تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   جايلاردا

تيەنجىندىن شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىشكە كەلگەن دوختۇرلار جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئاساسىي قاتلام يېزا-بازارلىرىدا خالىسانە كېسەل كۆردى

  شىنجاڭغا ياردەم بېرىش دوختۇرلىرى ياخشى

  تيەنجىندىن شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىشكە كەلگەن دوختۇرلار جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئاساسىي قاتلام يېزا-بازارلىرىغا بېرىپ خالىسانە كېسەل كۆردى

  2019-يىللىق مەملىكەتلىك پەن-تېخنىكا پائالىيىتى ھەپتىلىكى باشلانغان پەيتتە، تيەنجىندىن شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان بىڭتۈەن 11-شىسىدىن كەلگەن شىنجاڭغا ياردەم بېرىدىغان تۆت دوختۇر ئۈرۈمچىدىكى ياردەمگە ئېرىشكەن دوختۇرخانىدىن جەنۇبىي شىنجاڭ ئاقسۇدىكى 5-تۇەن شاخې بازىرىغا بېرىپ، بۇ يەردىكى ئاھالىلەرگە «پەننى ئومۇملاشتۇرۇش ئارقىلىق خەلققە نەپ يەتكۈزۈش، دوختۇرلارنى يېزىلارغا يەتكۈزۈش» بويىچە خالىسانە كېسەل كۆرۈش مۇلازىمىتى قىلدى، ئۇلار ئاساسىي قاتلاملارغا چوڭقۇر چۆكۈپ، ئۆيمۇ ئۆي كىرىپ، پەننى ئومۇملاشتۇرۇش كىتابلىرىنى تارقىتىپ، بۇ يەردە ياشاۋاتقان كادىرلار، ئىشچى-خىزمەتچىلەر، ئاز سانلىق مىللەت ئاممىسى، مەھەللە ئاھالىلىرى ئۈچۈن بىر ھەپتە ساغلاملىق تەشۋىقاتى ۋە خالىسانە كېسەل كۆرۈش پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى.

  جەنۇبىي شىنجاڭ 5-تۇەنى شاخې بازىرىغا يېتىپ كەلگەن شۇ كۈنى چۈشتىن كېيىن، تيەنجىندىن شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىشكە كەلگەن دوختۇرلارنىڭ كۆپچىلىككە خالىسانە كېسەل كۆرىدىغانلىق خەۋىرىنى ئاڭلاپ، شاخې بازىرىدىكى ئاز سانلىق مىللەت ئىشچى-خىزمەتچىلەر مەدەنىيەت پائالىيەت مەركىزىگە بالدۇرلا كېلىپ، ئۇزۇن ئۆچرەتتە تۇرۇپ كۈتۈۋالدى. خالىسانە كېسەل كۆرۈش نەق مەيدانىدا، جۇڭگو تېبابىتى مۇتەخەسسىسى لى پىڭ « قان شېكىرىمگە ئۆزۈم ئىگە بولىمەن» دېگەن تېمىدا تېببىي پەننى ئومۇملاشتۇرۇش تەشۋىقاتى ئېلىپ بېرىپ، دىيابېت كېسىلىنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى، قايسى كىشىلەرنىڭ ئاسانلا دىيابېت كېسىلىگە گىرىپتار بولىدىغانلىقىنى، دىيابېت كېسەللىكىگە گىرىپتار بولۇشنىڭ قانداق ئىپادىلىرى بارلىقىنى، كۈندىلىك تۇرمۇشتا دىققەت قىلىدىغان ئىشلار توغرىسىدىكى بىلىملەرنى چوڭقۇر چۈشەندۈردى.

  خالىسانە كېسەل كۆرۈش پائالىيىتىدە، ئاز سانلىق مىللەت ئاممىسىغا تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلىش ئۈچۈن، ليەندۈيدىكى كادىرلار، ئىشچى-خىزمەتچىلەر ئارقا-ئارقىدىن ۋاقىتلىق تەرجىمان بولدى، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىشكە كەلگەن دوختۇرلار ھەربىر كېسەل كۆرسەتكەن ئاممىنىڭ كېسەللىك ئەھۋالىنى تەپسىلىي سورىدى، قان بېسىمىنى ئۆلچەش، تومۇر تۇتۇپ تىڭشاپ دىئاگنوز قويۇش، قاراش-ئاڭلاش-سوراش-تومۇر تۇتۇش قاتارلىق ئۇسۇللار بىلەن كۆڭۈل قويۇپ تەكشۈرۈپ دىئاگنوز قويۇپ، چىگىش مەسىلىلەرگە سەۋرچانلىق بىلەن جاۋاب بېرىپ، ئاممىنى ئىشىك ئالدىدا يۇقىرى سەۋىيەلىك داۋالاش مۇلازىمىتىدىن بەھرىمەن قىلدى. بىر قىسىم ئاز سانلىق مىللەت ئاممىسى  تەكشۈرۈپ بولغاندىن كېيىن يەنە بىر-بىرىگە كۆڭۈل بۆلۈپ، باشقىلارنىڭ تەكشۈرۈش ئەھۋالىنى سورىدى، پائالىيەت نەق مەيدانى ئىللىقلىق ۋە مېھىر-مۇھەببەتكە تولدى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تېخىمۇ قويۇقلاشتى.

  ئارزىگۈل راخمان شىنجاڭغا ياردەم بېرىش داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلگەنلىكىنى ئاڭلاپ، تىز بوغۇمى ئاغرىقىنىڭ ئازابىنى يەتكۈچە تارتقان ئانىسىنى ئېلىپ كېسەل كۆرسەتكىلى كەلدى، شىنجاڭغا ياردەم بېرىش دوختۇرى سۈن جۈنچاۋ كېسەللىك ئەھۋالىنى تەپسىلىي سورىدى ھەمدە تەپسىلىي تەكشۈرگەندىن كېيىن، پەللە ئۇۋۇلاپ داۋالاپ ئانىسىنىڭ ئاغرىقىنى پەسەيتتى،  جۇڭگو تېبابىتى بويىچە سىرتتىن سۈرتىدىغان دورا رېتسېپى يېزىپ بەردى. ئانىسىنى داۋالاش جەريانىدا ئاغرىق ئازابىنىڭ پەسىيىۋاتقانلىقىنى كۆرگەن ئارزىگۈل راخمان ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: «شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەمگە كەلگەن دوختۇرلار دىئاگنوز قويغاندىن كېيىن، بىزگە دەل جايىدا داۋالاش لايىھەسى تۈزۈپ بەردى، مەنمۇ خاتىرجەم بولدۇم، سىلەرگە چىن كۆڭلۈمدىن رەھمەت ئېيتىمەن، تيەنجىن دوختۇرلىرى ياخشى!»

  كۆز كېسىلىگە گىرىپتار بولغان 3-ليەندىكى ئامما خالىدەم زەيدىن داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ قولىنى تۇتۇپ توختىماي رەھمەت ئېيتتى، ئۇ ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: «ئەگەر بۇ قېتىمقى خالىسانە كېسەل داۋالاش پائالىيىتى بولمىغان بولسا، كۆزۈمنىڭ يەنە قانچىلىك ئازاب تارتىدىغانلىقىنى بىلمەيتتىم.» بۇ قېتىم شىنجاڭغا ياردەمگە كەلگەن دوختۇرلار ئۇنىڭ كۆزىنىلا تەكشۈرۈپ قالماي، يەنە ئۇنىڭ ھازىرقى ئەھۋالىغا قارىتا ئۇنىڭغا بەدەن تەڭشەيدىغان رېتسېپ يېزىپ بەردى، ئادەتتە دىققەت قىلىدىغان ئىشلارنى سەۋرچانلىق بىلەن چۈشەندۈرۈپ، ئۇنىڭغا شىنجاڭغا ياردەم بېرىشكە كەلگەن دوختۇرلارنىڭ سەمىمىي مۇھەببىتىنى ھېس قىلدۇردى.

  ئىستاتىستىكىغا ئاساسلانغاندا، خالىسانە كېسەل كۆرگەن بىر ھەپتە ئىچىدە، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىشكە كەلگەن دوختۇرلار ئايرىم-ئايرىم دىيابېت كېسىلى، ئاشقازان كېسىلى، ئۆپكە تۇبېركۇليۇز كېسىلى، يۈرەك، ئۆپكىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، قالقانسىمان بەز قاتارلىق كېسەللىك ئەھۋالى پرىنسىپىنى چۆرىدەپ  تېببىي بىلىم لېكسىيەسى  سۆزلىدى، ساغلاملىق تەشۋىقات ماتېرىيالىدىن 2000 پارچىگە يېقىن تارقىتىپ، خالىسانە كېسىلىنى كۆرگەن ئادەم 500 قېتىمدىن ئاشتى، ئاساسىي قاتلامدىكى ئىشچى-خىزمەتچىلەرنى ئىشىك ئالدىدىلا شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىشكە كەلگەن دوختۇرلارنىڭ خالىسانە كېسەل كۆرۈشىدىن بەھرىمەن قىلىپ، تېخىمۇ كۆپ غەمخورلۇقىنى ھېس قىلدۇردى. (جاڭ جىنداۋ)

                                              شىنخۇا تورىدىن تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى