تىيانشان تورى   ›   ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرى   ›   شۇجى خاتىرىسى

چېن چۈەنگو بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى

چېن چۈەنگو بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندا مۇنداق تەكىتلىدى

«ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇشنى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قىلىپ، ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنىڭ ئەمەلىيلىشىپ يىلتىز تارتىشىغا پۇختا تۈرتكە بولۇش كېرەك

پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر مىللەت كىچىك دوستلارنىڭ «1-ئىيۇن» خەلقئارا بالىلار بايرىمىنى خۇشال-خۇرام ئۆتكۈزۈشىگە تىلەكداشلىق بىلدۈردى

5-ئاينىڭ 31-كۈنىدىن 6-ئاينىڭ 1-كۈنىگىچە، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى چېن چۈەنگو بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىغا بېرىپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى. 6-ئاينىڭ 1-كۈنى، چېن چۈەنگو بورتالا شەھىرىنىڭ چىندېل بازىرى دىنجىك كەنتى يەسلىسىگە كېلىپ، بالىلارغا «1-ئىيۇن» خەلقئارا بالىلار بايرىمىلىق سوۋغا تەقدىم قىلدى ھەم پۈتۈن ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت كىچىك دوستلارنىڭ بايرامنى خۇشال-خۇرام ئۆتكۈزۈشىگە، ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشىگە تىلەكداشلىق بىلدۈردى.

(شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى سۈي جىجيەن فوتوسى)

  شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ياۋ تۇڭ خەۋەر قىلىدۇ: 5-ئاينىڭ 31-كۈنىدىن 6-ئاينىڭ 1-كۈنىگىچە، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى چېن چۈەنگو بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىغا بېرىپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسىنى پۇختا قانات يايدۇرۇپ، ئىستىلنى ياخشىلاپ، ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنىڭ ئەمەلىيلىشىپ يىلتىز تارتىشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك.

  چېن چۈەنگو بورتالا شەھىرىنىڭ چىندېل بازىرى دىنجىك كەنتىدىكى خەلققە قولايلىق مۇلازىمەت زالى، پارتىيە ئەزالىرى-ئامما پائالىيەت مەركىزىگە كىرىپ، ئاساسىي قاتلام كادىرلىرىنى يوقلىدى ۋە ئۇلاردىن سەمىمىي ھال سورىدى، كۆپچىلىكنى خەلقنىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئىنتىلىشىنىڭ دەل بىزنىڭ كۈرەش نىشانىمىز ئىكەنلىكىنى باشتىن-ئاخىر ئەستە چىڭ ساقلاپ، چىن كۆڭلىدىن ئامما بىلەن ئالاقە باغلاش، ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىشقا ئىلھاملاندۇردى. چىندېل بازىرىنىڭ يېزا ئارتۇق ئەمگەك كۈچلىرىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش بويىچە تەربىيەلەش بازىسىدا، چېن چۈەنگو كۆپچىلىكنىڭ تۇرمۇشى ۋە كىرىم ئەھۋالىنى تەپسىلىي ئىگىلىدى، ئۇ: تەربىيەلەش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، يېزىلاردىكى تېخىمۇ كۆپ ئارتۇق ئەمگەك كۈچلىرىگە بىرەر ھۈنەر ئىگىلىتىش، ئۇلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىش كېرەك، دەپ تەكىتلىدى. تامغىن زەڭگىن كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى مىرزات تۇردى ئائىلىسىنىڭ يېڭى دەۋر مەدەنىيلىكىنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىش مەركىزى مەدەنىيەت چوڭ ھويلىسىدا، يۇرتداشلار خۇشال-خۇرام بىر يەرگە جەم بولۇپ، ناخشا ئېيتىپ، ئۇسسۇل ئويناۋاتاتتى. چېن چۈەنگو يۇرتداشلارغا گۈزەل تىلەك تىلىدى، كۆپچىلىكنىڭ كۈنلىرىنىڭ بارغانسېرى باياشات ئۆتۈشىگە تىلەكداشلىق بىلدۈردى.

