بالىلىق ئارزۇسىنى ئورتاق ئىشقا ئاشۇرۇش
«پۇتبولچى بالىلار» تيەنجىنگە كېلىپ تەجرىبە ئالماشتۇردى
شىنخۇا ئاگېنتلىقى، تيەنجىن، 5- ئاينىڭ 29- كۈنى تېلېگراممىسىغا ئاساسلانغان (مۇخبىر فۇ گۇاڭيۈ) پۇتبولغا بولغان قىزغىن مۇھەببەت ۋە ئارزۇ بىلەن، شىنجاڭنىڭ خوتەن ۋىلايىتىدىن كەلگەن 22 «پۇتبولچى بالا» تيەنجىندىن شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىشكە بارغان كادىرلارنىڭ يېتەكچىلىكىدە تيەنجىنگە كەلدى. 5- ئاينىڭ 28- كۈنى كەچتە، بالىلار تيەنجىندە 2019- يىللىق جۇڭگو پۇتبولچىلار جەمئىيىتى لوڭقىسى مۇسابىقىسى تيەنجىن كوماندىسى بىلەن تەيجوۋ كوماندىسىنىڭ مۇسابىقىسىنى كۆردى، بۇنىڭ ئىچىدە 12 «پۇتبولچى بالا» تەلىيى كېلىپ، قول تۇتۇشىدىغان توپچى بالىلار قاتارىدا مۇسابىقە مەيدانىغا كىرىش مۇراسىمىغا قاتناشتى.
بۇ قېتىمقى تيەنجىن - خوتەن ئىككى جاينىڭ مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش پائالىيىتىدىكى كىچىك ئەلچى بولۇش سۈپىتى بىلەن، 22 «پۇتبولچى بالا» تيەنجىن نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان خوتەن ۋىلايىتىنىڭ چىرا ناھىيەسى، كېرىيە ناھىيەسى ۋە نىيە ناھىيەسىدىن كەلگەن بولۇپ، ئوقۇتقۇچىلار بۇ ئۈچ ناھىيەدىكى مەكتەپلەردىن تاللاپ چىققان پۇتبولدا ئالاھىدىلىكى بار باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئىدى. ئوخشاشلا جەنۇبىي شىنجاڭ رايونىدىن كەلگەن جۇڭگو دەرىجىدىن تاشقىرى دەرىجىلىكلەر پۇتبول بىرلەشمە مۇسابىقىسىدىكى بىردىنبىر شىنجاڭلىق كوماندا باشلىقى، تيەنجىن تەيدا پۇتبول كوماندىسىنىڭ كوماندا باشلىقى مىرەخمەتجانمۇ بالىلار بىلەن خۇشال پاراڭلىشىپ، ئۇلارنى ئۆزىنىڭ دەسلەپكى پۇتبول ئارزۇسىدا چىڭ تۇرۇشقا ئىلھاملاندۇردى.
مۇسابىقە ئارىلىقىدىكى دەم ئېلىش ۋاقتىدا، جەمئىيەتتىكى ھەر ساھە يەنە بالىلار ئۈچۈن مېھرىبانلىق يەتكۈزۈش، ئىئانە قىلىش پائالىيىتى ئۆتكۈزدى.
خوتەن ۋىلايەتلىك پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن بۆلۈم باشلىقى، ۋىلايەتلىك مەدەنىيەت - ساياھەت ئىدارىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى ياڭ يىڭ مۇنداق بىلدۈردى: بالىلار مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنىڭ ئەلچىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، تيەنجىنگە كېلىپ شەكلى كۆپ خىل، مەزمۇنى مول ئالماشتۇرۇش پائالىيەتلىرىنى ئۆتكۈزۈپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ئۇرۇقىنى بالىلارنىڭ قەلبىگە چېچىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى گۈللىرىنى تېخىمۇ كۆركەم پورەكلىتىپ ئېچىلدۇردى.
مۇخبىرنىڭ ئىگىلىشىچە، پۇتبولچى بالىلارغا بۇ قېتىمقى سەپەردە يەنە نەنكەي داشۆ، تيەنجىن مۇزېيىنى ئېكسكۇرسىيە قىلىش قاتارلىق پائالىيەتلەر ئورۇنلاشتۇرۇلغان، ئۇلار يەنە ئايرىم - ئايرىم ھالدا شاڭخەيداۋ باشلانغۇچ مەكتىپى، جىننەن رايونى بالىتەي باشلانغۇچ مەكتىپىدىكى ئوقۇغۇچىلار ھەمدە جاڭ شياۋرۇي ياشلار، ئۆسمۈرلەر پۇتبول كۇلۇبىدىكى كىچىك پۇتبولچىلار بىلەن پۇتبول دوستلۇق مۇسابىقىسى ئۆتكۈزىدىكەن.