تىيانشان تورى   ›   گۈزەل جۇڭگو   ›   تەبىئەت

[يۇقىرى ئېنىقلىقتىكى سۈرەتلەر گۇرۇپپىسى] بۇرۇلتوقاي ناھىيەسى ئۇلۇڭگۈر كۆلى دۆلەت سۇلۇق يەر باغچىسىغا بوشلۇقتىن نەزەر

     تىيانشان تورى خەۋىرى (ئىختىيارىي مۇخبىر ياڭ شياۋدۇڭ فوتوسى، خەۋىرى): ياز پەسلى كىرگەندىن بۇيان، شىنجاڭ ئالتاي ۋىلايىتى بۇرۇلتوقاي ناھىيەسى ئۇلۇڭگۈر كۆلى دۆلەت سۇلۇق يەر باغچىسىدا زۇمرەتتەك سۇ دولقۇنلاپ، ئوت-چۆپلەر خۇش پۇراق چېچىپ،  سۈرەتتەك گۈزەل مەنزىرىنى شەكىللەندۈرۈپ، كىشىنى مەست قىلدى.

      ئۇلۇڭگۈر كۆلى دۆلەت سۇلۇق يەر باغچىسى بۇرۇلتوقاي ناھىيە بازىرىنىڭ 20 نەچچە كىلومېتىر غەربىدىكى يەتتە ئارال بازىرىغا جايلاشقان بولۇپ، ئۇلۇڭگۈر كۆلى ۋە جىلى كۆلىدىن ئىبارەت ئىككى قىسىمدىن تەركىپ تاپقان، بۇ يەرنىڭ سۈيى سۈزۈك، ئاسمىنى كۆك، قۇشلار سايرىشىپ تۇرىدۇ، تەبىئەتنىڭ پۈتۈن گۈزەللىكىنى ئۆزىگە مۇجەسسەملىگەن. ھەر يىلى يازدا، ئۇلۇڭگۈر كۆلى دۆلەت سۇلۇق يەر باغچىسىدا ساياھەتچىلەر 20 نەچچە كىلومېتىرلىق كۆل ئايلانما تاشيولىنى بويلاپ سەيلە قىلىپ، قۇشلارنى تاماشا قىلىپ، چەكسىز ھۇزۇرلىنىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : مىھرىگۈل ناسىر

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى