تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ساياھەت

ئۈرۈمچىدىن تۇرپان، جامبۇلاق مەنزىرە رايونىغا بىۋاسىتە ئاپتوموبىل قاتنايدۇ

 
 ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ خەۋىرى (مۇخبىر ما تىڭ): ئۈرۈمچى شىمالىي شەھەر ئەتراپى يولۇچى توشۇش بېكىتى 6-ئاينىڭ 15-كۈنى ئۈرۈمچىدىن تۇرپان مەنزىرە رايونى، جامبۇلاق مەنزىرە رايونىغا قاتنايدىغان بىۋاسىتە ئاپتوموبىلنى تەسىس قىلىپ، شەھەر ئاھالىلىرى شۇنداقلا ساياھەتچىلەرنىڭ مەنزىرە رايونىغا بېرىپ ساياھەت قىلىشىغا قولايلىق يارىتىدۇ.

  5-ئاينىڭ 30-كۈنى، مۇخبىرنىڭ ئۈرۈمچى شەھەرلىك تاشيول يولۇچى - يۈك تىرانسپورت مۇلازىمەت مەركىزى شىمالىي شەھەر ئەتراپى يولۇچى توشۇش بېكىتىدىن ئىگىلىشىچە، بۇ قېتىم قاتنايدىغان ئىككى ساياھەت ئاپتوموبىلى 39 كىشىلىك ئاپتوبۇس ئىكەن. ھازىر، ۋاقىتلىق بەلگىلەنگەن بويىچە تۇرپان مەنزىرە رايونىغا بىۋاسىتە قاتنايدىغان ئاپتوبۇس ھەر كۈنى سائەت 8:30 مىنۇت ئۆتكەندە يولغا چىقىپ، سائەت 19دا قايتىدۇ، بېرىپ - كېلىش بېلىتى 120 يۈەن؛ جامبۇلاق مەنزىرە رايونىغا بىۋاسىتە قاتنايدىغان ئاپتوبۇس ھەر كۈنى سائەت 9دا يولغا چىقىپ، سائەت 19دا قايتىدۇ، بېرىپ - كېلىش بېلىتى 130 يۈەن. ساياھەتچىلەر ئاپتوبۇس ئالماشمايلا، مەنزىرە رايونىغا بىۋاسىتە بارالايدۇ.

  بۇ قېتىم تەسىس قىلىنغان ئۈرۈمچىدىن تۇرپان مەنزىرە رايونىغا بىۋاسىتە قاتنايدىغان ئاپتوبۇس تۇرپان شەھىرىگە بارغاندىن كېيىن، تەرتىپ بويىچە كارىز، يالقۇنتاغ، تۇيۇقدىن ئىبارەت ئۈچ مەنزىرە رايونىغا بارىدۇ، ھەر بىر مەنزىرە رايونىدا 40 مىنۇت توختايدۇ، ساياھەتچىلەر ئۆز ئالدىغا ساياھەت قىلىپ، ئاخىرىدا ئاپتوبۇسقا چىقىپ ئۈرۈمچى شەھىرىگە قايتىدۇ.

  ئۈرۈمچىدىن جامبۇلاق مەنزىرە رايونىغا بىۋاسىتە قاتنايدىغان ئاپتوبۇس بېلىتىنىڭ كۈچكە ئىگە مۇددىتى ئىككى كۈن بولۇپ، ساياھەتچىلەر شۇ كۈنى قايتىشنى خالىمىسا، شۇ جايدا قونۇپ، ئەتىسى مەنزىرە رايونىدىن بېلەت بىلەن ئاپتوبۇسقا ئولتۇرۇپ قايتسا بولىدۇ.

  «6-ئاينىڭ 15-كۈنىدىن 30-كۈنىگىچە، بىز ئېتىبار باھانى يولغا قويىمىز، ئىككى مەنزىرە رايونىغا بىۋاسىتە بېرىپ - كېلىدىغان ئاپتوبۇس باھاسى 100 يۈەن»، دېدى شىمالىي شەھەر ئەتراپى يولۇچى توشۇش بېكىتىنىڭ بېكەت باشلىقى ۋاڭ فۇگو، «بىۋاسىتە قاتنايدىغان ئاپتوبۇس قاتنىغاندىن كېيىن، بىز ساياھەتچىلەرنىڭ سەپەرگە چىقىش ئەھۋالىغا قاراپ ھەر ۋاقىت ئاپتوبۇس كۆپەيتىپ، ساياھەتچىلەرنىڭ سەپەرگە چىقىشىغا قولايلىق يارىتىمىز.»

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تىيانشان تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • مەركەز مالىيەسىدىن ئاجرىتىلغان 2 مىليارد 100 مىليون يۈەن يېزا ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشى تولۇقلىما ياردەم مەبلىغى نەقلەشتى
  • شىنجاڭدا بۇغداينىڭ بىرلىك ھوسۇل رېكورتى يېڭىلىنىپ 731.3 كىلوگىرامغا يەتتى
  • يازدا قومۇل مىڭشا تېغىغا بېرىش