تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىرىمىز ئايشەمگۈل ئابلا، ئىختىيارىي مۇخبىر ئادىل ئامۇت): بۇ ئىككى كۈن سىرتقا چىققان دوستلار يازدىكى پىژغىرىم ئىسسىقنى ھېس قىلدى. 6-ئاينىڭ 2-كۈنى، مۇخبىرنىڭ تۇرپان شەھەرلىك مېتېئورولوگىيە ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، 6-ئاينىڭ 1-كۈنى تۇرپان شەھىرى ئىدىقۇت رايونىنىڭ ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرىسى ℃40.5قا يەتكەن، بۇ، تۇرپان شەھىرىنىڭ بۇ يىلدىكى ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرىسىنىڭ تۇنجى قېتىم ℃40 لۇق ئۆتكەلنى بۆسۈپ ئۆتۈشى بولۇپ، مۆلچەرلىنىشىچە 6-ئاينىڭ 3-كۈنىمۇ تېمپېراتۇرا ℃40 ئەتراپىدا بولىدىكەن.
تېمپېراتۇرا يۇقىرى بولسىمۇ، ساياھەتچىلەرنىڭ ساياھەت قىلىش قىزغىنلىقىنى توسۇپ قالالمىدى، تۇرپان شەھەر رايونىغا 40 نەچچە كىلومېتىر كېلىدىغان يالقۇنتاغ مەنزىرە رايونىدا، 6-ئاينىڭ 2-كۈنىدىكى يۇقىرى تېمپېراتۇرا ۋاقىت بۆلىكىدە، «ئالتۇن گۈرزە» تېرمومېتىرىدا كۆرسىتىلگەن يەر يۈزى تېمپېراتۇرىسى ℃62 قا يەتتى، نۇرغۇن ساياھەتچى ئىسسىقتىن قورقماي مەنزىرە رايونىدا ساياھەت قىلىپ، يالقۇنتاغ ئاستىدىكى غايەت زور «ئالتۇن گۈرزە» تېرمومېتىرىنىڭ ئالدىدا سۈرەتكە چۈشتى.
ئىگىلىنىشىچە، بۇ يىل يالقۇنتاغ مەنزىرە رايونى غەربكە ساياھەت مەدەنىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، بىر قاتار ساياھەت تۈرلىرىنى ئوتتۇرىغا چىقىرىپ، ساياھەتچىلەرنىڭ ساياھىتىنى بېيىتقان. تيەنجىنلىك ساياھەتچى لى شىيەننىڭ بۇ تۇنجى قېتىم تۇرپانغا ساياھەتكە كېلىشى بولۇپ، ئۇ مۇنداق دېدى: «بۇنداق ئىسسىق ئىكەنلىكىنى راستىنلا ئويلاپمۇ باقماپتىمەن، يىراقتىن قارىسا، تاغ گەۋدىسىدىكى ئىسسىقلىق دولقۇنى ھەقىقەتەن <غەربكە ساياھەت> ناملىق تېلېۋىزىيە تىياتىرىدىكىگە ئوخشاش ئىكەن، بۇ يەر ھەقىقەتەن كېلىشكە ئەرزىيدىكەن.»
تونۇشتۇرۇلۇشىچە، يالقۇنتاغ تۇرپان ئويمانلىقىنىڭ ئوتتۇرا قىسمىنى توغرىسىغا كېسىپ ئۆتىدىكەن، تىيانشاننىڭ تارماق تاغ تىزمىلىرىنىڭ بىرى بولۇپ، تاغ گەۋدىسىنىڭ ئۇزۇنلۇقى تەخمىنەن 98 كىلومېتىر، كەڭلىكى تەخمىنەن 9 كىلومېتىر، ئاساسىي چوققىسىنىڭ دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 831.7 مېتىر كېلىدىكەن. يەر پوستى توغرا يۆنىلىشتە ھەرىكەت قىلغاندا قالدۇرغان سانسىزلىغان پۈرۈلمە بەلباغ ۋە تەبىئەتنىڭ شامىلىدا يىمىرىلىپ ۋە يامغۇردا قىرىلىشى تەسىرىدە، يالقۇنتاغنىڭ ئېگىز - پەس تاغ ھالىتى ۋە توغرىسىغا كەتكەن جىلغىلارنى شەكىللەندۈرگەن. قۇياش نۇرىدا، جىگەررەڭ قۇم تاش تاغ گەۋدىسى خۇددى كۈچلۈك يالقۇندا لاۋۇلداپ كۆيۈۋاتقاندەك كۆرۈنگەچكە، «يالقۇنتاغ» دېگەن نام شۇنىڭدىن كەلگەن.