تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەدەنىيەت - ساياھەت

پويىزغا ئولتۇرۇپ چۆچەككە بېرىڭ، ئۈرۈمچىدىكى ساياھەت كوپىراتىپلىرى تارباغاتاي ساياھىتىنى كۈچەپ ئىلگىرى سۈردى‏

  ماتېرىيال سۈرەت

  مۇخبىرىمىز رېن چۈنشياڭ خەۋىرى: تاغ قانچىلىك ئېگىز، سۇ قانچىلىك چوڭقۇر بولسىمۇ، يول بويى بەخت ناخشىسى ئېيتىمىز، قاراماي - چۆچەك تۆمۈريولىدا قاتناش باشلىنىشىغا ئەگىشىپ، ئۈرۈمچى شەھىرىمۇ چۆچەك شەھىرىگە بارىدىغان ساياھەت مەخسۇس پويىزى تەسىس قىلدى، شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ تارباغاتاي ۋىلايىتىگە بېرىپ ساياھەت قىلىشى تېخىمۇ قولايلاشتى، شۇ سەۋەبتىن، ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى نۇرغۇن ساياھەت كوپىراتىپى تارباغاتاي ساياھەت مەخسۇس لىنىيەسىنى ئوتتۇرىغا چىقىرىپ، «تارباغاتاي ساياھىتى»نى كۈچەپ ئىلگىرى سۈردى.

  5 - ئاينىڭ 31 - كۈنى، ئۈرۈمچى شەھىرىدىن چۆچەك شەھىرىگە بارىدىغان تۇنجى ساياھەت مەخسۇس پويىزى قاتنىدى، 300گە يېقىن ساياھەتچى چۆچەككە ساياھەت قىلغىلى باردى.

  مۇخبىرنىڭ ئىگىلىشىچە، 6 - ئاينىڭ 6 - كۈنى ئۈرۈمچى شەھىرى چۆچەك شەھىرىگە بارىدىغان ساياھەت مەخسۇس پويىزىنى يەنە بىر نۆۋەت قاتنىتىدىغان بولۇپ، دۇەنۋۇ بايرىمى مەزگىلىدە ساياھەتچىلەرنىڭ تارباغاتايغا بېرىپ ساياھەت قىلىش ئېھتىياجىنى قاندۇرىدىكەن. ساياھەت مەخسۇس پويىزىنىڭ تەسىس قىلىنىشىغا تايىنىپ، ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى نۇرغۇن ساياھەت كوپېراتىپى ئۈچ كۈنلۈك ياكى تۆت كۈنلۈك تارباغاتاي ساياھىتىنى ئوتتۇرىغا چىقاردى.

  5 - ئاينىڭ 31 - كۈنى، مۇخبىرنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، ئۈرۈمچى تۆمۈريول خەلقئارا ساياھەت كوپىراتىپى چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى تارباغاتاي مەخسۇس لىنىيەسىنىڭ باش پىلانلىغۇچىسى ۋە ئورۇنلاشتۇرغۇچىسى گۇ لى تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى : تارباغاتاي ۋىلايىتىنىڭ ساياھەت بايلىقى مول، گۈزەل تەبىئىي مەنزىرىسى، ئۆزگىچە مىللىي ئۆرپ - ئادەت مەدەنىيىتى ۋە كىلاسسىك قىزىل ساياھەت مەنزىرە رايونلىرىنىڭ ھەممىسى ساياھەتچىلەرنىڭ بېرىپ كۆرۈشىگە ئەرزىيدۇ. ساياھەت لىنىيەسى چۆچەك شەھىرى، چاغانتوقاي ناھىيەسى قاتارلىق جايلارنىڭ تەبىئىي مەنزىرىسى، مىللىي ئۆرپ - ئادەت ۋە چىگرا ئېغىزىلىق خاسلىقىدىن ئبارەت ئۈچ خىل ساياھەت بايلىقىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، قىزىل ئۆي مۇزېيى، باقتۇ ئېغىزى، جۇڭگو - قازاقىستان چېگرا ئاھالىسى بازىرى، كىچىك تېرەك قاراۋۇلخانىسى، تاغ گۈلى بايرىمى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

  «تۇنجى قېتىملىق ساياھەت مەخسۇس پويىزىغا ساياھەتچىلەر لىق توشتى، بىز ھازىر 6 - ئاينىڭ 6 - كۈنى ساياھەت مەخسۇس پويىزىغا تىزىملىتىش خىزمىتىنى قانات يايدۇرىۋاتىمىز، <تارباغاتاي ساياھىتى>گە ئىنتايىن ئىشەنچىمىز بار، كېيىن بىز ساياھەتچىلەرنىڭ ئىنكاسى شۇنداقلا باشقا ئەھۋاللارغا قارىتا يەنە ساياھەت مەخسۇس لىنىيەلىرىنى لايىھەلەيمىز»، دېدى گۇ لى.

  شىنجاڭ فېڭجىڭ خەلقئارا ساياھەت كوپىراتىپى چەكلىك شىركىتىمۇ «سېھرىي كۈچكە تولغان تارباغاتاي» ساياھەت مەھسۇلاتىنى ئوتتۇرىغا چىقاردى. بۇ ساياھەت مەھسۇلاتىنىڭ مەسئۇلى ياڭ يارۇ مۇنداق دېدى: 5 - ئاينىڭ بېشىدا، تارباغاتاينىڭ تاغ گۈلى بايرىمى مەزگىلىدە، ساياھەت كوپىراتىپىمىز ئۈچ كۈنلۈك تارباغاتاي ئاپتوموبىل ساياھىتىنى ئوتتۇرىغا چىقاردۇق. پويىز قاتنىغاندىن كېيىن، يەنە بىر قېتىم پويىزدا كارىۋاتتا بېرىپ - كېلىدىغان تۆت كۈنلۈك ساياھەتنى ئوتتۇرىغا چىقاردۇق، ساياھەت مەخسۇس پويىزى كەچقۇرۇن قوزغىلىپ ئەتىسى ئەتىگەن بارىدىغان بولغانلىقتىن، بېرىپ - كېلىش ۋاقتى كۈندۈزلۈك ۋاقىتنى ئىگىلىمەيدۇ، ساياھەتچىلەر مەنزىرە رايونلىرىنى كۆپرەك ساياھەت قىلىپلا قالماي، يەنە ھەربىر مەنزىرە رايونىنى سەيلە قىلىشتا يېتەرلىك ۋاقىتقا ئىگە بولالايدۇ.

  شىنجاڭ شەھەر ئىستېمالى سەھەر گېزىتى خەلقئارا ساياھەت كوپىراتىپىنىڭ مۇئاۋىن باش دىرېكتورى لى چىڭ مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: ئىلگىرى، تارباغاتايغا بېرىپ ساياھەت قىلىشتا ئۆزى ئاپتوموبىل ھەيدەش ياكى ئەركىن بېرىش ئاساس قىلىناتتى، پويىزنىڭ قاتنىشى ساياھەتچىلەرنىڭ ساياھەتكە چىقىشىنى تېخىمۇ كۆپ تاللاش بىلەن تەمىنلىدى. «بىز تارباغاتاي ۋىلايىتىنىڭ ساياھەتچىلىكىنى شىمالىي شىنجاڭنىڭ ساياھەت ئايلانما لىنىيەسىگە كىرگۈزۈپ، تارباغاتاي ساياھىتى مەخسۇس لىنىيەسىنى كۆڭۈل قويۇپ لايىھەلەپ ۋە يولغا قويۇپ، ساياھەت مەنزىرە نۇقتىلىرىنى زور دەرىجىدە بېيىتتۇق، شۇنىڭ بىلەن بىللە، پويىزغا ئولتۇرۇش تېخىمۇ قولايلىق، تېخىمۇ بىخەتەر، تېخىمۇ راھەت، ساياھەت قىلىش قىزغىنلىقىنى بەكرەك قوزغىتالايدۇ. تارباغاتاي ساياھىتى تەرەققىيات يوشۇرۇن كۈچىگە ئىگە، بىز بۇنىڭغا داۋاملىق دىققەت قىلىمىز ھەم ئەمەلىي ئېھتىياجغا ئاساسەن، تېخىمۇ كۆپ، تېخىمۇ ياخشى ساياھەت مەخسۇس لىنىيەلىرىنى لايىھەلەيمىز». (825 خەت، ئا)

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى