تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   ساغلاملىق

ئوزۇقلۇق ۋە تەنھەرىكەت بالىلارنىڭ كۆرۈش قۇۋۋىتىنى ئورتاق قوغدايدۇ

  ئىلمىي تەتقىقاتتا كۆرسىتىلىشىچە، يىراقنى كۆرەلمەسلىككە تەسىر كۆرسىتىدىغان مۇھىت ئامىلى كىشىلەرنىڭ يېشى، يېقىن ئارىلىققا كۆز ئىشلىتىش ۋاقتى ۋە كۈچىنىشى، ئىرق، يورۇقلۇق، يېمەك - ئىچمەك، تۇرمۇش ئادىتى قاتارلىق نۇرغۇن جەھەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن، نۆۋەتتە ئەڭ ئېنىق بولغان يىراقنى كۆرەلمەسلىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش رولى بار بولغىنى دالىدىكى قۇياش نۇرى ئىكەن. دۆلىتىمىزدىكى ياش - ئۆسمۈرلەردە ئومۇميۈزلۈك ئۆگىنىش ۋەزىپىسى ئېغىر بولۇش، دالىدا پائالىيەت قىلىش ۋاقتى قىسقا بولۇشتەك ئەھۋاللار ساقلىنىۋاتقان بولۇپ، يىراقنى كۆرەلمەسلىك نىسبىتىمۇ بالىلار يېشىنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ يۇقىرىلاۋېتىپتۇ.

  مائارىپ مىنىستىرلىقى ئاساسىي مائارىپ سۈپىتىنى تەكشۈرۈش مەركىزى ئېلان قىلغان جۇڭگو مەجبۇرىيەت مائارىپى سۈپىتىنى ئۆلچەپ تەكشۈرۈش دوكلاتىدا مۇنداق دېيىلدى: ئېلىمىزدىكى تولۇقسىز، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ۋە ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ يىراقنى كۆرەلمەسلىك نىسبىتى %70تىن ئاشتى، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ يىراقنى كۆرەلمەسلىك نىسبىتى %40كە يەتتى، ئوقۇش يېشىغا توشمىغان بالىلارنىڭ %2.5ى يىراقنى كۆرەلمەس بولۇپ قالدى.

  بىر نەچچە كۈن بۇرۇن، جۇڭگو كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش مەركىزىنىڭ مۇتەخەسسىسلىرى دۆلىتىمىزدىكى بالىلار، ياش - ئۆسمۈرلەرنىڭ يىراقنى كۆرەلمەسلىك ئەھۋالىغا قارىتا نۆۋەتتە دۆلىتىمىزدە يىراقنى كۆرەلمەسلىك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش نىسبىتىنىڭ يىلدىن يىلغا ئېشىپ، ئېغىر ئاممىۋى سەھىيە مەسىلىسىگە ئايلانغانلىقىنى، ھەتتا، مەلۇم دەرىجىدە لاياقەتلىك ئەسكەر مەنبەسى ئازايغانلىقتىن، دۆلەت خەۋپسىزلىكىگە يوشۇرۇن تەھدىت ھاسىل قىلىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتتى.

  2018 ـ يىلى، مائارىپ مىنىستىرلىقى، دۆلەت سەھىيە ـ ساغلاملىق كومىتېتى «بالىلار، ياش ـ ئۆسمۈرلەرنىڭ يىراقنى كۆرەلمەسلىك كېسىلىنىڭ ئۇنىۋېرسال ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەش يولغا قويۇش لايىھەسى(پىكىر ئېلىش نۇسخىسى)»نى ئورتاق تەييارلىدى ھەمدە جەمئىيەتتىن پىكىر ئالدى. ئۇنىڭدا 2023-يىلغا كەلگەندە، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ يىراقنى كۆرەلمەسلىك نىسبىتىنى %38تىن تۆۋەنگە، تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ يىراقنى كۆرەلمەسلىك نىسبىتىنى %60تىن تۆۋەنگە، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ يىراقنى كۆرەلمەسلىك نىسبىتىنى %70تىن تۆۋەنگە چۈشۈرۈش تىلغا ئېلىندى.

  ئوپېراتسىيەگە تايىنىش، كۆزەينەك تاقىماي مەجبۇرىي چىداش قاتارلىق ئۇسۇللارنى قوللىنىشقا بولمايدۇ

  مۇتەخەسسىسلەر يەنە يىراقنى كۆرەلمەسلىكتىن ئىبارەت بۇ خىل كۆز كېسەللىكىنىڭ كۆپ يۈز بېرىشىنىڭ سەۋەبىنى تەھلىل قىلدى ھەمدە مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: بۈگۈنكى كۈندە كىشىلەرنىڭ تۇرمۇش ئۇسۇلىدا غايەت زور ئۆزگىرىش يۈز بەردى، جىسمانىي ھەرىكەت ئازايدى، كۆزنى يىراققا ئىشلىتىش كۆزنى يېقىنغا كۆپ ئىشلىتىشكە ئۆزگەردى، بەدەنمۇ شۇنىڭغا ماس ھالدا ئۆزگەردى، يىراقنى كۆرەلمەسلىك دەل شۇ ئۆزگىرىشلەرنىڭ بىرى. كۆپ ساندىكى نوقۇل يىراقنى كۆرەلمەسلىك نۇقتىسىدىن ئېيتقاندا، مۇھىت ئامىلى مۇھىم رول كۆرسەتتى. تەكشى تاختىلىق كومپيوتېر، يانفون قاتارلىق ئېلېكتىرونلۇق مەھسۇلاتلارنىڭ ئومۇملىشىشىغا ئەگىشىپ، كىشىلەرنىڭ ھەر كۈندىكى ئېكرانغا تىكىلىپ قاراش ۋاقتى بارغانسېرى ئۇزىراپ، يىراقنى كۆرەلمەسلىك كېسىلىگە گىرىپتار بولىدىغان بىمارلار بارغانسېرى ياشلىشىشقا قاراپ يۈزلەندى.

  ھالبۇكى، نۇرغۇن ئاتا - ئانىلار يىراقنى كۆرەلمەسلىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە تىزگىنلەشكە يېتەرلىك ئەھمىيەت بەرمىدى، بالىلار يىراقنى كۆرەلمىسىمۇ ھېچقىسى يوق، چوڭ بولغاندىن كېيىن يىراقنى كۆرەلمەسلىك ئوپېراتسىيەسى قىلدۇرسىلا ھەل بولىدۇ، دەپ قارىدى. مۇتەخەسسىسلەر مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: بۇ ھازىرقى نۇرغۇن ئاتا - ئانىلاردا ساقلىنىۋاتقان خاتا قاراش. يىراقنى كۆرەلمەسلىك ئوپېراتسىيەسىدە ئوپېراتسىيە ئۇسۇلى ئارقىلىق كۆرۈش قۇۋۋىتىنى يۇقىرى كۆتۈرىدۇ، يەنى بىمار كۆزەينەك ياكى قارىچۇق كۆزەينەك تاقىمىسىمۇ بىر قەدەر ياخشى بولغان كۆرۈش قۇۋۋىتىگە ئېرىشەلەيدۇ، لېكىن، يىراقنى كۆرەلمەسلىك ئوپېراتسىيەسى بىمارنىڭ يىراقنى كۆرەلمەسلىك ھالىتىنى ئۆزگەرتەلمەيدۇ(كۆز ئوقى ئۇزىراپ كېتىش ئەھۋالىنى ئۆزگەرتەلمەيدۇ). ئېغىر دەرىجىلىك يىراقنى كۆرەلمەيدىغانلار، بولۇپمۇ پاتولوگىيەلىك يىراقنى كۆرەلمەسلىك بىمارلىرىغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، گەرچە ياش ۋاقتىدا ئوپېراتسىيە ئارقىلىق كۆرۈش قۇۋۋىتىنى يۇقىرى كۆتۈرگەن بولسىمۇ، لېكىن ياشنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ كېلىپ چىقىدىغان كۆرۈش قۇۋۋىتىگە تەھدىت كۆرسىتىدىغان كۆز تېگى چېكىنىش خاراكتېرلىك ئۆزگىرىشكە ئامال قىلالمايدۇ ياكى بۇنى توسۇپ قالالمايدۇ. يەنى، يىراقنى كۆرەلمەسلىك ئوپېراتسىيەسىنىڭ ماھىيىتى بولسا پەقەت نۇر سۇندۇرۇش دەرىجىسىنىلا ئۆزگەرتىش بولۇپ، يىراقنى كۆرەلمەسلىك كەلتۈرۈپ چىقارغان يوشۇرۇن خاراكتېرلىك كۆرۈش كېسەللىك ئۆزگىرىش خەۋپ - خەتىرىنى ئۆزگەرتەلمەيدۇ. شۇڭا، ياش - ئۆسمۈرلەر يىراقنى كۆرەلمىگەن ھامان، بىرىنچى بولۇپ قىلىشقا تېگىشلىك ۋەزىپە كۆز گىرادۇسىنىڭ ئېشىش سۈرئىتىنى ئاستىلىتىپ، ئېغىر دەرىجىلىك يىراقنى كۆرەلمەسلىكتىن ساقلىنىش.

  بالىلار يىراقنى كۆرەلمىگەندە كۆزەينەك تاقاش كېرەكمۇ ياكى تاقىماسلىق كېرەكمۇ؟ بۇ ھەقتە نۇرغۇنلىغان ئاتا - ئانىلار تەشۋىشلىنىدۇ، بالىلارنىڭ مەڭگۈ كۆزەينەك تاقاپ قېلىشىدىن ئەنسىرەيدۇ. بۇ مەسىلىگە قارىتا بېيجىڭ داشۆ خەلق دوختۇرخانىسى كۆرۈش نۇرى مەركىزىنىڭ مۇدىر ۋىراچى ۋاڭ كەي مۇنداق دەپ قارىدى: كۆرۈشى غۇۋالىشىش ئەسلىدىنلا يىراقنى كۆرەلمەسلىك سۈرئىتىنى تېزلىتىدۇ، شۇڭا، ياش - ئۆسمۈرلەر يىراقنى كۆرەلمىگەندە كۆزەينەك تاقىمىسا، گىرادۇسىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى كۆزەينەك تاقىغاندىن ئاستا بولۇشى ناتايىن. بەزى بالىلارنىڭ كۆرۈش قۇۋۋىتى 600 گىرادۇسقا يەتسىمۇ، ئاتا - ئانىسى كۆزەينەك تاقىغىلى قويمايدۇ، گىرادۇسى ئاستا - ئاستا ئەسلىگە قايتىدىغۇ، دەپ خام خىيال قىلىدۇ ياكى كۆزەينەك تاقىمىسا گىرادۇسى ئېغىرلىمايدۇ، دەپ قارايدۇ. ئەمەلىيەتتە، بۇ خىل ئۇسۇل تېخىمۇ ئېغىر ئاقىۋەتنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئالدى بىلەن تۇرمۇشتا كۆرۈش قۇۋۋىتى ناچارلايدۇ، دوسكىنى ئېنىق كۆرەلمەيدۇ، ئۆگىنىش نەتىجىسىگە تەسىر يەتكۈزىدۇ، نەرسىلەرگە ئاسانلا سوقۇلۇپ كېتىدۇ؛ ئۇنىڭدىن قالسا، يىراقنى كۆرەلمەسلىك گىرادۇسىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى كۆزەينەك تاقايدىغان بىمارنىڭكىدىن ئاستا بولمايدۇ، ھەتتا تېخىمۇ تېز بولىدۇ؛ ئۈچىنچى، كۆز گۆھىرىنىڭ تەڭشەش ئىقتىدارى يوقىلىپ كېتىدۇ، كۆزەينەك تاقىغان ھامان ئېنىق كۆرگىلى بولسىمۇ، يېقىننى ئېنىق كۆرەلمەسلىكى مۇمكىن، بۇ ئادەتتە «كۆز تورلىشىش» دېيىلىدۇ. بۇ خىل بىمارلار يىراقنى كۆرەلمەسلىكىنى تۈزەش بىلەن بىر ۋاقىتتا تەڭشەش ئىقتىدار مەشىقى ئېلىپ بېرىشى كېرەك.

  كۆرۈش قۇۋۋىتىنى ئاسراشتا ئىلمىي ئوزۇقلىنىش لازىم

  كۆز چارچاشنى يېنىكلىتىش، يىراقنى كۆرەلمەسلىك ياكى يىراقنى كۆرەلمەسلىكنىڭ يەنىمۇ تەرەققىي قىلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا، كۆرۈش سېزىمى مەشىقى ۋە دالا پائالىيىتىگە دىققەت قىلغاندىن سىرت، يەنە بەزى ئوزۇقلۇق ماددىلارنى قوبۇل قىلىشقا دىققەت قىلىپ، كۆز ساغلاملىقىنى قوغداشنى تولۇق ماددىي ئاساس تەمىنلەش كېرەك.

  ئوقۇش يېشىدىكى بالىلارنىڭ كۆرۈش قۇۋۋىتىگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، مۇھىم بولغان ئوزۇقلۇق ماددىلار جەمئىي ئالتە چوڭ تۈرگە بۆلۈنىدۇ، ئۇلار ئايرىم - ئايرىم ھالدا: كۆزنىڭ «سېرىق داغ» رايونىغا پايدىلىق بولغان كسانتوفىل(叶黄素)، كۆممىقوناق فلاۋىن(玉米黄素)؛ يورۇقلۇق سېزىمىنى تەڭشەش ئىقتىدارىغا پايدىلىق بولغان ۋىتامىن A ياكى كاروتىن(胡萝卜素)؛ كۆز تېگى قان ئايلىنىشنى ئاشۇرىدىغان سىئانىدىن(青花素)؛  يۇقىرىقى ئوزۇقلۇق ماددىلارنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇشقا ياردەملىشىپ، كۆز قېرىشنى كېچىكتۈرىدىغان ۋىتامىنلار؛ مىنېرال ماددىلار ۋە DHA.

     بۇنىڭدىن سىرت، ئوقۇش يېشىدىكى بالىلارنىڭ كۆرۈش قۇۋۋىتىنى ئاسراشتا، كۆز ئېھتىياجلىق بولغان ئوزۇقلۇقنى قاندۇرۇش ئۈچۈن، بالىلارغا دائىم سېرىق، قىزغۇچ سېرىق، قىزىل، سۆسۈن، يېشىل رەڭلىك يېمەكلىكلەرنى يېگۈزۈش كېرەك.

  يېشىل رەڭلىك يېمەكلىكلەر. پالەك، قىچا قاتارلىق ھەر خىل قېنىق يېشىل يوپۇرماقلىق كۆكتاتلار، بۇلارنىڭ تەركىبىدە كۆپ مىقداردا كسانتوفىل، كاروتىن ۋە ۋىتامىن C بار.

  قىزغۇچ سېرىق رەڭلىك يېمەكلىكلەر. سېرىق كۆممىقوناق، تېرىق، سېرىق گۈرۈچ قاتارلىق سېرىق ئاشلىقلار تەركىبىدە كسانتوفىل، كۆممىقوناق فلاۋىن ۋە كاروتىن مول . ماڭگو، كۇلى بېھىسى، جۈزە، كاۋا قاتارلىق قىزغۇچ سېرىق رەڭلىك مېۋە - كۆكتاتلارنىڭ تەركىبىدە كاروتىن ۋە ۋىتامىن C مول.

  تۇخۇم سېرىقى. تۇخۇم سېرىقىنىڭ تەركىبىدە كسانتوفىل، كۆممىقوناق فلاۋىن ۋە ۋىتامىن B2، ۋىتامىن A مول بولۇپ، كۆز ئاسراشقا ئىنتايىن پايدىلىق .

  ئالقات. ئۇ تەبىئىي يېمەكلىكلەر ئارىسىدىكى تەركىبىدە كۆممىقوناق فلاۋىن ئىنتايىن مول يېمەكلىك بولۇپ، تەركىبىدە يەنە مول كسانتوفىل ۋە كاروتىنمۇ بار. شوۋىگۈرۈچ ئەتكەندە، شورپا قايناتقاندا ئازراق ئالقات سالسا بولىدۇ.

  بىنەپشە قىزىل رەڭلىك يېمەكلىكلەر. سۆسۈن گۈرۈچ، قارا گۈرۈچ، قىزىل گۈرۈچ، قىزىل پۇرچاق، قارا پۇرچاق قاتارلىق بىنەپشە قىزىل رەڭلىك قارا ئاشلىق پۇرچاق تۈرىدىكىلەرنىڭ تەركىبىدە سىئانىدىن بولۇپلا قالماستىن، يەنە ۋىتامىن E ، B تۈرىدىكى ۋىتامىنلارمۇ بار.

  سۆسۈن كاپۇستا، قىزىل بۇغداش، زىسەي گېزى، ئەينۇلا، قارىقات، سۆسۈن گىلاس، ئۈجمە قاتارلىق قىزىل سۆسۈن رەڭلىك مېۋە - كۆكتاتلارنىڭ تەركىبىدە سىئانىدىن ۋە ۋىتامىن C بار.

  بالىلاردىكى يىراقنى كۆرەلمەسلىكنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان توققۇز ئىش

  1. تەكشى ئوزۇقلىنىش.

  2. دالىدا پائالىيەت قىلىش.

  3. بويۇن ھەرىكىتى ئىشلەش.

  4. ئۇزۇن ئولتۇرماسلىق.

  5. توغرا قىياپەتتە ئولتۇرۇشقا كاپالەتلىك قىلىش.

  6. كىتاب ئوقۇش، خەت يېزىش مۇھىتىغا دىققەت قىلىش.

  7. ئۆلچەملىك ئۈستەل - ئورۇندۇق ئىشلىتىش.

  8. كۆز ئىشلىتىش ۋاقتىغا دىققەت قىلىش.

  9. ئېلېكتىرونلۇق ئۈسكۈنىلەردىن يىراق تۇرۇش.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى