تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   ساغلاملىق

سۈت كىسلاتا باكتېرىيەسى ئادەم بەدىنىنىڭ ئىممۇنىتېت سىستېمىسىنى «ئاكتىپلاشتۇرىدۇ»

ماتېرىيال سۈرەت

  نېمە ئۈچۈن سۈت كىسلاتا باكتېرىيەسىنى سالامەتلىككە پايدىلىق دەيمىز؟ گېرمانىيەنىڭ بىر تۈرلۈك تەتقىقاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، ئىنسانلار ۋە ئادەمسىمان مايمۇن ھۈجەيرىسىدە مەۋجۇت بولغان بىر خىل قوبۇل قىلغۇچى تەنچە ئېچىتىلغان يېمەكلىكلەردە كۆپ ئۇچرايدىغان باكتېرىيە سۈت كىسلاتا باكتېرىيەسىنىڭ مېتابولىزم ھاسىلاتىنى تەكشۈرەلەيدىغان بولۇپ، ئۇنىڭ بىلەن بىرلەشكەندىن كېيىن ئىممۇنىتېت سىستېمىسىنى «ئاكتىپلاشتۇرىدىغان» سىگنال چىقىرىدىكەن.

  بۇ تەتقىقات نەتىجىسى يېقىندا « ئىلىم - پەن جامائەت كۇتۇپخانىسى . ئىرسىيەتشۇناسلىق » ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنغان، بۇ تەتقىقات نەتىجىسى ئېچىتىلغان يېمەكلىكلەرنىڭ پايدىلىق تەرىپىنى مولېكۇلا قاتلىمىدىن ئېچىپ بەرگەن، شۇنىڭ بىلەن تەڭ، بۇ تەتقىقات نەتىجىسىنىڭ ياللۇغلىنىش كېسىلىنى داۋالاشتىكى يوشۇرۇن دورا نىشانىنى تېپىپ چىقىشقا ياردىمى بولىدىكەن.

  ھۈجەيرە قوبۇل قىلغۇچى تەنچە بىر خىل ئاقسىل بولۇپ ، ماس كېلىدىغان مولېكۇلا بىلەن ھۈجەيرە بىرلەشكەندە، ئۇ ئالاھىدە سىگنالنىڭ ھۈجەيرىگە كىرىشىگە يول قويىدىكەن .كۆپ ساندىكى ھايۋانلاردا پەقەت ئىككى خىل HCA قوبۇل قىلغۇچى تەنچە بار ئىكەن، ئەمما ئىنسانلار ۋە ئادەمسىمان مايمۇن بەدىنىدە يەنە ئۈچىنچى خىل HCA قوبۇل قىلغۇچى تەنچە مەۋجۇت ئىكەن . تەتقىقاتچىلار، بىر خىل سۈت كىسلاتا باكتېرىيەسىدىن ھاسىل بولغان مېتابولىزم ھاسىلاتى D - فېنىل سۈت كىسلاتاسىنىڭ ئۈچىنچى خىل HCA قوبۇل قىلغۇچى تەنچە بىلەن بىرىكەلەيدىغانلىقىنى ھەمدە ئىممۇنىتېت ھۈجەيرىسىگە سىگنال بېرىپ، ئىممۇنىتېت ھۈجەيرىلىرىنىڭ ھەرىكىتىنى قوزغىتالايدىغانلىقىنى بايقىغان.

  تەتقىقاتلاردا مۇنداق دەپ قارالغان، ئۈچىنچى خىل HCA قوبۇل قىلغۇچى تەنچە ئەڭ بۇرۇن ئىنسانلار ۋە ئادەمسىمان مايمۇننىڭ ئورتاق ئەجدادىنىڭ تېنىدە پەيدا بولغان، بۇ تەدرىجىي تەرەققىيات ئالاھىدىلىكى ئىنسانلار ئەجدادلىرىنىڭ يېمەك - ئىچمەك ئادىتىنى ئۆزگەرتكەن، ئۇلار ئېچىتىلغان يېمەكلىكلەرنى يېيىشكە باشلىغان، مەسىلەن: چىرىگەن مېۋە - چېۋە قاتارلىقلار...

  ماقالە ئاپتورلىرىنىڭ بىرى، گېرمانىيە لېيپزىگ داشۆسىنىڭ تەتقىقاتچىسى كراۋدىيە شتاۋبېت مۇنداق دېدى: كەلگۈسىدە بىز سۈت كىسلاتا باكتېرىيەسىدىن ھاسىل بولغان مېتابولىزم ھاسىلاتى D - فېنىل سۈت كىسلاتاسىنىڭ ئىممۇنىتېت سىسىتېمىسىغا قانداق تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىنى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئاچىمىز.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى