تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئۈرۈمچى

ئۈرۈمچى: ماشىنا ئادەم «چۇاڭچۇاڭ» جەمەتى ئەقلىي ئىقتىدارلىق تۇرمۇشنى ‏نامايان قىلدى

  تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىرىمىز چىن جىنلى): 5-ئاينىڭ 28-كۈنى، ئۈرۈمچى ئىقتىساد-تېخنىكا تەرەققىيات رايونى (تۇدۇڭخابا رايونى)نىڭ كارخانىلار مۇلازىمەت ئېيى يۈرۈشلۈك پائالىيىتىنىڭ بىرى بولغان كارخانىلار كوزىر مەھسۇلاتلىرىنى تونۇشتۇرۇش يىغىنىدا، 120 كارخانا 100 دىن ئارتۇق خاس ماركىلىق مەھسۇلاتىنى ئېلىپ كەلدى.

  تونۇشتۇرۇش يىغىنىدا، ماشىنا ئادەم «چۇاڭچۇاڭ» جەمەتى ئوماق قىياپىتى ۋە ئەقىللىق «كاللىسى» بىلەن كۆپچىلىكنى ئۆزىگە مايىل قىلدى. «چۇاڭچۇاڭ» جەمەتىدە ئائىلىدە ئىشلىتىلىدىغان ھەمراھ بولىدىغان ئەقلىي ئىقتىدارلىق ماشىنا ئادەم «شياۋچۇاڭ» قىزغىن ئالقىشقا ئېرىشتى، ئۇ كىشىلەرگە ھەمراھ بولۇپ پاراڭلىشالايدىغان، ئويۇن ئوينىيالايدىغان، كىلاسسىك شېئىرلارنى دېكلاماتسىيە قىلالايدىغان، ناخشا ئېيتىپ ئۇسسۇل ئوينىيالايدىغان بولۇپلا قالماستىن، يەنە بىر «قامۇس» ھېسابلىنىدۇ.

  «شياۋچۇاڭ»نى يان تېلېفون ئارقىلىق يىراقتىن تىزگىنلەپ، ئۇنى ئېلېكتىر سايمانلىرىنى ئىشلىتىش، ئۆيدىكى ئەھۋاللارنى ۋىدىيودا ئەۋەتىش قاتارلىقلارنى قىلدۇرۇشقا بولىدۇ. «شياۋچۇاڭ»نىڭ قورساق قىسمىدا يەنە بىر كىچىك ئەقلىي ئىقتىدارلىق دورا ساندۇقى بار، دورىلارنى سېلىپ ۋاقىتنى تەڭشەپ قويغاندىن كېيىن، ساندۇق بەلگىلەنگەن ۋاقىتتا ئېچىلىپ، بىمارغا دورا ئىچىشنى ئەسكەرتىدۇ.

  «چۇاڭچۇاڭ» جەمەتىدە ھۆكۈمەت ئىشلىرى، پۇل مۇئامىلە، كۆرگەزمە قاتارلىق كەسىپلەردە چۈشەندۈرىدىغان، يېتەكلەيدىغان ئەقلىي ئىقتىدارلىق سودا ماشىنا ئادىمى بار، يەنە بىمارلارنى دورا پەرقلەندۈرۈش، كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش قاتارلىق مۇلازىمەتلەر بىلەن تەمىنلەيدىغان ئەقلىي ئىقتىدارلىق داۋالاش ماشىنا ئادىمىمۇ بار.

  بۇ يىل 6-ئايدا، «چۇاڭچۇاڭ جەمەتى» ئۈرۈمچى ئىقتىساد-تېخنىكا تەرەققىيات رايونى (تۇدۇڭخابا رايونى)دا تۈركۈملەپ ئىشلەپچىقىرىلىدۇ، پىلان بويىچە يىلىغا 1000دىن ئارتۇق ئىشلەپچىقىرىلىپ، ئاساسلىقى شىنجاڭ ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا بازارلىرىدا سېتىلىدۇ.

  نەق مەيداندىكى ھاسىلىي خىشمۇ كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتتى، ئۇ زاۋۇت، بىنا قاتارلىقلارنى چېقىش-كۆچۈرۈش جەريانىدىكى قۇرۇلۇش ئەخلەتلىرى بولۇپ، پارچىلانغاندىن كېيىن ماشىنا-ئۈسكۈنە بىلەن بېسىپ شەكىلگە كىرگۈزۈلۈپ ياسالغان، ياساش جەريانى ئىنتايىن مۇھىت ئاسرايدۇ. خىزمەتچى خادىملارنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، بۇ خىل خىشنى پىيادىلەر يولى، ئولتۇراق رايون يولى قاتارلىقلارغا ئىشلىتىشكە بولىدىكەن، ئۇنىڭ چىرىتىشكە، سوغۇققا چىدامچانلىقى، سۇ ئۆتكۈزۈشچانلىقىنىڭ ھەممىسى دۆلەت ئۆلچىمىگە يېتىدىكەن، تەننەرخى ئوخشاش ئۆلچەمدىكى ئادەتتىكى خىشنىڭ %40ى ئەتراپىدىلا ئىكەن.

  ئېلىمىزنىڭ يېڭى توك ئىسلاھاتى لايىھەسى ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، يېڭىدىن گۈللەنگەن كەسىپلەر توك سېتىش شىركىتى 2017-يىلىنىڭ ئاخىرىدا شىنجاڭغا كىردى. تونۇشتۇرۇش يىغىنىدا كۆرگەزمە قىلىنغان توك سېتىش شىركىتى نۇرغۇن كارخانىغا نىسبەتەن «بەخت يۇلتۇزى» ھېسابلىنىدۇ. توك سېتىش شىركىتى ئۆزلىرىنىڭ كەسپىيلىكى ۋە بازار ئىگىلەش ئىقتىدارىغا تايىنىپ، توك ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ توك ئىشلىتىش تەننەرخىنى ئىمكانقەدەر تۆۋەنلىتىدۇ. ئۇلار ھازىر ئاساسلىقى توك بېسىمى دەرىجىسى 10 كىلوۋولتتىن يۇقىرى سانائەت كارخانىلىرىنى مۇلازىمەت ئوبيېكتى قىلىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : پولات ئېزىز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى