تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   ئوبزور

دەل ۋاقتىدا بولغان مۇھىم، زور باش تېما تەربىيەسى

ــــ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسى خىزمىتى يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدا

خەلق گېزىتى ئوبزورچىسى

  مەيلى بىز قانچىلىك يىراققا بارايلى، كەلگەن يولىمىزنى ئۇنتۇپ قالساق بولمايدۇ.

  «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسى خىزمىتى يىغىنىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ پارتىيەنىڭ تۈپ مەقسىتىنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىش، پارتىيەنىڭ تارىخىي بۇرچىنى ئىشقا ئاشۇرۇش يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ، جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنىڭ ئەسلىي مەقسىتى ۋە بۇرچىنى چوڭقۇر شەرھلىدى، باش تېما تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇشنىڭ مۇھىم، زور ئەھمىيىتىنى، نىشان - تەلىپى ۋە نۇقتىلىق تەدبىرلىرىنى چوڭقۇر ئىزاھلىدى، باش تېما تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇش توغرىسىدا ئومۇميۈزلۈك ئورۇنلاشتۇرما قىلىپ، پۈتۈن پارتىيەدە باش تېما تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇشنىڭ تىرىشىش يۆنىلىشىنى كۆرسىتىپ بەردى، ئۇنى تۈپ مىزان بىلەن تەمىنلىدى.

  پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىدا ھاكىم، باشقارما باشلىقى دەرىجىلىكتىن يۇقىرى رەھبىرىي كادىرلارنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، پۈتۈن پارتىيەدە «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇش قارار قىلىندى. بۇ يىل جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقى، شۇنداقلا پارتىيەمىزنىڭ پۈتۈن مەملىكەتتە ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈۋاتقانلىقىنىڭ 70- يىلى، مۇشۇ پەيتتە بۇ قېتىمقى باش تېما تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇش دەل ۋاقتىدا بولدى. بۇ قېتىمقى باش تېما تەربىيەسى يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئۇلۇغ كۈرەش، ئۇلۇغ قۇرۇلۇش، ئۇلۇغ ئىش، ئۇلۇغ ئارزۇنى بىرتۇتاش ئىگىلەپ چىقارغان مۇھىم، زور ئورۇنلاشتۇرمىسى، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى بىلەن پۈتۈن پارتىيەنى قوراللاندۇرۇشنىڭ تەخىرسىز ئېھتىياجى، يېڭى دەۋردىكى پارتىيە قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىشنىڭ تەخىرسىز ئېھتىياجى، پارتىيەنىڭ خەلق ئاممىسى بىلەن بولغان قان بىلەن گۆشتەك مۇناسىۋىتىنى ساقلاشنىڭ تەخىرسىز ئېھتىياجى، پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىدا بېكىتىلگەن نىشان - ۋەزىپىلەرنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ تەخىرسىز ئېھتىياجى. بۇ قېتىمقى باش تېما تەربىيەسىنى ياخشى قىلىش پارتىيەمىزنىڭ ئۆزى ئۈستىدە ئۈزلۈكسىز ئىنقىلاب قىلىپ، خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، يېڭى دەۋردە جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇشتىن ئىبارەت ئۇلۇغ ئىجتىمائىي ئىنقىلابنى ئالغا سىلجىتىپ، «بەش بىر گەۋدە» ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسىنى بىرتۇتاش ئىلگىرى سۈرۈپ، «تۆت ئومۇميۈزلۈك» ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ماس ئىلگىرى سۈرۈپ، «ئىككى 100 يىل»لىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشى، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشىدا ئىنتايىن مۇھىم، زور ئەھمىيەتكە ئىگە.

  جۇڭگو خەلقىنى بەختكە ئېرىشتۈرۈش، جۇڭخۇا مىللىتىنى گۈللەندۈرۈش جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنىڭ ئەسلىي مەقسىتى ۋە بۇرچى، ئەۋلادمۇئەۋلاد جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنى ئالدىنقىلارنىڭ ئىزىنى كېيىنكىلەر بېسىش، باتۇرلۇق بىلەن كۈرەش قىلىشقا ئىلھاملاندۇرىدىغان تۈپ ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ. بۇ قېتىمقى باش تېما تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇشتا، ئىدىيە جەھەتتە پارتىيە قۇرۇش، نەزەرىيە جەھەتتە پارتىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇشتا چىڭ تۇرۇپ، كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنىڭ «تۆت ئاڭ»نى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىشى، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىشى، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، ئېتىقاد ئاساسىنى مۇستەھكەملەش، مەنىۋى كالتسىينى تولۇقلاش، ئىدىيەدىن ئىبارەت بۇ رولنى چىڭ تۇتۇش كېرەك؛ يېڭى دەۋردىكى پارتىيە قۇرۇلۇشى ئومۇمىي تەلىپىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيەنىڭ ئىلغارلىقىغا تەسىر يەتكۈزىدىغان، پارتىيەنىڭ ساپلىقىنى ئاجىزلاشتۇرىدىغان بارلىق مەسىلىلەرگە قارشى قەتئىي كۈرەش قىلىپ، تىرىشىپ پارتىيەمىزنى تېخىمۇ مۇستەھكەم، كۈچلۈك قىلىپ قۇرۇپ چىقىش كېرەك؛ كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنى پارتىيەنىڭ جان - دىل بىلەن خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىش تۈپ مەقسىتىنى ئاڭلىق ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈشكە تەربىيەلەپ، يېتەكلەپ، ئامما ئەڭ كۆڭۈل بۆلىدىغان، ئەڭ رېئال مەنپەئەت مەسىلىلىرىنى كۈچەپ ھەل قىلىپ، خەلق ئاممىسىنىڭ پارتىيەگە بولغان ئىشىنىشى ۋە ئىشەنچىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، پارتىيەنىڭ ئۇزاق مۇددەت ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشىدىكى ئەڭ ئىشەنچلىك سىنىپىي ئاساسى ۋە ئاممىۋى ئۇلىنى مۇستەھكەملەش كېرەك؛ كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنى ئىنقىلابىي ئەنئەنە ۋە ئېسىل ئىستىلنى ئەۋج ئالدۇرۇشقا تەربىيەلەپ، يېتەكلەپ، خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىدا تۈزۈلگەن ئۇلۇغۋار پىلاننى قەدەممۇقەدەم گۈزەل رېئاللىققا ئايلاندۇرۇش كېرەك.

  «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇشتا، ئەسلىي مەقسەتنى ساقلاپ، بۇرچنى زىممىگە ئېلىش، پەرقلەرنى تېپىپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تۇتۇش ئومۇمىي تەلىپىنى پۇختا ئىگىلەپ، يېڭى دەۋردە جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش، سادىق، پاك، مەسئۇلىيەتچان سىياسىي پەزىلەتنى تاۋلاش، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، ئۇلۇغ ئارزۇنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئورتاق كۈرەش قىلىش تۈپ ۋەزىپىسىنى پۇختا ئىگىلەپ، نەزەرىيە ئۆگىنىش جەھەتتە ئۈنۈم ھاسىل قىلىش، ئىدىيە - سىياسىي جەھەتتە تاۋلىنىش، ئىش قىلىپ نەتىجە يارىتىپ مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىگە ئېلىش، خەلق ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىپ قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش، پاك - دۇرۇس بولۇپ ئۈلگە بولۇش كونكرېت نىشانىنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرۇپ، بۇ قېتىمقى باش تېما تەربىيەسىدە پۇختا نەتىجە - ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

  باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسى خىزمىتى يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزى ناھايىتى كۈچلۈك سىياسىيۋىلىككە، ئىدىيەۋىلىككە، قاراتمىلىققا، يېتەكچىلىككە ئىگە بولۇپ، باش تېما تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇشتىكى تۈپ كۆرسەتكۈچ، يېڭى دەۋردە پارتىيە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشتىكى پىروگرامما خاراكتېرلىك ھۆججەت. پۈتۈن پارتىيەدىكى يولداشلار ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئۆزلەشتۈرۈپ، ئىدىيەنى ئاڭلىق ھالدا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىغا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ روھىنى توغرا ئىگىلەپ، ئۆز جايى، ئۆز تارمىقى، ئۆز ئورنىنىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، خىزمەتلەرنى ئىجادىي قانات يايدۇرۇپ، ئۆگىنىش - تەربىيە، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش، مەسىلىنى تەكشۈرۈش - كۆزىتىش، تۈزىتىشنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى باش تېما تەربىيەسىنىڭ پۈتۈن جەريانىغا سىڭدۈرۈپ، پۈتۈن پارتىيەنىڭ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ قىيىنچىلىقلارنى يېڭىش، ئىش قىلىپ نەتىجە يارىتىشتىكى غايەت زور قىزغىنلىقىنى قوزغىتىپ، تېخىمۇ ئاڭلىق ھالدا يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ تارىخىي بۇرچى ئۈچۈن كۈرەش قىلىشى كېرەك.

  (شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 6- ئاينىڭ 1- كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى