تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   ئوبزور

تەڭداشسىز چېۋەرلىك بىلەن كۈنسېرى يېڭىلىق يارىتىش

− «بۈگۈنكى جۇڭگو» توغرىسىدا چاتما مۇلاھىزە (4)

شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرلىرى چېن ۋېيۋېي، جياڭ لىن

  خەۋپ - خەتەر، خىرىسلار ئالدىدا ئۆزىنىڭ ئىشىنى ياخشى قىلغانلىق ئەڭ كۈچلۈك تاقابىل تۇرغانلىق.

  بۈگۈنكى جۇڭگوغا نەزەر سالساق، يېڭىلىق يارىتىپ تەرەققىي قىلىش دولقۇنى ئەۋج ئالماقتا. داۋاملىق خوت ئالماشتۇرۇۋاتقان تەرەققىيات ھەرىكەت ئېنېرگىيەسى، يېڭىلىنىپ ئۆسۈپ يېتىلىۋاتقان پەن - تېخنىكا ئۆزگىرىشى، جۇش ئۇرۇپ گۈللىنىۋاتقان ئىگىلىك تىكلەش، يېڭىلىق يارىتىش «تۈمەنلىگەن جاپا - مۇشەققەتتىمۇ يەنىلا قەيسەر تۇرۇش»تەك تولۇق ئېلاستىكلىقنى نامايان قىلدى، «تەڭداشسىز چېۋەرلىك بىلەن كۈنسېرى يېڭىلىق يارىتىش»تەك تولۇپ تاشقان ھاياتىي كۈچنى تولۇق نامايان قىلدى.

   يېڭىلىق يارىتىشچان جۇڭگو − تەرەققىياتنىڭ ئۈزلۈكسىز ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى قويۇپ بەردى

  «ھەر قېتىم جۇڭگوغا كەلگىنىمدە، بۇ دۆلەت ھەر ۋاقىت ئىجادكارلىقى ۋە كارخانىچىلار روھى بىلەن مېنى ناھايىتى ئىلھاملاندۇرىدۇ.» باۋما گۇرۇھىنىڭ باش مۇدىرى كىرۇگېر ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: بىر قېتىم بېيجىڭدا تاماق يەپ بولۇپ، كىرېدىت كارتىسى ئارقىلىق ھېسابات قىلاي دەپ تۇرسام، ئويلىمىغان يەردە جۇڭگولۇق خىزمەتدىشىم ئەقلىي ئىقتىدارلىق يان تېلېفون ئارقىلىق پۇلنى تۆلەپ بوپتۇ.

  «گۇمانلىنىشقا بولمايدىغان پاكىت شۇكى، يېڭىلىق يارىتىش جۇڭگونىڭ ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولىدۇ» دېدى كىرۇگېر.

  يالغۇز كىرۇگېرلا ئەمەس، بۈگۈنكى كۈندە جۇڭگوغا كەلگەن ھەربىر مېھمان پەقەت «يان تېلېفوندا چىقىم قىلىش»، «ھەمبەھرە ۋېلىسىپىت»، «تېز يەتكۈزۈلىدىغان بۇيرۇتما» قاتارلىق كىيىم - كېچەك، يېمەك - ئىچمەك، تۇرالغۇ، يۈرۈش - تۇرۇشتىن ئىبارەت كۈندىلىك تۇرمۇش كارتىنىلىرىدىنلا بۇ يەرنىڭ يېڭىلىق يارىتىش ھاياتىي كۈچى ۋە تەرەققىيات ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى چوڭقۇر ھېس قىلالايدۇ.

  «ئەگەر كۈندە يېڭىلىق ياراتقىلى بولسا، كۈندە يېڭىلىق يارىتىش، يەنە يېڭىلىق يارىتىش كېرەك»، يېڭىلىق يارىتىش جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئەڭ چوڭقۇر مىللىي تەبىئىي تالانتى، شۇنداقلا دۆلەتنىڭ گۈللىنىشى، تەرەققىي قىلىشىنىڭ پۈتمەس - تۈگىمەس ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى.

  «شەرق قىزاردى» ناملىق سۈنئىي ھەمراھتىن «تيەنگۇڭ»نىڭ ئالەم بوشلۇقىنى ساياھەت قىلىشىغىچە، دۆلىتىمىزدە ئىشلەنگەن ئاۋىياماتكىنىڭ سۇغا چۈشۈشىدىن «جياۋلۇڭ»نىڭ چوڭقۇر دېڭىزدا تەكشۈرۈشىگىچە، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغاندىن بۇيان، بولۇپمۇ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشتىن بۇيان بوشاشماي تىرىشىش ئارقىلىق، جۇڭگونىڭ يېڭىلىق يارىتىش ئەمەلىي كۈچى سىجىل ئۇچقاندەك ئۆرلىدى.

  بۈگۈنكى جۇڭگو ئاللىبۇرۇن پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشنىڭ تېز سۈرئەتلىك يولىغا قەدەم قويۇپ، يەر شارىۋى تەسىر كۈچكە ئىگە ئىجادچان چوڭ دۆلەتكە ئايلاندى.

  «گۈللەر كۈندە ئېچىلىپ، كۈندە يېڭىلىنىپ تۇرىدۇ.» نوقۇل بۇ يىل 5- ئايغىلا قارىساق، ئافرىقا چوشقا ۋاباسى ۋاكسىنىسىنى تەتقىق قىلىپ ياساشتا باسقۇچلۇق نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى، يەنە بىر بېيدوۋ 2- نومۇرلۇق سۈنئىي ھەمراھى مۇۋەپپەقىيەتلىك قويۇپ بېرىلدى، چاڭئې 4- نومۇرلۇقنىڭ يېڭى بايقىشى ئاي پەردىسى تەركىبىنى دەلىللىدى، «ئېغىر تىپتىكى يېقىلغۇ گاز تۇربىناسى»نى ئۆز ئالدىغا تەتقىق قىلىپ ياساشتا بۆسۈش قولغا كەلتۈرۈلدى... جۇڭگونىڭ پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشى كۈنسايىن يېڭىلىنىۋاتىدۇ، مول نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈۋاتىدۇ، دېيىشكە بولىدۇ.

  كۆپ يىللىق ئەجىر ۋە جاپالىق جان تىكىپ ئېلىشىش ئارقىلىق، جۇڭگونىڭ پەن - تېخنىكا ھاسىلاتىدا زور ھالقىش ئىشقا ئاشۇرۇلۇپ، دۇنيادا نامدىمۇ بار، ساندىمۇ بار بىرتۈركۈم مۇھىم، زور نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى، جۇڭگونىڭ يېڭىلىق يارىتىش ھاياتىي كۈچى سىجىل ئۇرغۇپ، يېڭى يۈكسەكلىككە قاراپ جاسارەت بىلەن ئۇچقاندەك ئۆرلىدى.

  بۈگۈنكى جۇڭگودا يېڭى كەسىپ، يېڭى ئەندىزە، يېڭى كەسىپ ھالىتى ئۈزلۈكسىز مەيدانغا كېلىپ، يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتقا يېتەكچىلىك قىلىدىغان قۇدرەتلىك ھەرىكەت ئېنېرگىيەسىگە ئايلاندى.

  بۈگۈنكى دۇنيا ئۇچۇر دەۋرىگە كىردى. جۇڭگو دۆلىتىمىزدە ئىشلەنگەن چوڭ ئايروپىلان، يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈريول، 3- ئەۋلاد يادرو ئېلېكتىرى، يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىل قاتارلىق ئىستراتېگىيەلىك ئەھمىيەتكە ئىگە ساھەلەردىكى ئېگىزلىكنى ئالدىن ئىگىلەپلا قالماي، سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار، چوڭ سانلىق مەلۇمات، بۇلۇت ھېسابلاش قاتارلىق يېڭى بىر ئەۋلاد ئۇچۇر تېخنىكىسى جەھەتتىمۇ تېز سۈرئەتتە يۈكسىلىشنى قولغا كەلتۈردى. ئامېرىكا «ۋال كوچىسى گېزىتى»دە خەۋەر قىلىنىشىچە، جۇڭگونىڭ سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار تەتقىقات ساھەسىدىكى ئىلمىي ماقالە ئومۇمىي سانى نەچچە يىل ئىلگىرىلا ئامېرىكىنىڭكىدىن ئېشىپ كەتكەن.

  ئۇچۇر تېخنىكىسىنىڭ يەر شارىدىكى ئەڭ چوڭ ئىستېمال بازىرى ۋە ئوتتۇراھال كىرىملىكلەر توپى بىلەن ئۆزئارا بىرىكىشىدىن ۋۇجۇدقا كەلگەن ھەمبەھرە ئىقتىساد، سۇپا ئىقتىسادىنىڭ گۈللىنىشىنىڭ تېزلىكى، كۆلىمىنىڭ زورلۇقى، تەسىرىنىڭ چوڭقۇرلۇقى دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتتى. 2018- يىلى جۇڭگونىڭ رەقەملىك ئىقتىساد ئومۇمىي مىقدارى 31 تىرىليون يۈەندىن ئېشىپ، GDPدا ئىگىلىگەن نىسبىتى %34.8كە يەتتى.

  بۈگۈنكى جۇڭگودا، يېڭىلىق يارىتىش كارخانىلارنىڭ تەرەققىي قىلىپ زورىيىشىنىڭ يادرولۇق رىقابەت كۈچىگە ئايلاندى.

  جۇڭگو دۇنيادىكى ئەڭ زور كۆلەملىك تەتقىق قىلىپ ئېچىش قوشۇنىغا ئىگە بولۇپ، كەشپىيات پاتېنتى ئىلتىماس قىلىش مىقدارى ئۇدا سەككىز يىل دۇنيا بويىچە 1- ئورۇندا تۇردى. 181 مىڭ يۇقىرى - يېڭى تېخنىكا كارخانىسى بىلەن 130 مىڭ پەن - تېخنىكا تىپىدىكى ئوتتۇرا، كىچىك كارخانا ئاساسىدا، يەنە بىر قەدەر كۈچلۈك خەلقئارا رىقابەت كۈچىگە ئىگە بىر تۈركۈم غوللۇق كارخانا ۋە دۆلەت ھالقىغان شىركەت بارلىققا كەلدى.

  ئامېرىكا پاتېنت سانلىق مەلۇمات شىركىتىنىڭ دوكلاتىغا ئاساسلانغاندا، ئامېرىكا پاتېنت تاۋار ماركىسى ئىدارىسى بەرگەن پاتېنتنىڭ ئومۇمىي مىقدارى تۆۋەنلىگەن ئەھۋالدا، جۇڭگو 2018- يىلى پۈتۈن يەر شارى بويىچە ئامېرىكىدا كارخانا تېخنىكا پاتېنتىغا ئېرىشىش مىقدارى ئاشقان بىردىنبىر دۆلەت ئىكەن. جۇڭگو شىركەتلىرى 12 مىڭ 500 تۈردىن ئارتۇق ئامېرىكا پاتېنتىغا ئېرىشكەن، خۇاۋېي، جىڭدۇڭ پۈتۈن يەر شارىدىكى ئالدىنقى 20 كۈچلۈك كارخانا قاتارىغا كىرگەن.

  يېڭىلىق يارىتىپ تەرەققىي قىلىۋاتقان جۇڭگونىڭ ھاياتىي كۈچى تولۇق نامايان بولدى، زاپاس كۈچى يېتەرلىك. بۇ، دەل «جۇڭگو ناملىق» زور پاراخوتنىڭ بوران - چاپقۇن، جىددىي دولقۇنلاردىن قورقماسلىقىدىكى ئىشەنچىسىدۇر.

   ھاياتىي كۈچكە تولغان جۇڭگو − «بىرىنچى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ» سىمفونىيەسىنى يازدى

  بىر ئاي ئىلگىرى، 2- نۆۋەتلىك «بىر بەلباغ، بىر يول» خەلقئارا ھەمكارلىق باشلىقلار مۇنبىرى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى، 150تىن ئارتۇق دۆلەت ۋە 90 نەچچە خەلقئارا تەشكىلاتتىن كەلگەن 5000غا يېقىن چەت ئەللىك مېھمان تەكلىپكە بىنائەن قاتناشتى.

  بەش ئايدىن كېيىن 2- نۆۋەتلىك جۇڭگو خەلقئارا ئىمپورت كۆرگەزمىسى ئېچىلىدۇ. نۆۋەتتە، كارخانىلار كۆرگەزمىسىگە خېرىدار چاقىرىش دۇنيادىكى 500 كۈچلۈك كارخانا ۋە باشلامچى كارخانىنىڭ 250تىن كۆپرەكىنى قاتنىشىشقا جەلپ قىلدى، نۇرغۇن كۆرگەزمە رايونىدا «ئورۇن تېپىش تەس بولۇپ كەتتى».

  كۆڭلى - كۆكسى دېڭىزدەك بولۇش، كۈندە يېڭىلىنىپ تۇرۇش. بۈگۈنكى جۇڭگو مىسلىسىز ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتماقتا.

  بۇ ھاياتىي كۈچ يۇقىرى قاتلامدىن لايىھەلەش ئىدىيەسىدە، تۈزۈمىدە يېڭىلىق يارىتىشتىن كەلگەن.

  دۇنيا بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى تەشكىلاتى ئېلان قىلغان «2018- يىللىق پۈتۈن يەر شارى يېڭىلىق يارىتىش كۆرسەتكۈچى دوكلاتى»دا كۆرسىتىلىشىچە، جۇڭگونىڭ رەت تەرتىپى 17- ئورۇندا بولۇپ، تۇنجى قېتىم پۈتۈن يەر شارى يېڭىلىق يارىتىش كۆرسەتكۈچىدە 20 كۈچلۈك دۆلەت قاتارىغا كىرگەن.

  يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارىنىڭ ئۇچقاندەك ئۆرلىشى تەرەققىيات ئىدىيەسىنىڭ يېتەكلىشىدىن كەلگەن.

  «يېڭىلىق ياراتمىسا ئارقىدا قالىدۇ، يېڭىلىق يارىتىش ئاستا بولۇپ قالسىمۇ ئارقىدا قالىدۇ» «يېڭىلىق يارىتىشنى دۆلەت تەرەققىيات ئومۇمىي ۋەزىيىتىدە يادرولۇق ئورۇنغا قويۇش كېرەك» «تەرەققىيات بىرىنچى مۇھىم ۋەزىپە، ئىختىساسلىقلار بىرىنچى بايلىق، يېڭىلىق يارىتىش بىرىنچى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ».

  پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى يېڭىلىق يارىتىشنى ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتتا گەۋدىلىك ئورۇنغا قويۇپ، يۇقىرى قاتلامدىن لايىھەلەشنى كۈچەيتىپ، نەزەرىيەدە يېڭىلىق يارىتىش، تۈزۈمدە يېڭىلىق يارىتىش، پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش، مەدەنىيەتتە يېڭىلىق يارىتىشنى ئۈزلۈكسىز ئالغا سىلجىتتى. بۈگۈنكى جۇڭگودا يېڭىلىق يارىتىش ئەۋج ئېلىپ ئومۇمىي كەيپىياتقا ئايلاندى.

  ئەڭ يېڭى سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، 2018- يىلى دۆلىتىمىزنىڭ تەتقىق قىلىپ ئېچىش خىراجەت سېلىنمىسى 2 تىرىليون يۈەنگە يېقىنلىشىپ، سېلىنما سىجىللىقى %2.18 بولۇپ، ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتىدىكى دۆلەتلەرنىڭ ئوتتۇرىچە سەۋىيەسىدىن ئېشىپ كەتكەن.

  ئامېرىكا ئىستېمالچىلار خەۋەرلىرى ۋە سودا قانىلى تور بېكىتىدە مۇتەخەسسىسلەرنىڭ كۆز قارىشى، باھاسى نەقىل كەلتۈرۈلۈپ: ئىگىلىك تىكلەش ئىختىساسلىقلىرىغا جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ قوللىشى قاتارلىقلار قوشۇلۇپ، يېڭىلىق يارىتىش چاقىنى داۋاملىق شەرققە تا جۇڭگوغىچە مايىللاشتۇرىدۇ، دېيىلدى.

  بۇ ھاياتىي كۈچ سىجىل كۈچىيىۋاتقان كارخانىلارنىڭ ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىدىن كەلگەن.

  شاڭخەي ئاكسىيە سودا بازىرىنىڭ سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، 2018- يىلى شاڭخەي ئاكسىيە سودا بازىرىدىكى ئەمەلىي گەۋدە شىركەتلىرىنىڭ تەتقىق قىلىپ ئېچىش سېلىنمىسى 390 مىليارد يۈەن بولۇپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %21 ئاشقان؛ جۇڭگو كارخانىلار بىرلەشمىسىنىڭ سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، بۇلتۇر جۇڭگودىكى 500 كۈچلۈك كارخانىنىڭ تەتقىق قىلىپ ئېچىش سېلىنمىسى 2010- يىلىدىكىدىن 1.66 ھەسسە ئاشقان. سانلىق مەلۇماتلاردىن دۆلىتىمىز كارخانىلىرىنىڭ تەتقىق قىلىپ ئېچىش، يېڭىلىق يارىتىشقا ئەھمىيەت بېرىۋاتقانلىقىنى ئېنىق كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇ.

  كارخانا يېڭىلىق يارىتىش، ئىجاد قىلىشقا تۈرتكە بولىدىغان جەڭگىۋار قوشۇن. يېڭى بىر نۆۋەتلىك كەسىپ تېخنىكا ئۆزگىرىشى ۋە ئىقتىسادنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش دولقۇنىدا، دۆلىتىمىز ئىگىلىك تىكلەش، يېڭىلىق يارىتىش مۇھىتىنى كۈچەپ ئەلالاشتۇرۇپ، كارخانىلارنىڭ يېڭىلىق يارىتىش سۇبيېكتىغا ئايلىنىشىغا تۈرتكە بولدى.

  پولات - تۆمۈر ئاساسىي كەسپىدىن ئومۇمىي گەۋدە بويىچە چېكىنىپ چىققان 10 مىليون توننىلىق پولات - تۆمۈر زاۋۇتى جىگاڭ ئاللىبۇرۇن «پولاتسىز»لاشتى. ئۆزىنىڭ يېشىل تىپ ئۆزگەرتىشىنى تېزلىتىش ئارقىلىق، جىگاڭ ئىگىلىك تىكلەش بويىچە يېتىشتۈرۈش، ئەشيا ئوبوروتى مەشغۇلاتى، قۇرۇلۇش ئەخلەتلىرىنى يىغىۋېلىپ قايتا پايدىلىنىش ئۈستىدە ئىزدىنىپ يېڭى ھاياتلىققا ئېرىشتى.

  «يېڭىلىق يارىتىڭ»دىن «يېڭىلىق يارىتىمەن»گىچە. دەۋر ئۆزگىرىشى داۋامىدا جۇڭگو كارخانىلىرى كۈلپەت ئېڭىغا تېخىمۇ ئىگە بولدى، مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇش، زورىيىش داۋامىدا بىر ئورتاق تونۇش تېخىمۇ مۇجەسسەملەندى: يېڭىلىق يارىتىشنى تۇتقانلىق تەرەققىياتنى تۇتقانلىق، يېڭىلىق يارىتىشنى كۆزلىگەنلىك كەلگۈسىنى كۆزلىگەنلىك.

  بۇ ھاياتىي كۈچ تولۇق قوزغىتىلغان ئىگىلىك تىكلەش، يېڭىلىق يارىتىش قىزغىنلىقىدىن كەلگەن.

  2019- يىللىق مەملىكەتلىك پەن - تېخنىكا پائالىيىتى ھەپتىلىكى يېقىندا ئاخىرلاشتى، بىر ھەپتىلىك پەن - تېخنىكا كاتتا مەرىكىسى 310 مىليوندىن ئارتۇق ئادەم قېتىمنى قاتنىشىشقا جەلپ قىلدى، بۇنىڭدىن ئاۋامنىڭ پەن - تېخنىكا ۋە يېڭىلىق يارىتىشقا بولغان قىزغىنلىقىنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇ.

  ياپونىيە «ئىقتىسادشۇناسلار» ھەپتىلىك ژۇرنىلىنىڭ يېقىندا ئېلان قىلغان ماقالىسىدە كۆزىتىلىشىچە، سىياسەت جەھەتتە رىغبەتلەندۈرۈشنىڭ تەسىرىدە، جۇڭگو ئىگىلىك تىكلەش قىزغىن دولقۇنىنى كۈتۈۋالغان. ھەر كۈنى ئوتتۇرا ھېساب بىلەن يېڭىدىن رويخەتكە ئالدۇرغان كارخانا 2013- يىلىدىكى 6900دىن 2018- يىلىدىكى 18مىڭ 400گە كۆپەيگەن. «ئاۋام ئىگىلىك تىكلەش، ئاۋام يېڭىلىق يارىتىش جۇڭگونىڭ تەرەققىيات يېڭى ئەۋزەللىكىنى يارىتىۋاتىدۇ».

  بۇنىڭدىن باشقا، جۇڭگو يەنە 91 مىليون پەن - تېخنىكا خىزمەتچىسىگە، 170 مىليوندىن ئارتۇق ئالىي مائارىپ تەربىيەسى ئالغان ياكى كەسپىي تېخنىكا ماھارىتى بار ئىختىساسلىقلارغا ئىگە، بۇنىڭغا يەنە 1 مىليارد 400 مىليون كىشىلىك چوڭ بازار ماسلىشىپ، تەمىنلەش - تەلەپ ئىككى ئۇچىدىكى بىرىكمە كۈچ جۇڭگونىڭ يېڭىلىق يارىتىپ تەرەققىي قىلىشىغا تۈگىمەس ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشماقتا.

   پۇرسەتكە تولغان جۇڭگو − تەشەببۇسكارلىق بىلەن نەتىجە يارىتىپ يېڭى مەنزىلگە قەدەم تاشلىدى

  يېڭىلىق يارىتىش بولمىسا جۇڭگونىڭ بۈگۈنى بولمايتتى، شۇنداقلا جۇڭگونىڭ ئەتسىمۇ بولمايدۇ. يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق ئۆزگەرگەن جۇڭگو يېڭىلىق يارىتىش تۇپرىقىنى يېتىشتۈرۈشكە تېخىمۇ موھتاج.

  پۇرسەتنى تۇتۇش داۋامىدا يېڭىلىق يارىتىش ھاياتىي كۈچىنى قويۇپ بېرىش −

  بىر نەچچە كۈن ئىلگىرى، دۆلىتىمىزنىڭ سائەتلىك سۈرئىتى 600 كىلومېتىرلىق يۇقىرى سۈرئەتلىك ماگنىتلىق لەيلىمە سىناق پويىزى چىڭداۋدا ئىشلەپچىقىرىلدى. ئۈچ يىلغا يېقىن تېخنىكا ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ئارقىلىق، تېما كوللېكتىپى يۇقىرى سۈرئەتلىك ماگنىتلىق لەيلىمە يۈرۈشلۈك ئاچقۇچلۇق يادرولۇق تېخنىكىسىدا مۇۋەپپەقىيەتلىك بۆسۈش ھاسىل قىلدى.

  «يادرولۇق تېخنىكا ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش، دەسلەپكى يېڭىلىق يارىتىشنى كۈچەيتىش كەلگۈسىدىكى جۇڭگونىڭ يېڭىلىق يارىتىش يۈزلىنىشىنى بەلگىلەيدىغان <ئاچقۇچلۇق تەدبىر>» دېدى جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ ئاكادېمىيە باشلىقى بەي چۈنلى.

  نۆۋەتتە، دۇنيا 100 يىلدا كۆرۈلۈپ باقمىغان زور ئۆزگىرىش ۋەزىيىتىگە دۇچ كەلدى، جۇڭگونىڭ تەرەققىياتى دۇنيادىكى يېڭى بىر نۆۋەتلىك پەن - تېخنىكا ئىنقىلابى ۋە كەسىپ ئۆزگىرىشى بىلەن دۆلەت ئىچىدىكى تەرەققىيات ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتىشنىڭ تارىخىي خاراكتېرلىك گىرەلەشمە مەزگىلىنى كۈتۈۋالدى.

  دەۋر، ۋەزىيەت ئۆزگىرىپ تۇرىدۇ، پۇرسەت يەنىلا قولىمىزدا.

  رەقەملەشتۈرۈش، تورلاشتۇرۇش، ئەقلىي ئىقتىدارلاشتۇرۇش چوڭ يۈزلىنىشىدە، بىز ھەم پەرققە ۋە خىرىسقا دۇچ كېلىۋاتىمىز، ھەم تېپىلغۇسىز تارىخىي پۇرسەتكە دۇچ كېلىۋاتىمىز. پەيتنى قولدىن بەرمەي، پۇرسەتنى تۇتقاندىلا ئاندىن تارىخىي خاراكتېرلىك گىرەلەشمە مەزگىلدە تەڭ قەدەمدە ئورتاق تەۋرىنەلەيمىز.

  ئىسلاھات داۋامىدا يېڭىلىق يارىتىش ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇش −

  پۈتۈن جەمئىيەتنىڭ يېڭىلىق يارىتىش، ئىگىلىك تىكلەش، ئىجاد قىلىش ھەرىكەت ئېنېرگىيەسىنى ئەڭ زور دەرىجىدە قويۇپ بېرىشتىكى ئاچقۇچ ئىسلاھاتتىن ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ ئېلىشتا.

  سىچۇەن ئۆلكىسى بىر قىسىم ئالىي مەكتەپلەرنى نۇقتىدا سىناق قىلىپ، پەن تەتقىقات خادىملىرىغا مەلۇم نىسبەتتە ۋەزىپە ئىچىدىكى كەشپىيات ئىگىدارلىق ھوقۇقى بېرىپ، «ئاۋۋال ھوقۇقنى بېكىتىپ، كېيىن ئايلاندۇرۇش» ئارقىلىق، پەن تەتقىقات خادىملىرىنىڭ ئاكتىپلىقىنى قوزغىدى؛ خېنەن لوياڭ ئوق قازان تەتقىقات ئورنى پاينى ئىگىلەپ رويخەتكە ئالدۇرغان شىركەتلەرنىڭ بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنى كەسىپلەشتۈرۈشىنى تېز ئىلگىرى سۈرۈپ، پاتېنت ۋە ئالاقىدار تېخنىكىدىن جەمئىي 99نى ئۆتۈنۈپ بېرىپ، ئىجازەت بېرىپ، 100 مىليون يۈەندىن ئارتۇق كىرىم قىلدى.

  دۆلەت بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى ئىدارىسى ئىلگىرى ئېلان قىلغان تىپىك دېلو مىساللىرى بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغداش، يېڭىلىق يارىتىش نەتىجىلىرىنى ئايلاندۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ جانلىق ئەمەلىيىتىنى نامايان قىلدى.

  يېڭىلىق ياراتقاندىلا كەلگۈسىدە ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلغىلى بولىدۇ، ئىسلاھات دۆلەتنىڭ تەقدىرىگە مۇناسىۋەتلىك.

  مۇكەممەل مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغداش تۈزۈمى ئورنىتىپ، باراۋەر رىقابەتلىشىدىغان ياخشى مۇھىت بەرپا قىلىپ، كارخانىلارنى پەن - تېخنىكا تەتقىق قىلىپ ئېچىش سېلىنمىسىنى ئاشۇرۇشقا ئىلھاملاندۇرۇپ، كەلگۈسىگە يۈزلىنىشتە تېخىمۇ مۇھىمى ئىسلاھ قىلىش، يېڭىلىق يارىتىش چارىسى ئارقىلىق توسۇق نۇقتىنى ئېچىپ، ئاغرىش نۇقتىسىنى راۋانلاشتۇرۇپ، قىيىن نۇقتىنى ھۇجۇم قىلىپ يېڭىپ، يېڭىلىق يارىتىشتىكى باغلاقنى بوشىتىش، ئىگىلىك تىكلەشكە مەدەت بېرىش، ئىجادىيەتكە ھەمدەم بولۇش كېرەك.

  ئېچىۋېتىش داۋامىدا يېڭىلىق يارىتىش ھاياتىي كۈچىنى يېتىشتۈرۈش −

  كۆرگەزمىگە قاتناشقان دۆلەتلەر 29دىن 59غا كۆپەيدى، كۆرگەزمىگە قاتناشقان دۇنيادىكى 500 كۈچلۈك كارخانا 15تىن 39غا كۆپەيدى، 2019- يىللىق جۇڭگو خەلقئارا چوڭ سانلىق مەلۇمات كەسىپلىرى كۆرگەزمىسى يېقىندا ئۆتكۈزۈلدى، پۈتۈن يەر شارىدىكى چوڭ سانلىق مەلۇمات كەسپى ساھەسىدىكى سەرخىللار گۇيياڭغا جەم بولۇپ، كەسىپ تەرەققىياتى ۋە ھەمكارلىق پۇرسىتى ئۈستىدە ئورتاق كېڭەشتى.

  نۇرغۇن ئېقىن قوشۇلسا، دەريا - دېڭىز ھاسىل بولىدۇ.

  يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، جۇڭگو باشتىن - ئاخىر پۈتۈن يەر شارىۋى نەزەر بىلەن پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشنى پىلانلاش ۋە ئۇنىڭغا تۈرتكە بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ئۆز تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپلا قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى ئىنسانىيەت مەدەنىيلىكىنىڭ تەرەققىياتىغا تۆھپە قوشتى.

  ئورتاق پايدا ئېلىش يېڭىلىق يارىتىش يولىنى ئەكس ئەتتۈردى. جۇڭگو خەلقى يېڭىلىق يارىتىشنىڭ «دەرۋازىنى تاقاپ ھارۋا ياساش» ئەمەسلىكىنى چوڭقۇر چۈشىنىپ، ھەممە يەرنىڭ كۈچىنى مۇجەسسەملەش، ھەممە تەرەپنىڭ كۈچىدىن پايدىلىنىش ئىدىيەسىدە باشتىن - ئاخىر چىڭ تۇردى.

  «توپلاشتۇرۇلغان توك يولى كەسپى يۈكسەك خەلقئارالاشقان كەسىپ، ئۇنى ھېچقايسى دۆلەت مۇستەقىل تەرەققىي قىلدۇرالمايدۇ». سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى ۋاڭ جىجۈن مۇنداق دېدى: دۆلىتىمىز ئىچكى - تاشقى مەبلەغكە ئوخشاش مۇئامىلە قىلىپ، بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغداشنى كۈچەيتىپ، پۈتۈن يەر شارىنىڭ توپلاشتۇرۇلغان توك يولى كەسپى ساھەسىدىكىلەر بىلەن جۇڭگو بازىرى ئېلىپ كەلگەن تەرەققىيات پۇرسىتىدىن ئورتاق بەھرىلىنىدۇ.

  چوڭ ئۆزگىرىش ۋەزىيىتىنى كۆزەتكەندىلا، چوڭ ۋەزىيەت شەكىللىنىدۇ. ۋەزىيەت قانچە مۇرەككەپ بولسا، ئىرادە شۇنچە قىممەتلىك بولىدۇ.

  بۈگۈنكى جۇڭگو دەۋر ئېقىمىغا ئۇيغۇنلىشىپ، مىليونلىغان خەلقنىڭ ئەقىل - پاراسىتىنى مۇجەسسەملەپ، جەزمەن «كۆپ ياققان ئوت كۆككە تۇتىشىدىغان» قۇدرەتلىك كۈچ ئارقىلىق، ھاياتىي كۈچى چەكسىز ئىجادچان جۇڭگونى بەرپا قىلىدۇ.

  (شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 5- ئاينىڭ 29- كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى