شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 5-ئاينىڭ 30-كۈنى تېلېگراممىسى: 2022-يىلى قاتاردا ئۆتكۈزۈلىدىغان دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسى ئاسىيا رايونى ئالدىن تاللاش مۇسابىقىسىنىڭ تەييارلىق مۇسابىقە باسقۇچىدىكى (40 كۈچلۈكلەر مۇسابىقىسى) مۇسابىقىگە تەييارلىق قىلىش ئۈچۈن، جۇڭگو پۇتبولچىلار جەمئىيىتى 5-ئاينىڭ 30-كۈنى لىپى قايتا تىرېنېر بولغاندىن كېيىنكى تۇنجى قارارلىق 24 كىشىلىك يىغىپ مەشىقلەندۈرۈش تىزىملىكىنى ئېلان قىلدى، بېيجىڭ جۇڭخې گوئەن كوماندىسىنىڭ ماھىرى لى كې (يېننارىس) تۇنجى جۇڭگو دۆلەت تەۋەلىكىكە كىرگەن دۆلەت دەرىجىلىك پۇتبول ماھىرى بولۇپ قالدى.
بۇ تىزىملىككە، جۇڭگو دەرىجىدىن تاشقىرى پۇتبول بىرلەشمىسىدىكى «سەركە» كوماندا بېيجىڭ جۇڭخې گوئەن كوماندىسىدىن جەمئىي ئالتە ماھىر تاللاندى، لى كې تۇنجى جۇڭگو دۆلەت تەۋەلىكىكە كىرگەن دۆلەت دەرىجىلىك پۇتبول ماھىرى بولۇپ قالدى. گۇاڭجوۋ خېڭدا تاۋباۋ كوماندىسىدىن پېشقەدەم ماھىر جېڭ جىدىن ئىبارەت يەتتە ماھىر تىزىملىككە تاللاندى.
يېڭى قارارلىق جۇڭگو دۆلەتلىك ئەرلەر پۇتبول كوماندىسى 2019-يىلى 6-ئاينىڭ 3-كۈنىدىن 12-كۈنىگىچە گۇاڭجوۋدا يىغىلىپ مەشىق قىلىپ، فىلىپپىن كوماندىسى ۋە تاجىكىستان كوماندىسى بىلەن ئىككى مەيدان بەدەن قىزىتىش مۇسابىقىسى ئوينايدۇ.
يىغىپ مەشىقلەندۈرۈش تىزىملىكى تۆۋەندىكىچە:
شاڭخەي شاڭگاڭ كوماندىسى: يەن جۈنلىڭ، خې گۇەن
گۇاڭجوۋ خېڭدا تاۋباۋ كوماندىسى: جېڭ جى، جاڭ لىنپېڭ، خۇاڭ بوۋېن، شۈ شىن، گاۋ جۈنيى، ۋېي شىخاۋ، ياڭ لىيۈ
شەندۇڭ لۇنېڭ تەيشەن كوماندىسى: ۋاڭ دالېي، خاۋ جۈنمىن
بېيجىڭ جۇڭخې گوئەن كوماندىسى: يۈ داباۋ، ۋاڭ گاڭ، جاڭ شىجې، لى لېي، لى كې، جاڭ يۈنىڭ
جياڭسۇ سۇنىڭ كوماندىسى: ۋۇ شى، جى شياڭ
شاڭخەي لۈدى شېنخۇا كوماندىسى: جۇ چېنجيې
تيەنجىن تيەنخەي كوماندىسى: جاڭ لۇ، ياڭ شۈ
چۇڭچىڭ سىۋېي كوماندىسى: فېڭ جىن
تيەنجىن تەيدا كوماندىسى: مىرئەخمەتجان