تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئۈرۈمچى

ئۈرۈمچى شەھەر ئاستا يۈرۈش سىستېمىسى بەرپا قىلىپ، يېڭىدىن ئۈچ رەڭلىك پىيادىلەر يولىنى كۆپەيتتى

  تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىر رېن چۈنشياڭ): بۇ بىر نەچچە كۈندە، ئۈرۈمچىدىكىلەر خۇڭسەن باغچىسى، نەنخۇ ئاھالىلەر مەيدانى ۋە شىمىگۇ باغچىسى ئەتراپىدا قىزىل، كۆك، يېشىل رەڭلىك ئۈچ يولنىڭ پەيدا بولغانلىقىنى بايقايدۇ، بۇ ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ شەھەر ئاستا يۈرۈش سىستېمىسى بەرپا قىلىش ئۈچۈن يېڭىدىن لايىھەلەپ بەرپا قىلىۋاتقان ئۈچ يېپىق ھالقىسىمان ئاستا مېڭىش يولى بولۇپ، شەھەر ئاھالىلىرى بۇ پىيادىلەر يولىدا ماڭغاچ ياكى ئاستا يۈگۈرگەچ مەنزىرىلەردىن ھۇزۇرلىنىپ، شەھەرنىڭ ئاستا يۈرۈش تۇرمۇشىنى ھېس قىلالايدۇ.

  يېشىل سەپەرگە ئىلھام بېرىپ، ئاستا يۈرۈش سىستېمىسىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش رەسمىي تۈردە شەھەر تەرەققىياتىنىڭ كەلگۈسى يۆنىلىشىگە ئايلاندى. شەھەر ئاستا يۈرۈش سىستېمىسى پىيادە مېڭىش، ۋېلىسسىپىت مىنىش، ئاممىۋى ئاپتوبۇس قاتارلىق ئاستا سۈرئەتلىك سەپەرگە چىقىش ئۇسۇلىنى شەھەر قاتنىشىنىڭ سۇبيېكتى قىلىپ، تېز-ئاستا قاتناشنىڭ توقۇنۇشى قاتارلىق مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ، ئاھالىلەرنى «پىيادە مېڭىش + ئاممىۋى ئاپتوبۇسقا چىقىش» قاتارلىق سەپەرگە چىقىش ئۇسۇلىنى قوللىنىشقا يېتەكلەيدۇ.

  ئاستا پىيادىلەر يولى قۇرۇلۇشى دەل شەھەر ئاستا يۈرۈش سىستېمىسىنىڭ بىرى. بۇ قېتىم بەرپا قىلىنغان ئۈچ يېپىق ھالقىىسىمان ئاستا مېڭىش يولى ئايرىم ھالدا خۇڭسەن باغچىسى ئەتراپى، نەنخۇ ئاھالىلەر مەيدانى ئەتراپى ۋە شىمىگۇ باغچىسى ئەتراپىدا بولۇپ، ھەر قايسىسىنىڭ ئۇزۇنلۇقى تەخمىنەن 10 كىلومېتىر كېلىدۇ. خۇڭسەن ۋە نەنخۇدىكى پىيادىلەر يولى ئاللىقاچان پۈتۈپ ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى، شىمىگۇدىكىسى 6-ئاينىڭ 10-كۈنىدىن بۇرۇن پۈتىدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى