تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   بىلىم يۇرتى

ئالىملار تۇنجى قېتىم شىمپەنزىنىڭ قۇرۇقلۇق تاشپاقىسى يەيدىغانلىقىنى بايقىدى

ماتېرىيال سۈرەت: شىمپەنزە

      تەبىئەت پەنلىرى تەتقىقات قارمىقىدىكى «ئىلىم - پەن دوكلاتى» ژۇرنىلىدا يېقىندا ئېلان قىلىنغان ھايۋانات ھەرىكىتى توغرىسىدىكى تەتقىقات ماقالىسىدە، ئالىملار ھازىرغىچە مەلۇم بولغان شىمپەنزىنىڭ تاشپاقا يەيدىغانلىقىنى تۇنجى قېتىم بايقىغانلىق ئەھۋالىنى دوكلات قىلغان .

  شىمپەنزە پرىماتلار تۈرى ئادەم ئائىلىسىدىكى ھايۋاناتقا تەۋە، ئىنسانلارنىڭ ئەجدادى بىلەن شىمپەنزىنىڭ ئەجدادى تەخمىنەن 5 مىليون يىلدىن 6 مىليون يىللار ئىلگىرى ئايرىلىپ، مۇستەقىل ئۆزگىرىش يولىغا ماڭغان. ئىلگىرى كىشىلەر شىمپەنزىنىڭ ھەر خىل ھايۋانلارنى تۇتۇپ يەيدىغانلىقىنى بىلگەن، ئەمما بۇنىڭدىن بۇرۇن ئۇلارنىڭ قۇرۇقلۇق تاشپاقىسى يەيدىغانلىقىنى ئىزچىل بايقىمىغان ئىدى.

  گېرمانىيە ماكس پلانك تەدرىجىي تەرەققىيات ئىنسانشۇناسلىق تەتقىقات ئورنى بىلەن ئوسنابرۇك داشۆسىنىڭ تەتقىقاتچىلىرى گابون لۇئانگو دۆلەت باغچىسىدىكى R e k a m b o ياۋا شىمپەنزە توپى ئىچىدە شىمپەنزىنىڭ قۇرۇقلۇق تاشپاقىسىنى يىگەنلىكىنى بايقىغانلىقىنى دېگەن. 2016-يىلى 7- ئايدىن 2018- يىلى 5- ئايغىچە، تەتقىقات كوللېكتىپى ئوخشاش بولمىغان 10 شىمپەنزىنىڭ 38 قېتىملىق ئوزۇقلۇق تۇتۇش ئەھۋالىنى بايقىغان، بۇنىڭ ئىچىدە 34 قېتىملىقى مۇۋەپپەقىيەتلىك بولغان.

  تەتقىقاتچىلار كۆپ قىسىم ياكى بارلىق قۇرامىغا يەتكەن ئەركەك شىمپەنزىلەرنىڭ كۆپ قېتىم قۇرۇقلۇق تاشپاقىسىنى تۇتۇپ يىگەنلىكىنى بايقىغان. بۇلارنىڭ كونكرېت ئىپادىلىرى: ئالدى بىلەن ئوۋنى بايقىغان، ئارقىدىنلا بىر قولى بىلەن تاشپاقا قېپىنىڭ قاتتىق تەرىپىنى دەرەخ غولىغا ئۇرغان، ئاخىرىدا دەرەخكە يامىشىپ چىقىپ ئولجىدىن بەھرىمەن بولغان. 38 قېتىملىق ئوزۇقلۇق تۇتۇش ئەھۋالىنىڭ 23 قېتىملىقىدا ئوڭۇشلۇق ئوۋ ئوۋلىيالىغان شىمپەنزە ئولجىنى توپتىكى باشقا شىمپەنزىلەر بىلەن ئورتاق بەھرىلەنگەن، بۇ تاشپاقا قېپىنى ئاچالمىغان شىمپەنزىلەرنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان.

  شىمپەنزىنىڭ ھەر خىل قوراللارنى ئىشلىتەلەيدىغانلىقى ھەممىگە ئايان، مەسىلەن: نەيزە شەكىللىك قورال ئارقىلىق تۆشۈك ئىچىدىكى ئوۋنى ئوۋلىيالايدۇ. بۇ تەتقىقاتتا بايقالغان ھەرىكەت، شىمپەنزىنىڭ چېقىش ماھارىتىنى چۈشىنىشتە يېڭى قاراش بىلەن تەمىنلەيدۇ، شىمپەنزە يېمەكلىكنىڭ قاتتىق تەرىپىنى ئۇرىدۇ ياكى بولقا ئارقىلىق بەزى يېمەكلىكلەرنى چېقىپ يەيدۇ، مەسىلەن : قاتتىق پوستلۇق مېۋە ، شاكاللىق مېۋە ۋە قۇلۇلە قاتارلىقلار....

  تەتقىقاتچىلارنىڭ قارىشىچە، بۇ تۈرلۈك تەتقىقات شىمپەنزىنىڭ كۈچلۈك شۇنداقلا جانلىق بىلىش ئىقتىدارى ۋە يوشۇرۇن كەلگۈسى پىلانلاش ئىقتىدارىغا ئىگە ئىكەنلىكىنى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسپاتلاپ بەرگەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى