تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئۈرۈمچى

ئۈرۈمچى شەھەرلىك بالىلار باغچىسىدا «مەن ۋە مېنىڭ ۋەتىنىم» ناخشىسى ياڭرىدى

5-ئاينىڭ 26-كۈنى، بالىلار باغچىسىدا ساياھەتچىلەر، ئەتراپتىكى ئاھالىلەر بىرلىكتە «مەن ۋە مېنىڭ ۋەتىنىم» ناخشىسىنى ئېيتماقتا.( مۇخبىر جياڭ شياۋ ، پراكتىكانت مۇخبىر ما يۈەنشياڭ فوتوسى)

  ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرلىرى خەۋىرى (مۇخبىر گەي يۈ) : 5-ئاينىڭ 26-كۈنى، بىر مەيدان ۋەتەننى كۈيلەش مەزمۇن قىلىنغان كۇەيشەن پائالىيىتى بالىلار باغچىسىدا ئورۇندالدى.

  سائەت 12دە، گارمون بىلەن ئورۇندالغان «مەن ۋە مېنىڭ ۋەتىنىم»نىڭ مۇقەددىمىسى ياڭرىدى، توققۇز ياشلىق ۋاڭ رۇيجۆ قولىغا مىكروفوننى ئېلىپ، باغچىنىڭ كىرىش ئېغىزى ئۇدۇلىدىكى مەيداننىڭ ئوتتۇرىسىدا، ئۇدارغا چۈشۈرۈپ ناخشا ئېيتتى.

  ناخشا ئاۋازى ساياھەتچىلەرنى جەلپ قىلدى، كىشىلەر تەشەببۇسكارلىق بىلەن مەيداننىڭ ئوتتۇرىسىغا يىغىلىپ، تەڭكەشكە ئەگىشىپ، بىرلىكتە «مەن ۋە مېنىڭ ۋەتىنىم» ناخشىسىنى ئېيتتى. بىر مىنۇتقا قالماي، ناخشا ئېيتىشقا قاتناشقان ساياھەتچى 100دىن ئاشتى.

  ئاھالە ۋاڭ جىفېننىڭ ھەپتە ئاخىرىدا ئۈچ ياشلىق قىزىنى باغچىغا ئويناتقىلى كەلگەن ۋاقتى دەل بۇ مەيدان كۇەيشەن پائالىيىتىگە توغرا كەلدى، شۇنىڭ بىلەن ئۇ خوتۇنى بىلەن بىرلىكتە قىزىنى كۆتۈرۈپ سەپكە كىرىپ، كۆپچىلىك بىلەن بىللە ناخشا ئېيتتى.

  « قىزىم چوڭ بولغاندا، خوتۇنۇم ئىككىمىز بۇ ناخشىنى قىزىمىزغا ئۆگىتىپ قويىمىز، قىزىمغا ئۇلۇغ ۋەتىنىمىزنىڭ تەرەققىيات ئۆزگىرىشىنى سۆزلەپ بېرىمەن» دېدى ۋاڭ جىفېن.

  ناخشا ئاۋازى ياڭرىشى بىلەن، 75 ياشلىق سۈن ۋېي يېنىدىكى مەھەللە خىزمەتچىلىرىنىڭ قولىدىن بەش يۇلتۇزلۇق قىزىل بايراقنى ئېلىپ، ناخشىنى ئەگىشىپ ئېيتتى: «مەن ۋە مېنىڭ ۋەتىنىم ، بىر-بىرىمىزدىن بىر مىنۇتمۇ ئايرىلالمايمىز. مەيلى مەن نەگىلا باراي ، مەدھىيە ناخشىسى يۈرىكىمدىن ئوخچۇپ چىقىدۇ...»

  «بۇ ناخشىنى مەن 30 يىل ئىلگىرىلا ئېيتالايتىم، ئۇ چاغدا بۇ ناخشىنى ئېيتقاندا ۋەتەنگە بولغان قىزغىن مۇھەببىتىم كۆپرەك ئىپادىلىنەتتى، ھازىر دۆلىتىمىز بارغانسېرى قۇدرەت تېپىۋاتىدۇ، بىزنىڭ تۇرمۇشىمىزمۇ بارغانسېرى ياخشىلىنىۋاتىدۇ، بۇ ناخشىنى ئېيتقاندىكى ھېسىياتىمىزمۇ ئوخشىمايدۇ، ھازىرقى كەيپىياتىمىز ئانا ۋەتەنگە بولغان مىننەتدارلىق، گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان مەدھىيە، شۇنداقلا يېڭى دەۋردە ياشاۋاتقانلىقىمىزدىن ئىپتىخارلىنىش تۇيغۇسىغا ئوخشايدۇ» دېدى سۈن ۋېي.

  ئىگىلىنىشچە، بۇ مەيدان كۇەيشەن پائالىيىتىنى سايباغ رايونى دوستلۇق شىمالىي يولى تەۋەلىكىنى باشقۇرۇش كومىتېتى باۋدى مەھەللسى تەشكىللىگەن بولۇپ، باۋدى مەھەللىسى پارتكومىنىڭ شۇجىسى ياڭ جىڭنىڭ ئېيتىشىچە، پۈتۈن مەيدان پائالىيەتكە 134 ئادەم قاتناشقان.

  « بۇ يىل جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقى، ھەر مىللەت ئاكا-ئۇكا، ئاچا-سىڭىللىرىمىزنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقى ئارقىسىدا، ۋەتىنىمىزنىڭ ئەتىسىنىڭ چوقۇم تېخىمۇ گۈزەل بولىدىغانلىقىغا ئىشىنىمىز» دېدى ياڭ جىڭ.

مەسئۇل مۇھەررىر : مىھرىگۈل ناسىر

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى