تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش

نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش بىلەن مۇستەھكەملەش، يۈكسەلدۈرۈشكە تەڭ ئەھمىيەت بېرىشتە چىڭ تۇرۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە يۇقىرى سۈپەتلىك غەلىبە قىلىش كېرەك

لى پېڭشىن ئاقسۇ ۋىلايىتىدە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى

نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش بىلەن مۇستەھكەملەش، يۈكسەلدۈرۈشكە تەڭ ئەھمىيەت بېرىشتە چىڭ تۇرۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە يۇقىرى سۈپەتلىك غەلىبە قىلىش كېرەك

  شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لى ياڭ خەۋەر قىلىدۇ: 5- ئاينىڭ 29- كۈنىدىن 30- كۈنىگىچە، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايونلۇق نامراتلارنى يۆلەش - روناق تاپقۇزۇش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن گۇرۇپپا باشلىقى لى پېڭشىن ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ كۇچا ناھىيەسى، توقسۇ ناھىيەسى، باي ناھىيەسى، ئاۋات ناھىيەسىگە چوڭقۇر چۆكۈپ، نامرات ئەمەس ناھىيەلەرنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش خىزمىتىنى پۇختا ياخشى ئىشلىشى بويىچە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى قانات يايدۇردى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ نامراتلارنى يۆلەش خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، باش نىشاننى زىچ چۆرىدەپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش بىلەن مۇستەھكەملەش، يۈكسەلدۈرۈشكە تەڭ ئەھمىيەت بېرىشتە چىڭ تۇرۇپ، تىرىشىپ ئومۇميۈزلۈك نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش، مۇستەھكەملەش، يۈكسەلدۈرۈش، ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچنى كۈچەيتىش قاتارلىق جەھەتلەردە كۈچ سەرپ قىلىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە يۇقىرى سۈپەتلىك غەلىبە قىلىش كېرەك.

  لى پېڭشىن ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ كۇچا ناھىيەسىنىڭ شۇييۈن تيەنچېڭ مەھەللىسى رۇنفا توقۇمىچىلىق، كىيىم - كېچەك چەكلىك شىركىتى، شىنجاڭ گورەنخاۋ بىيوپەن - تېخنىكا چەكلىك شىركىتى، توقسۇ ناھىيەسى دۇپەي كىيىم - كېچەك، زىبۇ - زىننەت بۇيۇملىرى چەكلىك شىركىتى، توقسۇ ناھىيەسىنىڭ ئىچئېرىق بازىرى يېشىل گۆش كالىسى باقمىچىلىقى كەسىپلەر باغچىسى، باي ناھىيەسىنىڭ ياتۇر يېزىسى تاغاچى كەنتى پارنىك كۆكتات تېرىقچىلىق بازىسى، شىنجاڭ تيەنيۈ ئۇرۇقچىلىق چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى، ئاۋات ناھىيەسىنىڭ بەشئېرىق بازىرى تۆۋەنكى دۆڭقىشلاق كەنتى ئەلا سۈپەتلىك ياڭاق ئۆستۈرۈش بازىسى قاتارلىق جايلارغا بېرىپ، نەق مەيداندا نامرات ئاممىنى يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، خاس تېرىقچىلىق، باقمىچىلىقنى تەرەققىي قىلدۇرۇش قاتارلىق ئەھۋاللارنى كۆزدىن كەچۈردى، نامرات ئامما ۋە بىرىنچى سەپتىكى ئىشچى - خىزمەتچىلەرنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش ئەھۋالىنى تەپسىلىي سۈرۈشتۈردى، كۆپچىلىكنى ئىشەنچنى ئۇرغۇتۇپ، پۇختا، جاپالىق ئىشلەپ، ئەمگەكچان بىر جۈپ قولىغا تايىنىپ گۈزەل ئەتىنى يارىتىشقا ئىلھاملاندۇردى.

  لى پېڭشىن مۇنداق تەكىتلىدى: ھازىر، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭى ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىشنىڭ ئاچقۇچلۇق باسقۇچىغا كىردى، جەزمەن «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، بىرلا غەيرەت قىلىپ، قەيسەرلىك بىلەن جەڭ قىلىپ، ئومۇميۈزلۈك غەلىبە قىلمىغىچە جەڭنى ھەرگىز توختاتماي، ئەمەلىي ھەرىكەت ئارقىلىق پارتىيەگە بولغان مۇتلەق سادىقلىقنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىش كېرەك.

  لى پېڭشىن مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش سىياسىي مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشتىكى ئاچقۇچ يۇقىرى - تۆۋەن بىر نىيەتتە بولۇپ، يۇقىرى قاتلامدىن لايىھەلەشنى ئاساسىي قاتلامنىڭ ئەمەلىيىتى بىلەن بىرلىككە كەلتۈرۈپ، يۇقىرى دەرىجىلىك تارماق، ئورۇنلارنىڭ ياردەم بېرىش، يېتەكچىلىك قىلىش مەسئۇلىيىتىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ مەسىلىلەرنى بايقاش، مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشتا يېتەرلىك ئويلىنىشى، يېتەرلىك كۈچ سەرپ قىلىشىغا ياردەم بېرىپ، يېتەكچىلىك قىلىپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم بېكىتكەن ئورۇنلاشتۇرما، تەلەپلەرنى چىڭ كۆزلەش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە. شەكىلۋازلىقتىكى گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش ئارقىلىق ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىشتىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، ئاساسىي قاتلام كادىرلىرىنى ئاسراپ ۋە ئۇلارنى باشقىچە خىياللاردا بولماي خىزمەت قىلىشقا رىغبەتلەندۈرۈپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنىڭ جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈشىگە تېخىمۇ ياخشى تۈرتكە بولۇش كېرەك.

  لى پېڭشىن مۇنۇلارنى تەلەپ قىلدى: «ئىككىدىن غەم قىلدۇرماسلىق، ئۈچتە كاپالەتلەندۈرۈش» ئۆلچىمىدە چىڭ تۇرۇپ، دەل جايىدا تەدبىر قوللىنىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، «يەتتە بىر تۈركۈم» «ئۈچتە سالماقنى زورايتىش»نى ئالغا سىلجىتىش كېرەك. كەسىپلەر ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەشنى گەۋدىلەندۈرۈپ، باشلامچى كارخانىلارنىڭ ئۈلگە كۆرسىتىشى، تۈرتكە بولۇشىغا ئەھمىيەت بېرىپ، «قان ئىشلەش» ئىقتىدارىنى ھەقىقىي كۈچەيتىش كېرەك. پەن - تېخنىكا تىرىكىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، سۈپەتلىك ئۇرۇق يېتىشتۈرۈش، كېڭەيتىش سالمىقىنى زورايتىپ، خاس باغ - ئورمانچىلىقنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇش ۋە چارۋىچىلىقنى كۆلەملەشتۈرۈپ راۋاجلاندۇرۇشنى زور كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتىش كېرەك. كەسىپلەر ئارقىلىق نامراتلارنى يېتەكلەش، نامراتلارغا نەپ يەتكۈزۈش مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، مۇكەممەللەشتۈرۈپ، كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپلىرىنىڭ قېلىپلىشىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، نامرات ئاممىنىڭ ئىشلەپچىقىرىشنى راۋاجلاندۇرۇش، تىرىشىپ ئىشلەپ بېيىشتىكى ئاكتىپلىقى، تەشەببۇسكارلىقىنى قوزغىتىش كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى