تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   بىلىم يۇرتى

يېڭى تەتقىقات زەنجىۋىلنىڭ «بەدەننى ئىللىتىش»ىدىكى مولېكۇلا مېخانىزمىنى ئېچىپ بەردى

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 6-ئاينىڭ 2-كۈنى تېلېگراممىسى: زەنجىۋىل كۆپ ئۇچرايدىغان تەمخۇرۇچ بولۇپ، جۇڭگونىڭ ئەنئەنىۋى تېبابىتىدە دائىم ئاشقازاننى ئىللىتىپ، سوغۇقنى ھەيدەشكە ئىشلىتىلىدۇ، ئۇ نېمە ئۈچۈن بەدەننى ئىللىتالايدۇ؟ بىر تۈرلۈك يېڭى تەتقىقاتتا زەنجىۋىلنىڭ ئاكتىپ تەركىبى ۋە ئالاقىدار مېتابولىزم جەريانى تەھلىل قىلىنىپ، ھازىرقى زامان ئىلىم-پەن نۇقتىسىدىن ئۇنىڭدىكى مولېكۇلا مېخانىزمى شەرھلەندى.

  لەنجوۋ داشۆسىنىڭ تەتقىقاتچىلىرى ئامېرىكىدا چىقىدىغان يېڭى بىر سان «كومپيۇتېر بىيولوگىيەسى ۋە دورا لايىھەلەش خەلقئارالىق ژۇرنىلى»دا دوكلات ئېلان قىلىپ، ئۆزلىرىنىڭ زەنجىۋىلنىڭ ئىككى خىل ئاساسلىق ئاكتىپ تەركىبى 6-زەنجىۋىل ئاچچىق ماددىسى ۋە 6-زەنجىۋىل فېنولىنى تەھلىل قىلىپ، ئۇلار تەڭشىيەلەيدىغان ئاقسىلنى تېپىپ چىققانلىقىنى، ئۇنىڭدىن كېيىن مۇناسىۋەتلىك ئاقسىل بىلەن بىرىكمىلەر ئوتتۇرىسىدا يۈز بېرىش ئېھتىمالى بولغان ئۆزئارا تەسىرلەرنى تىزىپ، ئاشقازان ۋە كىچىك ئۈچەيدە يۈز بەرگەن مۇناسىۋەتلىك رېئاكسىيەلەرنىڭ كۆرۈنۈشىنى قۇرۇپ چىققانلىقىنى دېدى.

  تەتقىقاتتا كۆرسىتىلىشىچە، زەنجىۋىلنىڭ بۇ ئىككى خىل ئاساسلىق ئاكتىپ تەركىبى ئادەم بەدىنىدىكى ئادېنوزىن ترىفوسفات، گلىكوگېن، گلىتسېرىد، ياغ كىسلاتاسى قاتارلىقلارنى تەڭشەش رولىغا ئىگە بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە ماددا ئالماشتۇرۇش جەريانىدىن بەشى زەنجىۋىلنىڭ «بەدەننى ئىللىتىش» رولى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇشى مۇمكىن ئىكەن.

  تەتقىقاتچىلار مۇنداق دەپ قارىدى: بۇ تەتقىقات نەتىجىسى جۇڭگونىڭ ئەنئەنىۋى مېدىتسىناسىدا زەنجىۋىلنى ئىشلىتىشنى ھازىرقى زامان ئىلىم-پەن نۇقتىسىدىن چۈشەندۈرۈپ بېرىدىغان بولۇپ، جۇڭگو تېبابىتىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشقا كۈچ قوشىدۇ.

 

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى