭىز ساھىلى مەنزىرىسى، ھەم جىلغا مەنزىرىسىنى كۆرگىلى بولىدۇ. بۇ ئاز ئۇچرايدىغان يارداڭلىق جەنۇب-شىمال يۆنىلىشىدە بولۇپ، 10 نەچچە چاقىرىمغا سوزۇلغان، يانتۇلۇقى چۆرگىلىمەچ شەكىلدە بولۇپ، تىك ئېگىزلىكى ئوتتۇرىچە 20 مېتىرغا يېتىدۇ، ئۇزۇن يىل يامغۇرنىڭ نەمدىشى، شامالنىڭ يىمىرىشى تۈپەيلى، ئۇلارنىڭ بەزىلىرى بەئەينى ھەيۋەتلىك ئوردىغا ئوخشىسا، بەزىلىرى كۆككە تاقاشقان مۇنارغا، بەزىلىرى ھەر خىل شەكىلدىكى قەلئەلەرگە ئوخشاپ قالغان. يىراقتىن قارىغاندا خۇددىي سۇ يۈزىدە لەيلەپ تۇرغان قەلئەگە ئوخشىغاچقا، يەرلىك كىشىلەر ئوبرازلىق قىلىپ «دېڭىز ئۈستى موگۇيچېڭى» دەپ ئاتىغان.
بۇرۇلتوقاي ناھىيەسىدىكى دېڭىز ئۈستى موگۇيچېڭىنىڭ مەنزىرىسى. (ياڭ شياۋدۇڭ فوتوسى)
بۇرۇلتوقاي ناھىيەسىدىكى دېڭىز ئۈستى موگۇيچېڭىنىڭ مەنزىرىسى. (ۋۇ ۋېنشيا فوتوسى)