تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئۈرۈمچى

ئۈرۈمچى يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈريول خەلقئارا ئاپتوموبىل بىكىتى رەسمىي ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى

ساياھەتچىلەر كۆزنەكتىن ساياھەت بىۋاسىتە ئاپتوموبىلى بېلىتى سېتىۋالماقتا.

    تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىرىمىز ۋاڭ جىڭجىڭ خەۋىرى، فوتوسى): 5-ئاينىڭ 28-كۈنى، ئۈرۈمچى يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈريول خەلقئارا ئاپتوموبىل بېكىتىدە، ساۋەندىن ئۈرۈمچى شەھىرىگە كېلىپ تىيانشان چوڭ جىلغىسىغا بېرىپ ساياھەت قىلماقچى بولغان ۋۇ جياۋېن ساياھەت بىۋاسىتە ئاپتوموبىلى بىلىتى سېتىۋېلىپ مۇنداق دېدى: «نېمىدىگەن قولايلىق، ئەسلىدە نەنسەنگە بېرىش ئۈچۈن خۇاڭخې يولىغا بېرىپ نۆۋەتچى ئاپتوبۇسقا ئالمىشىشقا توغرا كېلەتتى، ھازىر بۇ بېكەتتىن بىۋاسىتە بارغىلى بولىدىكەن، بېرىپ-كېلىش بىلىتى ئارانلا 50 يۈەن ئىكەن.»
    شۇ كۈنى، ئۈرۈمچى يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈريول خەلقئارا ئاپتوموبىل بېكىتى رەسمىي ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، «ساياھەتچىلەر يىغىلىش-تارقىلىش مەركىزى»گە ۋىۋىسكا ئېسىلىپ، ئاپتونوم رايون ھەتتا مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن يولۇچىلارنىڭ ۋوگزالدا ساياھەت قاتنىشىنى بىر بىكەتتە ئالمىشىشىغا ئىمكانىيەت يارىتىلدى.
    بۇلتۇر 10-ئايدا سىناق تەرىقىسىدە يولغا قويۇلغاندىن بۇيان، ھازىرغا قەدەر، ھەر قايسى مەنزىرە نۇقتىلىرىغا توشۇلغان ساياھەتچى سانى10 مىڭ ئادەم قېتىمغا يېتىپ، تۆمۈريول، تاشيول ساياھەت تىرانسىپورتىنى يوچۇقسىز ئۇدۇللاشتۇرۇش ئىشقا ئاشۇرۇلدى. ھازىر، ھەر كۈنى تۆت قېتىم ساياھەت ئاپتوموبىلى، ئۈرۈمچى يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈريول خەلقئارا ئاپتوموبىل بېكىتىدىن ئايرىم-ئايرىم ھالدا نەنسەن ۋە تىيانشان بوغدا كۆلى مەنزىرە رايونىغا قاتناپ، تۆمۈريول، تاشيول ساياھەت تىرانسپورتىنى يوچۇقسىز ئۇدۇللاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇردى.
     بۇ بېكەتنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى ئايتۇرسۇن ئىمىن مۇنداق دېدى: «پويىزغا ئولتۇرۇش لىنىيەسى مۇلازىمىتىدىن باشقا، ساياھەتچىلەر يىغىلىش-تارقىلىش مەركىزى ساياھەتچىلەرنى ساياھەت لىنىيەسىنى بېكىتىش، مېھمانساراي زاكاز قىلىش، مەنزىرە رايونى ئىشىك بېلىتى سېتىۋېلىش قاتارلىق ئالاقىدار مۇلازىمەتلەر بىلەن تەمىنلەپ، شىنجاڭغا كەلگەن ساياھەتچىلەرگە بىر بېكەت شەكلىدە مۇلازىمەت قىلىدۇ.»
    ئۈرۈمچى يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈريول خەلقئارا ئاپتوموبىل بېكىتى شىنجاڭدىكى بىردىنبىر ئۆي ئىچىدىن يولغا چىقىدىغان ئۇزۇن يوللۇق يولۇچى توشۇش بېكىتى بولۇپ، ئىگىلىگەن يەر كۆلىمى 27 مىڭ 982.18 كىۋادىرات مېتىرغا يېتىدۇ. ئەسلى نيەنزىگوۋدىكى قاتناش بېكىتى بولۇپ، 2018-يىلى 10-ئايدا ئۈرۈمچى ۋوگزالى يېنىغا ئومۇميۈزلۈك كۆچۈرۈلۈپ، بۇ بېكەتتە تاشيول، تۆمۈريول بىرلەشمە تىرانسپورتىدا «نۆل ئارىلىقتا ئالمىشىش» ئىشقا ئاشۇرۇلدى.
    ئۈرۈمچى يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈريول خەلقئارا ئاپتوموبىل يولۇچى توشۇش بېكىتىدە خەلقئارا نۆۋەتچى لىنىيەسى ۋە دۆلەت ئىچى نۆۋەتچى لىنىيەسى بار بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە دۆلەت ئىچىدىكى لىنىيە ئالتاي ۋىلايىتى، تارباغاتاي ۋىلايىتى، ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى، بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى، بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى ۋە قومۇل ۋىلايىتىدىكى قىسمەن ناھىيە، شەھەرلەرگە بارىدىغان 41 لىنىيە بار. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئايرودۇرۇم تېز لىنىيەسىدە سانجى، شىخەنزە، گۇچۇڭ، قاراماي قاتارلىق جايلارغا قاتنايدىغان يېڭى لىنىيە ئېچىلدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : مىھرىگۈل ناسىر

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى