تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەدەنىيەت - ساياھەت

دۈۋەنۋۇ بايرىمىدا سەپەرگە چىققۇچىلارنىڭ ياشلىشىش يۈزلىنىشى زورايدى

  جۇڭگو تورى، 5-ئاينىڭ 31-كۈنى خەۋىرى: ياز پەسلى كىرگەندىن كېيىن، ئۈزلۈكسىز ئۆرلەۋاتقان تېمپېراتۇرىدىن باشقا، كىشىلەرنىڭ ساياھەتكە چىقىش قىزغىنلىقىمۇ ئۈزلۈكسىز ئاشتى. دۈەنۋۇ بايرىمىلىق قىسقا دەم ئېلىشنىڭ يېتىپ كېلىشىگە ئەگىشىپ، جايلار ياز پەسلىدىكى تۇنجى ساياھەت دولقۇنىنى كۈتۈۋالىدۇ. يېقىندا، مېيتۈەن «2019 دۈەنۋۇ بايرىمىلىق ساياھەت يۈزلىنىش دوكلاتى»نى ئېلان قىلدى، سەپەرگە چىقىدىغان كىشىلەر توپىنىڭ ياش نىسبىتىگە قارىغاندا، 90-يىللاردا تۇغۇلغانلارنىڭ ئىگىلىگەن نىسبىتى %50كە يېقىن بولغان.

  دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، بۇ يىل جۇڭگونىڭ ئەنئەنىۋى بايرىمى بولغان دۈەنۋۇ بايرىمى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى، «مەدەنىيەت ۋە تەبىئىي مىراس كۈنى» بىلەن تەڭ كەلگەن بولۇپ، «ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا ئۆي زاكاز قىلىش»، «ئەتراپتىكى قەدىمىي بازار ساياھىتى»، «غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى مەدەنىيەت ساياھىتى» قاتارلىقلارغا بولغان ئىستېمال ئېھتىياجى ئىنتايىن گەۋدىلىك بولغان. تېمپېراتۇرا ئۈزلۈكسىز ئۆرلىگەنلىكتىن، «سالقىنداش ساياھىتى»مۇ نۇرغۇن ساياھەتچىنىڭ قىزىق تاللىشىغا ئايلانغان.

  بۇ يىل دۈەنۋۇ بايرىمىلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە، 90-يىللاردا تۇغۇلغانلارنىڭ ساياھەتكە چىققۇچىلار سانىدا ئىگىلىگەن نىسبىتى %50كە يېقىن بولۇپ، ئۇلار دۈەنۋۇ بايرىمى مەزگىلىدىكى «ئويناش» نى ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان بىر ئەۋلادلار بولۇپ قالغان، بۇنىڭ ئىچىدە 95-يىلدىن كېيىن تۇغۇلغانلارنىڭ سانىمۇ يىلدىن-يىلغا كۆپىيىپ، ئۇلار ساياھەتتىكى يېڭى كۈچكە ئايلانغان، ساياھەتچىلەر توپىنىڭ ياشلىشىش يۈزلىنىشى داۋاملىق زورايغان. ( ۋۇ سې، نەن شۆ)

مەسئۇل مۇھەررىر : زاھىدە مۇتەللىپ

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى