تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   ئوبزور

يېڭى دەۋردە جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەشتىكى قۇدرەتلىك كۈچنى مۇجەسسەملەيمىز

ــــ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسى خىزمىتى يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ ئەھمىيىتى مۇھىم، زور بولۇپ، كىشى قەلبىنى روھلاندۇردى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرلىرى لو جېڭگۇاڭ، ۋاڭ چى، ۋاڭ پېڭ

  5-ئاينىڭ 31-كۈنى، «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسى خىزمىتى يىغىنى بېيجىڭدا ئېچىلدى. باش شۇجى شى جىنپىڭ يىغىنغا قاتنىشىپ ھەم مۇھىم سۆز قىلىپ، جەمئىيەتتىكى ھەر ساھەدىكىلەر، بولۇپمۇ كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنى چوڭقۇر ئىلھاملاندۇردى، چوڭقۇر روھلاندۇردى. كۆپچىلىك مۇنداق بىلدۈردى: جەزمەن ئاڭلىق ھالدا ئىدىيەنى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىغا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ئەسلىي مەقسەتنى ساقلاپ، بۇرچنى زىممىگە ئېلىش، پەرقلەرنى تېپىپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تۇتۇش ئومۇمىي تەلىپى بويىچە، باش تېما تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇشنى ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىقتىكى تۈرلۈك ۋەزىپىلەرنى تاماملاش بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىدا تۈزۈلگەن ئۇلۇغۋار پىلاننى قەدەممۇقەدەم گۈزەل رېئاللىققا ئايلاندۇرىمىز.

   ئېتىقاد ئاساسىنى مۇستەھكەملەش   مەنىۋى كالتسىينى تولۇقلاش   ئىدىيەدىن ئىبارەت بۇ رولنى چىڭ تۇتۇش

  بۇ، بىر قېتىملىق چوڭقۇر ئىدىيەۋى پارتىيە دەرسى ــــ

  جۇڭگو خەلقىنى بەختكە ئېرىشتۈرۈش، جۇڭخۇا مىللىتىنى گۈللەندۈرۈش جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنىڭ ئەسلىي مەقسىتى ۋە بۇرچى، ئەۋلادمۇئەۋلاد جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنى ئالدىنقىلارنىڭ ئىزىنى كېيىنكىلەر بېسىش، باتۇرلۇق بىلەن كۈرەش قىلىشقا ئىلھاملاندۇرىدىغان تۈپ ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ.

  پارتىيە 19-قۇرۇلتىيى يېپىلىپ ئۇزاق ئۆتمەي، باش شۇجى شى جىنپىڭ يېڭى بىر نۆۋەتلىك جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزالىرىنى باشلاپ شاڭخەي، جياشىڭغا بېرىپ «ئەسلىي مەقسەت سەپىرى»نى باشلىدى.

  «باش شۇجى بۇ قېتىمقى باش تېما تەربىيەسى خىزمىتى يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىدە، يەنە بىر قېتىم بىزگە چوڭقۇر <ئىدىيەۋى پارتىيە دەرسى> ئۆتتى.» جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 1-قۇرۇلتىيى يىغىن ئورنى خاتىرە سارىيىنىڭ مۇئاۋىن ساراي باشلىقى ياڭ يۈ مۇنداق دېدى: «بىز كوممۇنىستلار باشتىن - ئاخىر شۇنى ئەستە چىڭ ساقلىشىمىز كېرەككى، ھەممە ئالدىغا قاراپ ماڭسىمۇ، بېسىپ ئۆتكەن يوللارنى ئۇنتۇپ قېلىشقا بولمايدۇ، قانچە يىراققا ماڭسىمۇ، قانچە شانلىق كەلگۈسىگە يېتىپ بارسىمۇ، بېسىپ ئۆتكەن ئۆتمۈشنى ئۇنتۇپ قېلىشقا بولمايدۇ، نېمە ئۈچۈن يولغا چىققانلىقىنى ئۇنتۇپ قېلىشقا بولمايدۇ».

  بۇ، بىر مەيدان ئومۇميۈزلۈك روھنى تاۋلاش ــــ

  نەزەرىيەدە يېڭىلىق يارىتىش ھەربىر قەدەم ئىلگىرىلىگەندە، نەزەرىيە بىلەن قوراللىنىش ئەگىشىپ بىر قەدەم ئىلگىرىلەيدۇ، بۇ، پارتىيەمىزنىڭ ئۆز قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشىدىكى بىر مۇھىم تەجرىبىسى.

  «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى ئۆگىنىش، تەربىيەلىنىشكە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدىغان پارتىيە، شۇنداقلا ئۈزلۈكسىز ئۆگىنىش، تەربىيەلىنىش داۋامىدا پىشىپ يېتىلىشكە يۈزلەنگەن، غەلىبىگە يۈزلەنگەن پارتىيە. ھەر قېتىملىق مەركەزلىك ئۆگىنىش تەربىيەسى پارتىيە ئىشلىرىنى زور دەرىجىدە تەرەققىي قىلدۇرۇپ، پارتىيەنىڭ قىياپىتىنى زور دەرىجىدە يۈكسەلدۈردى» دېدى مەركىزىي پارتىيە مەكتىپىنىڭ پىروفېسسورى شىن مىڭ.

  جۇڭگو جىڭگاڭشەن كادىرلار شۆيۈەنىنىڭ دائىمىي مۇئاۋىن مۇدىرى مېي لىمىڭ مۇنداق دېدى: پۈتۈن پارتىيەدە «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇش پارتىيەمىزنىڭ خەلق ئۈچۈن ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئەسلىي مەقسىتى، ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىشقا جۈرئەت قىلىشتەك قەتئىي ئىرادىسى ۋە ئۇلۇغ غەلىبىنى قولغا كەلتۈرۈش ئىشەنچىنى نامايان قىلدى، ئەھمىيىتى مۇھىم، زور، شۇنداقلا مۇقەررەر تەسىرى چوڭقۇر، ئۇزاق بولىدۇ.

  بۇ، قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ ئىلگىرىلەشتىكى جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەش بۇرغىسى ــــ

  خۇنەن يۇڭجوۋ شىنتيەن ناھىيەلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى تاڭ جۈن مۇنداق دېدى: «دۆلەتنىڭ نامراتلارنى يۆلەش - روناق تاپقۇزۇش خىزمىتىدىكى نۇقتىلىق ناھىيە كادىرى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، بىز چوقۇم بۇ قېتىمقى باش تېما تەربىيەسى پائالىيىتىنى <ئىككىنى ئۆگىنىش، بىر بولۇش> ئۆگىنىش تەربىيەسىنى دائىملاشتۇرۇش، تۈزۈملەشتۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىش بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتىكى ئەمەلىي ئىشلەش، ئەمەلىي ئۈنۈم ئارقىلىق مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ نەتىجە يارىتىشنى نامايان قىلىمىز».

  جۇڭگو شاڭفېي شىركىتى پارتكومىنىڭ شۇجىسى، باش مۇدىر خې دۇڭفېڭ مۇنداق بىلدۈردى: نۆۋەتتىكى چىگىش، مۇرەككەپ خەلقئارا مۇھىت ۋە مۈشكۈل، ئېغىر قۇرۇلۇش، تەرەققىيات ۋەزىپىسى ئالدىدا، بىز جەزمەن جاسارەت بىلەن نەتىجە يارىتىپ، پەيتنى قولدىن بەرمەي، «ئۆز ئالدىغا يېڭىلىق يارىتىش، ئوچۇق ھەمكارلىقتا چىڭ تۇرۇپ، ئىچكى ماھارەتنى جاپالىق مەشىق قىلىپ، قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ ئىلگىرىلەپ، جۇڭگو ئارزۇسى ۋە چوڭ ئايروپىلان ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن بوشاشماي كۈرەش قىلىمىز».

   نىشان، مۇھىم نۇقتىنى ئايدىڭلاشتۇردى   تۈپ كۆرسەتكۈچ بىلەن تەمىنلىدى

  بۇ قېتىمقى باش تېما تەربىيەسىگە قارىتا، مەركەز 12 خەتلىك ئومۇمىي تەلەپنى ئوتتۇرىغا قويدى: ئەسلىي مەقسەتنى ساقلاپ، بۇرچنى زىممىگە ئېلىش، پەرقلەرنى تېپىپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تۇتۇش.

  گۇاڭدۇڭ ئۆلكىلىك پارتكوم تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن بۆلۈم باشلىقى ۋۇ يەنجۈن مۇنداق بىلدۈردى: باش تېما تەربىيەسىنى كۆڭۈل قويۇپ تەشكىللەش ئارقىلىق پارتىيەلىك رەھبىرىي كادىرلارنىڭ شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى سىياسىيدا قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش، ئىدىيەدە قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش، نەزەرىيەدە قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش ۋە ھېسسىياتتا قەلبتىن ئېتىراپ قىلىشىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، گۇاڭدۇڭنىڭ گۇاڭدۇڭ-شياڭگاڭ-ئاۋمېن چوڭ قولتۇق رايونى قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇشى، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشىنى كۈچلۈك كاپالەت بىلەن تەمىنلەيمىز.

  بۇ قېتىمقى باش تېما تەربىيەسىدە ھاكىم، باشقارما باشلىقى دەرىجىلىكتىن يۇقىرى رەھبىرىي كادىرلار مۇھىم نۇقتا قىلىنىدۇ. بۇنىڭغا قارىتا، جياڭشى يىچۈن يۈەنجوۋ رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى چېن بىن مۇنداق قارىدى: ھاكىم، باشقارما باشلىقى دەرىجىلىكتىن يۇقىرى رەھبىرىي كادىرلار پارتىيەنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈپ دۆلەتنى گۈللەندۈرۈشتىكى تايانچ كۈچى، بۇ قېتىمقى باش تېما تەربىيەسى ناھايىتى كۈچلۈك قاراتمىلىققا ئىگە بولۇپ، «تەشكىلات تارمىقىدىكى كادىر بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، بىز ھەم تەشكىللىگۈچى، ھەم قاتناشقۇچى بولۇپ، ئۆگىنىش - تەربىيەنى يەرلىكنىڭ نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەش، قارا، رەزىل كۈچلەرنى يوقىتىش قاتارلىق خىزمەتلىرى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، ھەل قىلىشقا تېگىشلىك مەسىلىلەرگە قارىتا نىشانلىق كۈچەپ، دەل جايىدا تەدبىر قوللىنىمىز».

  باش شۇجى شى جىنپىڭ باش تېما تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇش داۋامىدا «شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىقتىن قاتتىق ساقلىنىپ، پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنى توغرا نەتىجە قارىشىنى تىكلەپ، ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەپ، ئىستىلنى ياخشىلاشقا تەربىيەلەش، يېتەكلەش كېرەك» دەپ تەكىتلىدى.

  «شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىق نۆۋەتتە پارتىيە ئىچىدە ساقلىنىۋاتقان گەۋدىلىك زىددىيەت ۋە مەسىلە بولۇپ، ئىسلاھات، تەرەققىياتتىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرگە زور توسالغۇ پەيدا قىلدى، جەزمەن قەتئىي يېڭىش كېرەك.» شەنشى شىئەن شەھەرلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى شىئەن شەھەرلىك تاشقى ئىشلار - چياۋمىنلارخىزمىتى ئىشخانىسىغا تۇرۇشقا ئەۋەتكەن ئىنتىزام تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن گۇرۇپپا باشلىقى يۈەن جەنخۇڭ مۇنداق بىلدۈردى: ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە كادىرلىرى باش تېما تەربىيەسى جەريانىدا ھەقىقىي تۇتۇپ، قىيىنىغا تېگىش قىلىشقا جۈرئەت قىلىپ، ئاچقۇچلۇق ئاز سانلىقلارنى چىڭ كۆزلەپ، پارتىيەنىڭ ئىلغارلىقىغا تەسىر يەتكۈزىدىغان، پارتىيەنىڭ ساپلىقىنى ئاجىزلاشتۇرىدىغان بارلىق مەسىلىلەرگە قارشى قەتئىي كۈرەش قىلىپ، تىرىشىپ پارتىيەمىزنى تېخىمۇ مۇستەھكەم، كۈچلۈك قىلىپ قۇرۇپ چىقىمىز.

   ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەش   ئىستىلنى ياخشىلاپ ئەمەلىي ئۈنۈمگە ئەھمىيەت بېرىش

  نەزەرىيە ئۆگىنىشتە ئۈنۈم ھاسىل قىلىش، ئىدىيەۋى-سىياسىي جەھەتتە تاۋلىنىش، ئىش قىلىپ نەتىجە يارىتىشتا مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىگە ئېلىش، خەلق ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىپ قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش، پاك-دۇرۇس بولۇپ ئۈلگە بولۇش بۇ قېتىمقى باش تېما تەربىيەسىنىڭ بەش كونكرېت نىشانى.

  «بەش كونكرېت نىشان ھالقىمۇھالقا باغلانغان، زىچ ئۇلانغان بولۇپ، ئومۇمىي جەھەتتىن كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنىڭ ئىدىيەسى، ئىقتىدارى، پەزىلىتى ۋە ئىستىلىنى تاۋلايدۇ» دېدى جۇڭگو خەلق داشۆسى شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى تەتقىقات يۇرتىنىڭ باشلىقى چىن شۇەن.

  ئۆگىنىش ھەم پىكىر يۈرگۈزۈش، ئۆگەنگەننى ئىشلىتىش.

  ئۆگىنىشنىڭ نەتىجە-ئۈنۈملۈك بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، جەزمەن ئەمەلىيەتكە زىچ بىرلەشتۈرۈش كېرەك. خۇنەن شياڭشى تۇجيازۇ-مياۋزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى لۇڭشەن ناھىيەسى ناھىيەلىك پارتكوم ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى فۇ جيابو مۇنداق دېدى: «بىز بۇ قېتىمقى باش تېما تەربىيەسىنى يەرلىكنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، دىققەتنى ئامما ئەڭ كۆڭۈل بۆلىدىغان، ئەڭ دىققەت قىلىدىغان <ئىككىدىن غەم قىلدۇرماسلىق، ئۈچتە كاپالەتلەندۈرۈش>تىكى گەۋدىلىك مەسىلىلەرگە مەركەزلەشتۈرۈپ، مەسئۇلىيەتنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش، خىزمەتنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش، سىياسەتنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە كۈچەپ تۈرتكە بولۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جەريانىنىڭ پۇختا بولۇشى، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش نەتىجىسىنىڭ ھەقىقىي بولۇشى، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش نەتىجە-ئۈنۈمىنىڭ تارىخ ۋە ئەمەلىيەتنىڭ سىناقلىرىدىن ئۆتەلەيدىغان بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىمىز.

  ئۆگىنىشنىڭ نەتىجە-ئۈنۈملۈك بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشتا، جەزمەن ئىستىلنى ھەقىقىي ياخشىلاش كېرەك. «باش تېما تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇش جەريانىدا، مەسىلىلەرنى ئەستايىدىل تەكشۈرۈپ ئوتتۇرىغا قويۇپ، يېتەرسىزلىكلەرنى تېپىپ چىققاندىلا، ئاندىن ئىدىيەنىڭ تاۋلىنىشىنى ھەقىقىي ئىشقا ئاشۇرغىلى، ئەمەلىي مەسىلىنى ھەل قىلغىلى بولىدۇ.» لياۋنىڭ فۇشىن شىنچيۇ رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى جاۋ ۋېي مۇنداق دېدى: نۆۋەتتە يەرلىكنىڭ ئىقتىسادنى تىپىنى ئۆزگەرتىپ تەرەققىي قىلدۇرۇشىدا مەسىلە كۆپ، چوقۇم خىرىسلارغا ھەقىقىي، بىۋاسىتە يۈزلىنىپ، مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ، كان رايونىنىڭ ئېكولوگىيەسىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ۋە كان بايلىقىنى ئۇنىۋېرسال ئېچىش، پايدىلىنىشقا تەڭ ئەھمىيەت بېرىشتەك تىپ ئۆزگەرتىپ گۈللىنىش يولىدا مېڭىش كېرەك.

  ئۆگىنىشنىڭ نەتىجە-ئۈنۈملۈك بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشتا، جەزمەن شەكىلۋازلىقنى چەكلەش، «رەسمىيەتچىلىك»نى توسۇش كېرەك. گۇاڭجوۋ شەھەرلىك پارتكوم تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن بۆلۈم باشلىقى چېن شياۋجيا مۇنداق بىلدۈردى: «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسى ھەم بىر قېتىملىق ئومۇميۈزلۈك روھىي تاۋلىنىش، تېخىمۇ مۇھىمى بىر مەيدان چوڭقۇر ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىش، «بىز چوقۇم مەركىزىي كومىتېتنىڭ ئورۇنلاشتۇرما-تەلىپى بويىچە ياخشى تەشكىللەپ، ياخشى قانات يايدۇرۇپ، ئۆگىنىش، پىكىر يۈرگۈزۈش ۋە قوللىنىشنى تۇتاشتۇرۇشتا، بىلىش، ئىشىنىش ۋە ئىشلىتىشنى بىرلىككە كەلتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، ئاساسىي قاتلامغا چوڭقۇر چۆكۈپ، ئامما ئارىسىغا چوڭقۇر چۆكۈپ، شەكىلۋازلىق، يۈزەكى ئىش قىلىشنى قەتئىي توسۇپ، پۇختا نەتىجە-ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىمىز».

   (يېزىشقا قاتناشقانلار: جوۋ نەن، گاۋ خاۋلياڭ، گۈەن گۈيفېڭ، خۇاڭ خاۋيۈەن، جيا يۈەنكۈن، گو جىڭدەن، لى جېڭ، لى خاۋ)

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 6-ئاينىڭ 1-كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تىيانشان تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • شىنجاڭ ئېكولوگىيەسىدىكى زور بايقاش: خوشۇت جىنشاتەندە قۇش ئۇۋىسى مىڭدىن ئاشىدىغان قۇش ئارىلى بايقالدى
  • سۈزۈك سۇ، يېشىل قىرغاقلار ئەتىۋارلىق قۇشلارنى جەلپ قىلدى ‏
  • كۇچادا ئۆرۈك پىشتى ‏
ئالاقىلىشىڭ ئەسەر ئەۋەتىڭ خەت قالدۇرۇڭ تورىمىز ئىختىيارى مۇخبىرلار خەت ساندۇقى