تىيانشان تورى   ›   ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرى   ›   شۇجى خاتىرىسى

يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، دىققەتنى باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈپ، تارباغاتاي ۋىلايىتىنىڭ مۇقىملىقى، تەرەققىياتىنىڭ يېڭى ۋەزىيىتىنى ئۈزلۈكسىز يارىتىش كېرەك

چېن چۈەنگو تارباغاتاي ۋىلايىتىدە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندا مۇنداق تەكىتلىدى

يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، دىققەتنى باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈپ، تارباغاتاي ۋىلايىتىنىڭ مۇقىملىقى، تەرەققىياتىنىڭ يېڭى ۋەزىيىتىنى ئۈزلۈكسىز يارىتىش كېرەك

5- ئاينىڭ 30- كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى چېن چۈەنگو تارباغاتاي ۋىلايىتىگە بېرىپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى. سۈرەتتە: چېن چۈەنگو دۆربىلجىن ناھىيەسىنىڭ سانائەت رايونىدا كارخانىنىڭ مەھسۇلاتنى تەتقىق قىلىپ ئېچىش، ئۆزگىچە ئەۋزەل كەسىپلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇش قاتارلىق مۇناسىۋەتلىك ئەھۋاللارنى تەپسىلىي ئىگىلىمەكتە.

(شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى سۈي جىجيەن فوتوسى)

  شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ياۋ تۇڭ خەۋەر قىلىدۇ: 5- ئاينىڭ 30- كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى چېن چۈەنگو تارباغاتاي ۋىلايىتىگە بېرىپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، دىققەتنى ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت باش رىتىمىدا چىڭ تۇرۇپ، باش چۆكۈرۈپ جاپالىق ئىشلەپ، ھەقىقىي تۇتۇپ، ئەمەلىي ئىشلەپ، تارباغاتاي ۋىلايىتىنىڭ مۇقىملىقى، تەرەققىياتىنىڭ يېڭى ۋەزىيىتىنى ئۈزلۈكسىز يارىتىش كېرەك.

  شىنجاڭ لۇڭخۈييۈەن دورىگەرلىك چەكلىك شىركىتى «شىركەت + بازا + دېھقانلار ھەمكارلىق كوپىراتىپى» شەكلىدە شۇ جايدىكى دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشىغا ئۈنۈملۈك تۈرتكە بولدى، چۈچۈكبۇيا مەھسۇلاتلىرىنى چوڭقۇر پىششىقلاش سېخىدا، چېن چۈەنگو كارخانىنىڭ مەھسۇلات تەتقىق قىلىپ ئېچىش، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇش، خاس، ئەۋزەل كەسىپلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇش قاتارلىق ئالاقىدار ئەھۋاللارنى تەپسىلىي ئىگىلىدى. چېن چۈەنگو كارخانا مەسئۇللىرىنى مەۋقەنى شىنجاڭنىڭ خاس، ئەۋزەل كەسىپلىرىگە قويۇپ، كەسىپ زەنجىرىنى ئۇزارتىپ، قوشۇلما قىممەتنى ئاشۇرۇپ، دېھقان - چارۋىچىلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇش يوللىرىنى كېڭەيتىشىگە ياردەم بېرىپ، كارخانا تەرەققىياتىنىڭ ئىقتىسادىي ئۈنۈمى ۋە ئىجتىمائىي ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا ئىلھاملاندۇردى.

  چۆچەك شەھىرىدىكى پېنسىيەگە چىققان 73 ياشلىق خىزمەتچى سالىقجان ئىمىن ئون يىلنى بىر كۈندەك ئۆتكۈزۈپ، ھەر دۈشەنبە كۈنى ھويلىسىدا دۆلەت بايرىقى چىقىرىشتا چىڭ تۇردى. چېن چۈەنگو سالىقجاننىڭ ئۆيىگە كېلىپ، ئائىلە ئۆزگىچە ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيەسى كۆرگەزمىسىنى ئېكسكۇرسىيە قىلدى، بىر ئائىلە كىشىلىرى بىلەن چۆرىدىشىپ ئولتۇرۇپ پاراڭلاشتى. چېن چۈەنگو سالىقجان بوۋاينىڭ پارتىيەنى سۆيۈش، ۋەتەننى سۆيۈش ئالىيجاناب ھېسسىياتىنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈردى، بۇ بىر ئائىلە كىشىلىرىنىڭ داۋاملىق پارتىيەنى قىزغىن سۆيۈش، ۋەتەننى قىزغىن سۆيۈش، جۇڭخۇا مىللىتى چوڭ ئائىلىسىنى قىزغىن سۆيۈش نەمۇنىچىلىرىدىن بولۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۆز قارىچۇقىنى ئاسرىغاندەك ئاسراپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ھاياتىنى قەدىرلىگەندەك قەدىرلەپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈشىنى ئۈمىد قىلدى.

  چۆچەك شەھىرى شىنخۇا شىمالىي يولى مەسچىتىدە، چېن چۈەنگو دىنىي پائالىيەتلەرنىڭ قانات يايدۇرۇلۇش ئەھۋالىنى تەپسىلىي ئىگىلىدى. ئۇ دىنىي ساھەدىكى كەڭ زاتلارنىڭ ۋەتەننى سۆيۈش، دىننى سۆيۈش ئېسىل ئەنئەنىسىنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇپ، داۋاملىق ۋەتەننىڭ بىرلىكى، ئىجتىمائىي مۇقىملىق، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، دىنلار ئىناقلىقىنى قوغداشقا پائال تۆھپە قوشۇشىنى ئۈمىد قىلدى.

  تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش داۋامىدا، چېن چۈەنگو تارباغاتاي ۋىلايىتىنىڭ مۇقىملىق، تەرەققىياتتىكى تۈرلۈك ئىشلاردا قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرىنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈردى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، باش نىشاننى زىچ چۆرىدەپ، ئېشىشنى مۇقىملاشتۇرۇش، ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈش، قۇرۇلمىنى تەڭشەش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، خەۋپ - خەتەردىن مۇداپىئەلىنىش، مۇقىملىقنى قوغداش خىزمىتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ياخشى ئىشلەپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ مۇقىملىقى، تەرەققىياتىغا يېڭى تۆھپە قوشۇش كېرەك. بىرىنچى، ئىجتىمائىي ئومۇمىي ۋەزىيەتنىڭ مۇقىملىقىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، دىققەتنى باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈپ، «بىرىكمە مۇشت»نى ياخشى ئېتىپ، ئاگاھ سىگنالىنى ئۇزاققىچە ياڭرىتىپ، دائىم ھوشيار بولۇپ، مۇقىملىقنى قوغداش تەدبىرلىرىنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مۇقىملىقنىڭ پايدىسىنى سىجىل قويۇپ بېرىش كېرەك. ئىككىنچى، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئۈچ چوڭ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى داۋاملىق ياخشى قىلىپ، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشى، يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش، ساياھەت كەسپىنى راۋاجلاندۇرۇشنى ياخشى تۇتۇپ، ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىش كېرەك. ئۈچىنچى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى مۇستەھكەملەپ، تەرەققىي قىلدۇرۇپ، پارتىيەنىڭ مىللەتلەر سىياسىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بىرلەشمە دوستلۇق پائالىيىتىنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئالاقىلىشىشى، ئالماشتۇرۇشى، ئارىلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ھەر مىللەت ئاممىنى «بەشنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش»نى كۈچەيتىش، «ئۈچ ئايرىلالماسلىق» ئىدىيەسىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇشقا يېتەكلەش كېرەك. تۆتىنچى، دىنلارنىڭ ئېجىل - ئىناقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، پارتىيەنىڭ دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى سىياسىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، دىنىي ئىشلارنى قانۇن بويىچە باشقۇرۇپ، دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغانلارنىڭ نورمال دىنىي ئېھتىياجىغا ۋە نورمال دىنىي پائالىيەتلەرنىڭ قانات يايدۇرۇلۇشىغا قانۇن بويىچە كاپالەتلىك قىلىپ، دىننى سوتسىيالىزم جەمئىيىتىگە ئۇيغۇنلاشتۇرۇشقا پائال يېتەكلەش كېرەك. بەشىنچى، خەلق تۇرمۇشىنى كۈچەپ كاپالەتلەندۈرۈپ، ياخشىلاپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، مائارىپ، داۋالاش، ئىجتىمائىي كاپالەت، تۇرالغۇ قاتارلىق ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشلىرىنى پۇختا، ياخشى ئىشلەپ، ھەر مىللەت ئاممىنى تېخىمۇ كۆپ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىغا ئىگە قىلىش كېرەك. ئالتىنچى، پارتىيە قۇرۇلۇشىنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيە قۇرۇلۇشىنىڭ ئومۇمىي تەلىپىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، رەھبەرلىك بەنزىسى، كادىرلار قوشۇنى، ئاساسىي قاتلام تەشكىلات قۇرۇلۇشىنى سىجىل كۈچەيتىپ، «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسىنى چوڭقۇر ياخشى قانات يايدۇرۇپ، ئىستىل قۇرۇلۇشىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇشنى كۈچلۈك كاپالەتكە ئىگە قىلىش كېرەك.

  ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسى مەڭلىك سىيىت بىللە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.