  بورتالا شەھىرىنىڭ ئوتبۇلاق بازىرى چىندېلنجو كەنتىدىكى مەسچىتتە، چېن چۈەنگو دىنىي ساھەدىكى زاتلارنى دۆلىتىمىزدىكى دىنلارنىڭ ئېسىل ئەنئەنىسىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئىسلام دىنىنى سوتسىيالىزم جەمئىيىتىگە ئۇيغۇنلاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن پائال تۆھپە قوشۇشقا رىغبەتلەندۈردى.

  چېن چۈەنگو يەنە شىنجاڭ تيەنلەي چارۋىچىلىق چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە كېلىپ، كارخانىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت ۋە ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇپ كىرىمنى كۆپەيتىشكە تۈرتكە بولۇش ئەھۋالىنى ئىگىلىدى. ئۇ كارخانىنىڭ يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا مەۋقەنى ئۆز يېرىنىڭ ئەۋزەللىكىگە قويۇپ، كەسىپلەشتۈرۈش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، كارخانىنىڭ سۈپەتنى ئۆستۈرۈپ ئۈنۈمنى ئاشۇرۇش، دېھقان-چارۋىچىلارنىڭ كىرىمىنى سىجىل كۆپەيتىشنى ئىلگىرى سۈرۈشىنى ئۈمىد قىلدى.

  تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش دەل «1-ئىيۇن» خەلقئارا بالىلار بايرىمىغا توغرا كەلدى، چېن چۈەنگو دىنجىك كەنتى يەسلىسىگە كېلىپ، بالىلارنىڭ ئۆگىنىش، تۇرمۇش ئەھۋالىنى سەمىمىيلىك بىلەن سورىدى ھەم ئۇلارنىڭ ۋە پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر مىللەت كىچىك دوستلارنىڭ بايرامنى خۇشال-خۇرام ئۆتكۈزۈشىگە، ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشىگە تىلەكداشلىق بىلدۈردى.

  تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش داۋامىدا، چېن چۈەنگو بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ مۇقىملىق، تەرەققىياتقا دائىر تۈرلۈك ئىشلاردا قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرىنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈردى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مۇھىم، زور تەدبىر-ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسىنى پۇختا، ياخشى قانات يايدۇرۇشتا، ئەسلىي مەقسەتنى ساقلاپ، بۇرچنى زىممىگە ئېلىش، پەرقلەرنى تېپىپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تۇتۇش ئومۇمىي تەلىپىنى پۇختا ئىگىلەپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش، سادىق، پاك، مەسئۇلىيەتچان بولۇشتەك سىياسىي پەزىلەتنى تاۋلاش، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، ئۇلۇغ ئارزۇنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئورتاق كۈرەش قىلىش تۈپ ۋەزىپىسىنى پۇختا ئىگىلەپ، نەزەرىيە ئۆگىنىشتە ئۈنۈم ھاسىل قىلىش، ئىدىيەۋى-سىياسىي جەھەتتە تاۋلىنىش، ئىش قىلىپ نەتىجە يارىتىشتا مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىگە ئېلىش، خەلق ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىپ قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش، پاك-دۇرۇس بولۇشتا ئۈلگە بولۇشتەك كونكرېت نىشانلارنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرۇپ، باش تېما تەربىيەسىنىڭ پۇختا، ئەمەلىي نەتىجە-ئۈنۈمگە ئېرىشىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. باش تېما تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇشنى ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىققا دائىر تۈرلۈك خىزمەتلەر بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى زىچ چۆرىدەپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت باش رىتىمىدا چىڭ تۇرۇپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداش، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى مۇستەھكەملەش، تەرەققىي قىلدۇرۇش، خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش، ياخشىلاش، دىنلارنىڭ ئېجىل-ئىناقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى ئاسراش، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش قاتارلىق تۈرلۈك خىزمەتلەرنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ياخشى ئىشلەپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنىڭ ئەمەلىيلىشىپ يىلتىز تارتىشى، ئەمەلىي ئۈنۈم ھاسىل قىلىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

  ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسى جاۋ چۇڭجيۇ، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستلىق پارتكومنىڭ شۇجىسى چيۇ شۇخۇا بىللە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.