تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش

بېيىشتىكى يېڭى موتور «سېرىق كاۋا» نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشقا كۈچ قوشتى

  ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش تىرانسپورت نازارىتى، شىنجاڭ سەنئەت شۆيۈەنى، يوپۇغا ناھىيەلىك تۇرالغۇ ۋە شەھەر-يېزا قۇرۇلۇشى ئىدارىسىنىڭ يەكشەنبە بازار بازىرى چىگىلىك كەنتىدە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى نامرات ئائىلىلەرنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇش قەدىمىنى تېزلىتىش ئۈچۈن، كەنت ئەھۋالى ئەمەلىيىتىنى چىقىش قىلىپ، يېزا ئىگىلىك كەسىپ قۇرۇلمىسىنى مۇۋاپىق تەڭشەپ، ئەنئەنىۋى زىرائەت كېۋەزنىڭ تېرىش كۆلىمىنى مۇۋاپىق ئازايتىپ، كەنت ئاھالىلىرىنى خاس كاۋا تېرىشقا پائال يېتەكلەپ، ئۇلارنى بېيىش يولىغا يېتەكلىدى.

  ئەنئەنىۋى كېۋەزگە سېلىشتۇرغاندا، خاس تېرىقچىلىق كەسپى ھېسابلىنىدىغان كاۋىنىڭ تېرىش چىقىمى ئاز، ئۆسۈش جەريانىدا ئەمگەك كۈچىگە بولغان ئېھتىياجىمۇ ئاز، ئەڭ مۇھىمى، ئىقتىسادىي ئۈنۈمى ياخشى. كەنتتىكى تېرىقچىلىق چوڭ ئائىلىسى نامان تاجى، ئون نەچچە يىلدىن بۇيان ئىزچىل كېۋەز تېرىشنى ئاساس قىلىپ كەلگەن بولۇپ، بۇنىڭدىن ئەندىشە قىلدى، نامان تاجىغا ئوخشاش كۆپ ساندىكى كەنت ئاھالىسىمۇ كاۋا تېرىشتىن ئەندىشە قىلدى.

  كەنت ئاھالىلىرىنىڭ كۆڭلىدىكى گۇماننى يوقىتىش ئۈچۈن، خىزمەت ئەترىتى ئىچكىرىدىكى يېزا ئىگىلىك مۇتەخەسسىسلىرىنى مەخسۇس تەكلىپ قىلىپ، كەنتتە مەخسۇس لېكسىيە ئۇيۇشتۇرۇپ، كاۋا تېرىقچىلىقىنىڭ پايدىسى ۋە باشقۇرۇش تېخنىكىسى قاتارلىقلارنى چۆرىدەپ دەرس ئۆتتى. خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەزالىرى تەشۋىقاتچىلىق رولىنى پائال جارى قىلدۇرۇپ، ئۆيمۇ ئۆي كىرىپ ئەھۋال ئىگىلەش، ئائىلىلەرنى ھۆددىگە ئېلىش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش قاتارلىق پائالىيەتلەردىن پايدىلىنىپ، كۈچەپ تەشۋىق قىلدى. بۇنىڭدىن باشقا، خىزمەت ئەترىتى يەنە دېھقانلار بىلەن كاۋا سودىگەرلىرىنى پائال ئۇدۇللاشتۇردى، ئاخىرىدا، كاۋا ئۇرۇقى ئىشلەپچىقىرىش سودىگەرلىرى كەنت ئاھالىلىرى بىلەن سېتىۋېلىش توختامى ئىمزالىدى.

كۆپچىلىك كاۋىنىڭ ئۆسۈش ئەھۋالىنى تەكشۈرمەكتە.

  خىزمەت ئەترىتىنىڭ تىرىشچانلىقى ئاستىدا، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ تەدرىجىي «كۆزى ئېچىلدى». نامان تاجى تەشەببۇسكارلىق بىلەن خىزمەت ئەترىتىنى ئىزدەپ، كاۋا تېرىغۇسى بارلىقىنى ئېيتتى، «ئىلگىرى تېرىپ باقمىغاچقا، خىزمەت ئەترىتى ماڭا كاۋا تېرىش تەكلىپى بەرگەندە ئەندىشە قىلغانىدىم، ئۇنىڭ ئۈستىگە باشقۇرۇش ۋە سېتىش جەھەتتىنمۇ ئەنسىرىگەنىدىم. ھازىر خىزمەت ئەترىتى بىزگە ياردەم قىلىپ سېتىۋالغۇچى كارخانىنى تونۇشتۇردى، كارخانا بىلەن سېتىۋېلىش توختامى ئىمزالاپ بولدۇم، كارخانا يەنە تېخنىكا خادىملىرىنى بىزگە كەسپىي جەھەتتىن يېتەكچىلىك قىلىشقا ئورۇنلاشتۇردى، مەن چوقۇم كاۋىلارنى ياخشى باشقۇرۇپ، كىرىمىمنى ئاشۇرىمەن.» دېدى نامان تاجى.

  شۇنىڭ بىلەن بىللە، مۇتەخەسسىسلەرنىڭ تەكلىپى بىلەن، نامان تاجى يەنە كاۋىلارنى تېمىتىپ سۇغىرىش تۇرۇبىسى يېيىتىپ، ئەنئەنىۋى يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش ئەندىزىسىنى زامانىۋى يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش ئەندىزىسىگە ئۆزگەرتتى.

  خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت باشلىقى چۇ خۇڭ مۇنداق دېدى: «نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشقا كۈچ قوشۇش ئۈچۈن، خىزمەت ئەترىتى ۋە كەنت <ئىككى كومىتېت>ى مەسلىھەتلىشىش ئارقىلىق، كەنت ئاھالىلىرىنى ئىقتىسادىي قىممىتى تېخىمۇ يۇقىرى كاۋا تېرىشقا رىغبەتلەندۈردۇق، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، سېتىشتىكى غەم-ئەندىشىسىنى تۈگىتىش ئۈچۈن، بىز كارخانا بىلەن تېرىقچىلىق زاكاز تالونى ئىمزالىدۇق، دېھقانلارمۇ كارخانا بىلەن سېتىۋېلىش توختامى ئىمزالىدى. دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇش بىلەن بىر ۋاقىتتا، بىز يىل ئاخىرىدىكى ئۈنۈمنى سېلىشتۇرۇش ئارقىلىق، دېھقان ئاممىنى زامانىۋى يېزا ئىگىلىكىگە قارىتا بىۋاسىتە چۈشەنچىگە ئىگە قىلىپ، بۇ ئارقىلىق ئۇلارنىڭ ئەنئەنىۋى تېرىقچىلىق قارىشىنى ئۆزگەرتىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشقا كۈچ قوشۇشنى ئويلىدۇق.» (قەشقەر ۋىلايەتلىك «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇش خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسى ئىشخانىسىدىن ۋاڭ خۇي تەمىنلىگەن)

«ئەڭ ئاخىرقى بىر كىلومېتىر» ئۈندىدار سۇپىسىدىن تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى