تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش

مائارىپ ئارقىلىق نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىش كېرەك

شاۋ خۇڭ «3- سېنتەبىر» ئىلمىي جەمئىيىتى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش گۇرۇپپىسىنى باشلاپ شىنجاڭغا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشقا كەلدى

مائارىپ ئارقىلىق نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىش كېرەك

  شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لى ياڭ خەۋەر قىلىدۇ: 6- ئاينىڭ 2- كۈنى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، «3- سېنتەبىر» ئىلمىي جەمئىيىتى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ دائىمىي مۇئاۋىن رەئىسى شاۋ خۇڭ «3- سېنتەبىر» ئىلمىي جەمئىيىتى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش گۇرۇپپىسىنى باشلاپ شىنجاڭغا كېلىپ، «ئېغىر نامرات رايونلارنى مائارىپ ئارقىلىق نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش»نى چۆرىدەپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى قانات يايدۇردى. 6- ئاينىڭ 2- كۈنى چۈشتىن كېيىن، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش گۇرۇپپىسىدىكىلەر ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرى ھەم ئالاقىدار تارماقلارنىڭ مەسئۇللىرى بىلەن سۆھبەتلەشتى.

  ئالاقىدار تارماقلارنىڭ دوكلاتىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، شاۋ خۇڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: نامراتلارنى يۆلەشتە ئالدى بىلەن ئەقىل جەھەتتىن يۆلەش كېرەك، مائارىپ نامراتلىقنىڭ ئەۋلادمۇئەۋلاد داۋاملىشىشىنى توسىدىغان ماھىيەتتىن تۈزەش تەدبىرى، مائارىپ ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا ئىنتايىن مۇھىم ئورۇنغا ئىگە. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى مائارىپ ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەشكە يۈكسەك ئەھمىيەت بەردى. شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم مائارىپ ئارقىلىق نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى زىچ چۆرىدەپ، «ئىككىدىن غەم قىلدۇرماسلىق، ئۈچتە كاپالەتلەندۈرۈش»نى چىڭ ئىگىلەپ، دىققەتنى جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستتىكى ئېغىر نامرات رايونلارغا مەركەزلەشتۈرۈپ، بىر قاتار كۈچلۈك تەدبىرلەرنى ئوتتۇرىغا چىقاردى. بولۇپمۇ ئوقۇشتىن قېلىشنى تىزگىنلەپ، ئوقۇشقا كاپالەتلىك قىلىش، ئائىلىسىدە ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقى بار ئوقۇغۇچىلارنىڭ «ياردەم بېرىشكە تېگىشلىكلىرىگە تولۇق ياردەم بېرىش»، دۆلەت ئورتاق تىل - يېزىقى مائارىپىنى ئالغا سىلجىتىش، ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنىنى تولۇقلاش، ئەلالاشتۇرۇش قاتارلىق جەھەتلەردە پۇختا، يېتەرلىك كۈچ سەرپ قىلىپ، كۆرۈنەرلىك نەتىجە - ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈردى. ئاپتونوم رايوننىڭ قىيىنچىلىقلارغا دادىل يۈزلىنىپ ئىلگىرىلەپ، غەيرەت ئۈستىگە غەيرەت قوشۇپ، ھازىر بار بولغان نەتىجە - ئۈنۈمنى داۋاملىق مۇستەھكەملەپ، مائارىپ ئارقىلىق نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

  شاۋ خۇڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: 3- سېنتەبىر ئىلمىي جەمئىيىتى ئۇزاقتىن بۇيان مائارىپ ئىسلاھاتى ۋە تەرەققىياتىغا كۆڭۈل بۆلۈپ كەلدى، «ئېغىر نامرات رايونلارنى مائارىپ ئارقىلىق نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش» 3- سېنتەبىر ئىلمىي جەمئىيىتى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ بۇ يىللىق نۇقتىلىق تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىدىغان تېمىلىرىنىڭ بىرى. بۇ قېتىمقى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ئارقىلىق شىنجاڭنىڭ يېقىنقى يىللاردىن بۇيانقى مائارىپ ئىشلىرىنىڭ تېز، ساغلام تەرەققىي قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى ياخشى تەجرىبىلىرى، ياخشى ئۇسۇللىرىنى يەكۈنلەپ ۋە كېڭەيتىپ، شىنجاڭنىڭ، بولۇپمۇ جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ مائارىپ ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش جەھەتتە ساقلىنىۋاتقان چەكلەش خاراكتېرلىك مەسىلىلىرىنى دەل جايىدا بايقاپ، 3- سېنتەبىر ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ ئۆز ئەۋزەللىكىنى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا جارى قىلدۇرۇپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىغا پائال چارە - تەدبىر كۆرسىتىپ، شىنجاڭنىڭ ئۆز ئەمەلىيىتىگە ئاساسەن دۆلەتنىڭ ئالاقىدار سىياسەتلىرىنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈشىگە ياردەم بېرىپ، شىنجاڭنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە غەلىبە قىلىشى، جەڭنى ياخشى قىلىشىغا كۈچ قوشۇشقا تۆھپە قوشۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

  ئاپتونوم رايوننىڭ رەھبىرى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش، 3- سېنتەبىر ئىلمىي جەمئىيىتى مەركىزىي كومىتېتى باشتىن - ئاخىر شىنجاڭ خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بەردى، بۇ قېتىمقى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش، بولۇپمۇ مائارىپ ئارقىلىق نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنى ئالغا سىلجىتىشتا مۇھىم يېتەكچىلىك رولىغا ئىگە. بىز شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ نامراتلارنى يۆلەش خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى زىچ چۆرىدەپ، دىققەتنى ئېغىر نامرات رايونلارنىڭ مائارىپ ئارقىلىق نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش گۇرۇپپىسى ئوتتۇرىغا قويغان تەلەپلەر بويىچە ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ياخشى تۇتۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە ئۆز قەرەلىدە غەلىبە قىلىشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشىمىز كېرەك.

  يىغىندا ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتى، تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى، مالىيە نازارىتى، ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتىدىكى ئالاقىدار مەسئۇل يولداشلار پىكىر ئالماشتۇرۇپ سۆز قىلدى.

  ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى مۇتەللىپ ئوبۇل سۆھبەت يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى