تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئۈرۈمچى

ئۈرۈمچى: ۋېنگۇاڭ يولىدىكى ۋاقىتلىق ئاپتوموبىل توختىتىش مەيدانى ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى

سۈرەتتە : چۇاڭشىن مەيدانىنىڭ شەرق تەرىپىدىكى ۋېنگۇاڭ يولىدىكى ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەن ۋاقىتلىق ئاپتوموبىل توختىتىش مەيدانى.

  ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر موۋ مىن فوتوسى، خەۋىرى): يېقىندا، ئۈرۈمچى شەھىرى يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونى (يېڭىشەھەر رايونى) چۇاڭشىن مەيدانىنىڭ شەرق تەرىپىدىكى ۋېنگۇاڭ يولىدىكى ۋاقىتلىق ئاپتوموبىل توختىتىش مەيدانى پۈتۈپ ئىشقا كىرىشتۈرۈلۈپ، 101 ئاپتوموبىل توختىتىش ئورنى شەھەر ئاھالىلىرىگە ئېچىۋېتىلدى.

  چۇاڭشىن مەيدانى مەمۇرىي ئورۇن، سودا، پەن-تەتقىقات ۋە ئىشخانا كۆجۈملەشكەن ئۇنىۋېرسال گەۋدە ئىمارەت توپى بولۇش سۈپىتى بىلەن، بۇ يەرگە ھەر كۈنى نۇرغۇن كىشى كېلىپ تۈرلۈك كەسىپلەرنى بېجىرىدۇ، ئەمما ھازىر بار بولغان ئاپتوموبىل توختىتىش ئورۇنلىرى ئاپتوموبىل توختىتىش ئېھتىياجىنى قاندۇرالمىغانلىقتىن، ئەتراپتىكى يول بۆلەكلىرىدە دائىم قانۇنغا خىلاپ ئاپتوموبىل توختىتىش ئەھۋاللىرى كۆرۈلۈپ، يول توسۇلۇشنى كەلتۈرۈپ چىقاردى، بۇ، بەلگىلىك بىخەتەرلىك يوشۇرۇن خەۋپى پەيدا قىلىپلا قالماي، يەنە ئاممىنىڭ ئىش بېجىرىش ئۈنۈمىگە تەسىر كۆرسەتتى.

  بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن، ئۈرۈمچى گاۋشىن قۇرۇلۇش مەبلەغ سېلىش گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى ئەتراپتىكى بايلىق ۋە ئۇنىڭ تارماق شىركىتى فۇلۇ شىركىتىنىڭ شەھەر مەمۇرىيىتى ئەسلىھەلىرى قۇرۇلۇشىدىكى ئەۋزەللىكىدىن تولۇق پايدىلىنىپ، ۋېنگۇاڭ يولىنىڭ شەرق تەرىپىدىكى بىر بوش يەردە ۋاقىتلىق ئاپتوموبىل توختىتىش مەيدانى قۇردى.

  ۋاقىتلىق ئاپتوموبىل توختىتىش مەيدانىدا 5-ئاينىڭ 1-كۈنى قۇرۇلۇش باشلىنىپ، 5-ئاينىڭ 22-كۈنى رەسمىي پۈتۈپ ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى. نۆۋەتتە، ئاپتوموبىل توختىتىش مەيدانىدا ھەقسىز ئاپتوموبىل توختىتىش يولغا قويۇلدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : مىھرىگۈل ناسىر

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى