شىنخۇا ئاگېنتلىقى، كۆكخوت، 5-ئاينىڭ 25-كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىر ۋېي جىڭيۈ) 5-ئاينىڭ 25-كۈنى، 2019-يىللىق دۇنيا روداۋچە ئېلىشىش مۇكاپاتلىق مۇسابىقىسى (جۇڭگو بېكىتى) ئىككىنچى مۇسابىقە كۈنىگە قەدەم قويدى، تۆت تۈرلۈك مۇسابىقىدە، جۇڭگو كوماندىسى بىر كۈمۈش، بىر مىس مېدالغا ئېرىشتى.
ئاياللار 63 كىلوگىراملىقلار دەرىجىسى بويىچە ئېلىپ بېرىلغان يېرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە، جۇڭگولۇق ماھىر تاڭ جىڭ جۇڭگو كوماندىسىدىكى يەنە بىر ماھىر ياڭ جۈنشيانى يېڭىپ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە كىردى. ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە، تاڭ جىڭ گېرمانىيەلىك 30 ياشلىق پېشقەدەم ماھىر تېدىسقا يېڭىلىپ قېلىپ، ئىككىنچى بولۇپ قالدى.
2018-يىلى جاكارتادا ئۆتكۈزۈلگەن ئاسىيا تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە چېمپىيونلۇقنى قولغا كەلتۈرگەن ياپونىيەلىك ماھىر شىنتيەن زوجى ئاياللار 70 كىلوگراملىقلار دەرىجىسى بويىچە ئېلىپ بېرىلغان مۇسابىقىدە چېمپىيون بولدى، ئەزەربەيجانلىق ماھىر خادىلوۋ ئەرلەر 73 كىلوگراملىقلار دەرىجىسى بويىچە ئېلىپ بېرىلغان مۇسابىقىدە چېمپىيون بولدى.
ئىككىنچى مۇسابىقە كۈنى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، ياپونىيە كوماندىسى ئىككى ئالتۇن، بىر كۈمۈش، بىر مىس مېدالغا ئېرىشىپ مېدال رەت تەرتىپىدە بىرىنچى ئورۇنغا تىزىلدى، كورېيە بىلەن چاۋشيەن ئىككى، ئۈچىنچى ئورۇندا تۇردى، جۇڭگو كوماندىسى ئىككى كۈمۈش مېدال، ئىككى مىس مېدال بىلەن ۋاقتىنچە يەتتىنچى قاتارغا تىزىلدى.