تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئۈرۈمچى

ئۈرۈمچى: ئۆي سېتىۋالغاندىن كېيىن، ئەسلىدىكى ئۆي ئىگىسى نوپۇسىنى ‏يۆتكەشكە ئۇنىمىسا قانداق قىلىش كېرەك؟

  ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر ليۇ چىڭشيا): ئۆي سېتىۋالغاندىن كېيىن، ئەسلىدىكى ئۆي ئىگىسى نوپۇسىنى قەستەن يۆتكىمىسە، سېتىۋالغۇچى تەرەپ نوپۇسىنى يۆتكەپ ئەكىرەلمىسە قانداق قىلىش كېرەك؟ ساتقۇچى تەرەپنىڭ شۇ شەھەردە بىرلا يۈرۈش ئۆيى بار بولسا، ئۆي سېتىلغاندىن كېيىن نوپۇسىنى قانداق يۆتكەيدۇ؟ 5-ئاينىڭ 28-كۈنى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى نوپۇس باشقۇرۇش تارماق ئەترىتى ئۆي سودىسى قىلغاندىن كېيىن، نوپۇس يۆتكەش مەسىلىسىگە قارىتا يەنىمۇ قېلىپلاشتۇرۇش تەلەپلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

  شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى نوپۇس باشقۇرۇش تارماق ئەترىتى دائىمىي نوپۇسلارنى باشقۇرۇش چوڭ ئەترىتىنىڭ ئەترەت باشلىقى جې يۇڭتاۋ مۇنداق دېدى: «ئۈرۈمچى شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسىنىڭ نوپۇس باشقۇرۇش بەلگىلىمىسى مەشغۇلات قائىدىسى»دىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن، ئۆينى ئۆتكۈزۈپ بەرگەن بولسا، ئەسلىدىكى ئۆي ئىگىسى تەشەببۇسكارلىق بىلەن جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىغا بېرىپ نوپۇس يۆتكەش رەسمىيىتىنى بېجىرىشى كېرەك. ئەسلىدىكى ئۆي ئىگىسى نوپۇسىنى يۆتكىمىگەن بولسا، ئۆي سېتىۋالغۇچى ساقچى تەرەپكە ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ، نوپۇس باشقۇرۇش كۆزنىكىدىكى ئىچكى ۋەزىپە خادىمى ئۆي سېتىۋالغۇچى تەمىنلىگەن ئۆي-مۈلۈك گۇۋاھنامىسى ھەمدە مەھەللە ئاھالە كومىتېتىدىكى خەلق ساقچىسىنىڭ تەكشۈرۈش دوكلاتىغا ئاساسەن، ئەسلىدىكى ئۆي ئىگىسىنىڭ نوپۇسىنى كوللېكتىپ نوپۇسقا يۆتكىسە بولىدۇ.

  ساتقۇچى تەرەپنىڭ شۇ شەھەردە بىرلا يۈرۈش ئۆيى بولسا، ئۆي-مۈلۈك سودىسى قىلغاندىن كېيىن، ساتقۇچى تەرەپ ئەمەلىي تۇرۇشلۇق جاي ئىسپاتىغا ئاساسەن، مەھەللە ئاھالە كومىتېتى خەلق ساقچىلىرىنىڭ تەكشۈرۈپ ئېنىقلىشى ھەمدە ۋاكالىتەن باشقۇرۇش تەكشۈرۈش دوكلاتىنى تولدۇرۇشىدىن كېيىن، نوپۇسى تۇرۇشلۇق جايدىكى ساقچىخانىنىڭ مەھەللە ئاممىۋى كوللېكتىپ نوپۇسىغا نوپۇسىنى ئالدۇرۇشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ.

  بۇنىڭدىن سىرت، شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى نوپۇس باشقۇرۇش تارماق ئەترىتى «بېرىش، باشقۇرۇش، مۇلازىمەت قىلىش» ئىسلاھاتىدا، يەنە خەلققە قولايلىق ئىككى تۈرلۈك مۇلازىمەت تەدبىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى: ئاھالىلەر نوپۇس كەسپىنى بېجىرگەندە، ئۆي-مۈلۈك گۇۋاھنامىسى، ئۆيلىنىش خېتى، نوپۇس دەپتىرى، كىملىكى قاتارلىق گۇۋاھنامىلەرنىڭ كۆپەيتىلگەن نۇسخىسىنى تەمىنلىمىسىمۇ بولىدۇ، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى ئارخىپتا ساقلىماقچى بولسا، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى كۆپەيتىدۇ؛ نوپۇس يۆتكەپ ئەكىرىشنى ئىلتىماس قىلىشتا تەمىنلىنىدىغان نوپۇس ئىسپاتى ئەمەلدىن قالدۇرۇلىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : زاھىدە مۇتەللىپ

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تىيانشان تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • شىنجاڭ ئېكولوگىيەسىدىكى زور بايقاش: خوشۇت جىنشاتەندە قۇش ئۇۋىسى مىڭدىن ئاشىدىغان قۇش ئارىلى بايقالدى
  • سۈزۈك سۇ، يېشىل قىرغاقلار ئەتىۋارلىق قۇشلارنى جەلپ قىلدى ‏
  • كۇچادا ئۆرۈك پىشتى ‏
ئالاقىلىشىڭ ئەسەر ئەۋەتىڭ خەت قالدۇرۇڭ تورىمىز ئىختىيارى مۇخبىرلار خەت ساندۇقى