شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 6-ئاينىڭ 2-كۈنى تېلېگراممىسى: دېئوكسى رىبونۇكلېئىك كىسلاتا (DNA) ئادەم بەدىنىدىكى مۇھىم ئىرسىيەت ماددىسى بولۇپ، ئىلگىرى ئۇنىڭ خېلى كۆپ قىسىمى كېرەكسىز، «ئەخلەت DNA» دەپ قارالغان. لېكىن بىر تۈرلۈك يېڭى تەتقىقاتتا «ئەخلەت DNA»دە تۇيۇقسىز ئۆزگىرىش يۈز بەرسە، تەنھالىق كېسىلىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن ئىكەنلىكى كۆرسىتىلگەن.
تەتقىقاتچىلار تەنھالىق كېسىلىگە گىرىپتار بولغان 1790 بىمارنىڭ گېن گۇرۇپپىسىنى تەھلىل قىلغان. بۇ بىمارلاردا تەنھالىق كېسىلى جەمەت تارىخى يوق بولۇپ، ئۇلارنىڭ كېسەللىك ئەھۋالى گېنلارنىڭ تۇيۇقسىز ئۆزگىرىشىدىن كەلگەن بولۇشى مۇمكىن ئىكەن.
تەتقىقاتچىلار سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىداردىكى ماشىنىلىق ئۆگىنىش تېخنىكىسىدىن پايدىلىنىپ بىر ئانالىز مودېلى ياساپ، تەنھالىق كېسىلىگە گىرىپتار بولغان بىمارلار بىلەن ئۇلارنىڭ تەنھالىق كېسىلىگە گىرىپتار بولمىغان ئاكا-ئۇكا، ئاچا-سىڭىللىرى قاتارلىق تۇغقانلىرىنىڭ گېن گۇرۇپپىسىنى سېلىشتۇرغان، نەتىجىدە «ئەخلەت DNA»نىڭ تۇيۇقسىز ئۆزگىرىشى بەزى گېنلارنىڭ تەڭشىلىشى ۋە ئىپادىلىشىگە تەسىر كۆرسىتىپ، تەنھالىق كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش خەۋپىنى ئاشۇرۇۋېتىشى مۇمكىن ئىكەنلىكى كۆرسىتىلگەن.
تونۇشتۇرۇلۇشىچە، ئىنسانلار گېن گۇرۇپپىسىنىڭ %1تىن %2كىچە بولغان قىسىمىلا ئاقسىلنى كودلاشقا مەسئۇل بولىدىغان بولۇپ، قالغان قىسىمى ئىلگىرى كېرەكسىز «ئەخلەت DNA» دەپ قارالغان. لېكىن يېقىندىن بۇيان «ئەخلەت DNA»نىڭ نۇرغۇن فىزىيولوگىيەلىك مېخانىزمدا مۇھىم تەڭشەش-تىزگىنلەش رولىنى ئوينايدىغانلىقى تېخىمۇ كۆپ دەلىل-ئىسپاتلاردىن ئايان بولغان.
تەتقىقاتچىلار بۇ نەتىجە تەنھالىق كېسىلىنىڭ كېسەللىك سەۋەبى ئۈستىدە ئىزدىنىشكە يېڭى بايقاش نۇقتىسى تەمىنلەپلا قالماي، يەنە كىشىلەرنى مۇشۇنىڭغا ئوخشاش ئۇسۇللار ئارقىلىق «ئەخلەت DNA»نىڭ راك كېسىلى ۋە يۈرەك كېسىلى قاتارلىق كېسەللىكلەردىكى تەسىرى ئۈستىدە ئىزدىنىشكە بولىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىدۇ، دەپ قارىدى.