تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   ئوبزور

باش تېما تەربىيەسىنىڭ ئومۇمىي تەلىپىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرايلى

ــــ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسى خىزمىتى يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدا

خەلق گېزىتى ئوبزورچىسى

  باش پىروگرامما تىكلەنسە، تارماق نىشانلار ئايدىڭلىشىدۇ، بىر تومنىڭ مەزمۇنى ئېنىق يېشىلسە، نۇرغۇن ماقالىنىڭ مەزمۇنى روشەنلىشىدۇ.

  «ئەسلىي مەقسەتنى ساقلاپ، بۇرچنى زىممىگە ئېلىپ، پەرقلەرنى تېپىپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تۇتۇش»، «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسى خىزمىتى يىغىنىدا باش شۇجى شى جىنپىڭ باش تېما تەربىيەسىنىڭ ئومۇمىي تەلىپىنى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويدى. بۇ ئومۇمىي تەلەپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيە قۇرۇلۇشى ۋەزىپىسىگە ئاساسلانغان، پارتىيە ئىچىدە ساقلىنىۋاتقان گەۋدىلىك مەسىلىلەرگە قارىتىلغان، بۇ قېتىمقى باش تېما تەربىيەسىنىڭ ئالاھىدىلىكىگە بىرلەشتۈرۈلگەن بولۇپ، ناھايىتى كۈچلۈك رېئال قاراتمىلىققا ۋە ئىستراتېگىيەلىك يېتەكلەشچانلىققا ئىگە.

  ئەسلىي مەقسەتنى ساقلاش − جان - دىل بىلەن خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىشتىن ئىبارەت تۈپ مەقسەتنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، قەتئىي غايە - ئېتىقاد بىلەن ئەسلىي مەقسەتنى چىڭ ساقلاپ، خەلقنىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئىنتىلىشى بىزنىڭ كۈرەش نىشانىمىز ئىكەنلىكىنى ئەستە چىڭ ساقلاش؛ خەلققە بولغان سەمىمىي ھېسسىيات بىلەن ئەسلىي مەقسەتنى يېتىلدۈرۈپ، پارتىيەمىزنىڭ خەلقتىن كەلگەنلىكىنى، خەلق ئارىسىدا يىلتىز تارتقانلىقىنى، خەلق ئاممىسىنىڭ قوللىشى ۋە ھىمايىسىنىڭ بىزنىڭ غەلىبىلىك ئىلگىرىلىشىمىزنىڭ تۈگىمەس كۈچ مەنبەسى ئىكەنلىكىنى ھەر ۋاقىت ئۇنتۇماسلىق؛ مۇستەھكەم خەلق چاكىرى ئېڭى ئارقىلىق ئەسلىي مەقسەتنى ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈپ، خەلقنىڭ كوممۇنىستلارنىڭ ئوزۇق - تۈلۈك ۋە كىيىم - كېچەك بىلەن تەمىنلىگۈچى ئاتا - ئانىسى، كوممۇنىستلارنىڭ خەلقنىڭ چاكىرى ئىكەنلىكىنى مەڭگۈ ئەستە چىڭ ساقلاپ، مەڭگۈ ئاممىدىن ئايرىلىپ قالماسلىق، ئاممىغا ئېتىبارسىز قارىماسلىق، ئاممىنىڭ دەردىگە سەل قارىماسلىق، دېگەنلىكتۇر.

  بۇرچنى زىممىگە ئېلىش ــــ پارتىيەمىز زىممىسىگە ئالغان جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىن ئىبارەت تارىخىي بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، باتۇرلۇق بىلەن مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ، پائال تەشەببۇسكارلىق بىلەن نەتىجە يارىتىپ، ئىلمىي ئىدىيە، يىراقنى كۆزلەيدىغان نەزەر، ئەمەلىيەتچىل ئىستىل بىلەن ئىشلارنى پىلانلاش؛ كۈرەش قىلىش روھىنى ساقلاپ، خەۋپ - خەتەر، خىرىسلارغا دادىل يۈزلىنىپ، ئېغىر يۈكنى زىممىسىگە ئېلىشنى بىلىپ، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، قەتئىي تەۋرەنمەس ئىرادە ۋە شەخسىيەتسىز قورقماس جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەش يولىدىكى بارلىق جاپا - مۇشەققەت ۋە خەۋپ - خەتەر ئۈستىدىن غەلىبە قىلىش؛ ئەمەلىيەت داۋامىدا چېنىقىش جەريانىدا تەجرىبە ۋە ئەقىل - پاراسەتنى ئاشۇرۇپ، بوران - چاپقۇنلارنى باشتىن ئۆتكۈزۈش، كۆرمىگەننى كۆرۈش جەريانىدا بېلىنى رۇسلاش ۋە قابىلىيىتىنى ئۆستۈرۈش، دېگەنلىكتۇر.

  پەرقلەرنى تېپىش ــــ شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىغا سېلىشتۇرۇپ، پارتىيە نىزامنامىسى، پارتىيە قائىدىسىگە سېلىشتۇرۇپ، خەلق ئاممىسىنىڭ يېڭى ئارزۇسىغا سېلىشتۇرۇپ، ئىلغار تىپلارغا، ئەتراپتىكى ئۈلگىلەرگە سېلىشتۇرۇپ، يۇقىرى ئۆلچەم، قاتتىق تەلەپتە چىڭ تۇرۇپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىش، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىش، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇش جەھەتلەردە قانداق پەرقلەرنىڭ ساقلىنىۋاتقانلىقىنى تېپىپ چىقىش، ھېيىقىشنى بىلىش، ھەزەر ئەيلەش، تۆۋەن چەكنى ساقلاش قاتارلىق جەھەتلەردە قانداق پەرقلەرنىڭ ساقلىنىۋاتقانلىقىنى تېپىپ چىقىش، ئاممىۋى قاراش، ئاممىۋى مەيدان، ئاممىۋى ھېسسىيات، ئاممىغا خىزمەت قىلىش جەھەتلەردە قانداق پەرقلەرنىڭ ساقلىنىۋاتقانلىقىنى تېپىپ چىقىش، ئىدىيەۋى ئاڭ، ئىقتىدار ساپاسى، ئەخلاق تەربىيەسى، ئىستىل ئوبرازى جەھەتلەردە قانداق پەرقلەرنىڭ ساقلىنىۋاتقانلىقىنى تېپىپ چىقىش، نىشانلىق تۈزىتىش، دېگەنلىكتۇر.

  ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تۇتۇش ــــ شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىق ۋە پارتىيە قۇرۇلۇشىدىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ئالغا سىلجىتىدىغان ئەمەلىي ھەرىكەتكە ئايلاندۇرۇپ، ئەسلىي مەقسەت، بۇرچنى پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنىڭ جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەش، يول ئېچىپ يېڭىلىق يارىتىش روھىي قىياپىتى ۋە باش چۆكۈرۈپ جاپاغا چىداپ ئىشلەش، ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەشتىكى ئاڭلىق ھەرىكىتىگە ئايلاندۇرۇپ، شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىقتىن قاتتىق ساقلىنىپ، پارتىيەنىڭ لۇشيەن، فاڭجېن، سىياسەتلىرىنىڭ ئەمەلىيلىشىپ يىلتىز تارتىشىغا تۈرتكە بولۇپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ئىنكاسى كۈچلۈك گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقا تۈرتكە بولۇپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىش، دېگەنلىكتۇر.

  جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنىڭ ئىنقىلاب قىلىشى، قۇرۇلۇش قىلىشى، ئىسلاھاتنى تۇتۇشى ئەزەلدىن جۇڭگونىڭ رېئال مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن بولغان. باش تېما تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇپ، «ئەسلىي مەقسەتنى ساقلاپ، بۇرچنى زىممىگە ئېلىش، پەرقلەرنى تېپىپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تۇتۇش»تىن ئىبارەت بۇ ئومۇمىي تەلەپنى زىچ چۆرىدەشتە، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ روھىنى توغرا ئىگىلەپ، ئۆز رايونى، ئۆز تارمىقى، ئۆز ئورنىنىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، نىشاننى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، پائال ئالغا سىلجىتىپ، كۆزلىگەن ئۈنۈمگە ئېرىشىشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك؛ «ئەسلىي مەقسەتنى ساقلاپ، بۇرچنى زىممىگە ئېلىش، پەرقلەرنى تېپىپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تۇتۇش»نىڭ ئۆزئارا باغلىنىشلىق بىر پۈتۈن گەۋدە ئىكەنلىكىنى چوڭقۇر چۈشىنىپ، ئومۇمىي تەلەپنى ئومۇميۈزلۈك ئىگىلەپ، ئۇنى باش تېما تەربىيەسىنىڭ پۈتكۈل جەريانىغا سىڭدۈرۈش كېرەك.

  ئەسلىي مەقسەت ئۇيۇل تاشقا ئوخشايدۇ، بۇرچ زىممىمىزدە. 98 يىلدىن بۇيان، پارتىيەمىز ئۆز ئەسلىي مەقسىتىدە ئىرادىسىدىن يانمىغان، ئۆز بۇرچىدا ھەققانىيەت يولىدىن قايتمىغان. بۈگۈن، دۇنيادا 100 يىلدىمۇ كۆرۈلۈپ باقمىغان زور ۋەزىيەت ئۆزگىرىشىگە يۈزلىنىپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت پارلاق ئىستىقبالغا يۈزلىنىپ، باش تېما تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇش ئارقىلىق كوممۇنىستلارنىڭ سىياسىي خىسلىتىنى مەڭگۈ ساقلىساقلا، بىز ئاندىن پارتىيەنىڭ ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىشى ئارقىلىق پارتىيە خەلققە رەھبەرلىك قىلىپ ئېلىپ بارغان ئۇلۇغ ئىجتىمائىي ئىنقىلابقا تېخىمۇ ياخشى تۈرتكە بولۇپ، ئۈزلۈكسىز غەلىبىدىن يېڭى غەلىبىلەرگە ئېرىشەلەيمىز.

  (شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 6- ئاينىڭ 2- كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى