شىنخۇا ئاگېنتلىقى، ئۈرۈمچى، 6-ئاينىڭ 2-كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىر سۈن جې): جۇڭگو A دەرىجىلىكلەر پۇتبول بىرلەشمىسىدىكى شىنجاڭ تىيانشان يىلپىزى ناخۇەن كوماندىسىغا كۈچ قوشقان پۇتبول چولپىنى رېيېس نەچچە كۈن ئىلگىرى قاتناش ھادىسىسىدە ئالەمدىن ئۆتتى. 6-ئاينىڭ 2-كۈنى ئېلىپ بېرىلغان جۇڭگو A دەرىجىلىكلەر پۇتبول بىرلەشمە مۇسابىقىسىدە شىنجاڭ كوماندىسى ئۆز مەيدانىدا 0گە قارشى 1 نەتىجىدە گۈيجوۋ خېڭفېڭ كوماندىسىنى يەڭدى.
ئالدىنقى مۇسابىقە پەسلىدىكى جۇڭگو A دەرىجىلىكلەر پۇتبول بىرلەشمە مۇسابىقىسىدە، رېيېس شىنجاڭ كوماندىسى ئۈچۈن 14 مەيدان مۇسابىقىلىشىپ، تۆت توپ كىرگۈزگەن. كوماندىنىڭ دەرىجە ساقلاش نىشانىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشىغا ياردەم قىلالمىغاندىن كېيىن، مۇسابىقە پەسلى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن ئۇ شىنجاڭ كوماندىسىدىن ئايرىلغان. 6-ئاينىڭ 1-كۈنى، ئىسپانىيەنىڭ كۆپلىگەن تاراتقۇلىرى رېيېسنىڭ قاتناش ھادىسىسىدە قازا قىلغانلىقى توغرىسىدا خەۋەر بەردى، شىنجاڭ تىيانشان يىلپىزى ناخۇەن كوماندىسىمۇ ئارقىدىنلا تەزىيە بىلدۈردى ھەمدە رېيېسنىڭ ئائىلىسىدىكىلەردىن ھال سورايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.