تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئۈرۈمچى

ئۈرۈمچى شەھەرلىك 5-نۆۋەتلىك ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى گۈزەل سەنئەت ئەسەرلىرى كۆرگەزمىسى باشلاندى

  5-ئاينىڭ 31-كۈنى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك 83-ئوتتۇرا مەكتەپ 4-يىللىق ئوقۇغۇچىسى ۋاڭ شىنيى (ئوڭدىن بىرىنچى) ساۋاقداشلىرى بىلەن كېرەكسىز رەختتىن لايىھەلەنگەن رەخت ئەسەرلىرىدىن ھۇزۇرلانماقتا.

  ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر ياڭ مېڭياۋ خەۋىرى): 5-ئاينىڭ 31-كۈنى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك 5-نۆۋەتلىك ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى گۈزەل سەنئەت ئەسەرلىرى كۆرگەزمىسى باشلاندى. پۈتۈن شەھەردىكى ھەر قايسى رايون (ناھىيە)لەردىكى مەجبۇرىيەت مائارىپى باسقۇچىدىكى مەكتەپلەر تاللاپ ئەۋەتكەن ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ  400 پارچىدىن ئارتۇق گۈزەل سەنئەت ئەسىرى ئۈرۈمچى شەھەرلىك گۈزەل سەنئەت سارىيىدا كۆرگەزمە قىلىندى.

  بۇ قېتىم كۆرگەزمە قىلىنغان گۈزەل سەنئەت ئەسەرلىرىنىڭ تېمىسى ھەر خىل، تۈرلىرى مول. ھۆسن خەت، سۇ بوياق جۇڭگوچە رەسىم، قەغەز قىيما ئەسەرلىرىدىن باشقا، يەنە كېرەكسىز رەخت رەخت چاپلىما، ساپال سەنئىتى، دەرىجىدىن تاشقىرى يېنىك سېغىز توپا قاتارلىق ئىجادىي ئەسەرلەر بار.

  ئۈرۈمچى شەھەرلىك 83-ئوتتۇرا مەكتەپ 4-يىللىق ئوقۇغۇچىسى ۋاڭ شىنيى ساۋاقداشلىرى بىلەن ھەمكارلىشىپ ئىشلىگەن «ئۈزۈم بارىڭى ئاستىدا» بولسا  كېرەكسىز رەختلەردىن ئەپچىللىك بىلەن پايدىلىنىلغان كېرەكسىز رەخت رەخت چاپلىما ئەسىرى. «مەن ساۋاقداشلىرىم بىلەن بىللە ئالتە پارچە كېرەكسىز رەخت رەخت چاپلىما ئەسىرى ئىشلىدىم. بۇ ئەسەرلەردە، بەزى كىچىك دوستلار ئۆي ئاتلاش، بەزىلىرى رېزىنكە ئاتلاش ئويۇنى ئوينىماقتا، يەنە بەزىلىرى قەغەز ئايروپىلان ئۇچۇرماقتا، ئارقا كۆرۈنۈشلەر ئۈزۈم بارىڭى، ئېگىزگە سېلىنغان قەدىمىي ئۆيلەر، قۇملۇق، تىيانشان قاتارلىق شىنجاڭنىڭ گۈزەل مەنزىرىلىرى. مۇئەللىمىمىز ‹بۇ ئەسەرلەر يەنە ئاتا-بوۋىلارنىڭ بالىلىق ئەسلىمىلىرىنى ئويغىتىدۇ› دېدى.»

  شەھەرلىك 83-ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ گۈزەل سەنئەت ئوقۇتقۇچىسى يىن مىن تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: ئوقۇغۇچىلارنىڭ گۈزەل سەنئەت ئەسەرلىرىنى ئىجاد قىلىشىغا يېتەكچىلىك قىلغاندا، بالىلارنىڭ تۇرمۇشىغا ئەھمىيەت بېرىلدى، مەن ساۋاقداشلار ئارىسىدا ھازىر بالىلارنىڭ نېمە ئويۇن ئويناشنى ياخشى كۆرىدىغانلىقى توغرىسىدا تەكشۈرۈش ئېلىپ باردىم، قايتما ئىنكاستا، يان تېلېفون ئويۇنى، كومپيۇتېر ئويۇنى كۆپرەك. ئەسەرلەرنىڭ ساۋاقداشلارنى يان تېلېفون، كومپيۇتېردىن يىراق تۇرۇپ، كەڭ تەبىئەت بىلەن كۆپرەك ئۇچرىشىپ، جىسمانىي ۋە روھىي جەھەتتىن پايدىلىق پائالىيەت ئېلىپ بېرىشقا دەۋەت قىلىشنى ئۈمىد قىلىمەن.

 شەھەرلىك مائارىپ تەتقىقات مەركىزىنىڭ گۈزەل سەنئەت تەتقىقات خادىمى شۆ جۈنخوڭ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: ھەر قايسى رايون(ناھىيە) ۋە ئۈرۈمچى شەھىرى بويىچە تاللانغاندىن كېيىن، كۆرگەزمىگە قاتناشتۇرۇلغان بۇ 400 نەچچە پارچە ئەسەر 6-ئاينىڭ 6-كۈنىگىچە كۆرگەزمە قىلىنىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تىيانشان تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • مەركەز مالىيەسىدىن ئاجرىتىلغان 2 مىليارد 100 مىليون يۈەن يېزا ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشى تولۇقلىما ياردەم مەبلىغى نەقلەشتى
  • شىنجاڭدا بۇغداينىڭ بىرلىك ھوسۇل رېكورتى يېڭىلىنىپ 731.3 كىلوگىرامغا يەتتى
  • يازدا قومۇل مىڭشا تېغىغا بېرىش