تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   بىلىم يۇرتى

ئۇزاق مۇددەت ئەتىر ئىشلەتسە سالامەتلىككە تەسىر يېتەمدۇ؟

  ئەتىر خۇش پۇراق تارقىتىدىغان سۇيۇقلۇق بولۇپ، بەدەندىكى پۇراقنى يېپىپ، كەيپىياتنى كۆتۈرۈش بىلەن بىر ۋاقىتتا، شۇ ئادەمنىڭ لاتاپىتىنى نامايان قىلىدۇ، ئۇنداقتا ئۇزاق مۇددەت ئەتىر ئىشلەتسە ئادەمنىڭ سالامەتلىكىگە تەسىر يېتەمدۇ؟

  بىر قىسىم گىرىم بۇيۇملىرى تەركىبىدىكى بەزى تەركىبلەرنى ئىمكانقەدەر ئاز ئىشلىتىش ياكى ئىشلەتمەسلىك كېرەك، بەزى تەركىبلەر ھەتتا ئادەم بەدىنىگە زىيانلىق بولۇپ، ئۇزاق مۇددەت ئىشلەتسە ئادەم بەدىنىگە ناچار تەسىر كۆرسىتىدۇ، ھەتتا زەھەرلىك ئەكس تەسىر پەيدا قىلىدۇ.

  ئەتىردىكى قايسى تەركىبلەر رېئاكسىيە پەيدا قىلىدۇ؟

  ئەتىرنىڭ ئاساسلىق تەركىبى مۇئەتتەر، ئىسپىرت، سۇ ۋە ئاز مىقداردىكى ئېرىشچانلىقىنى ئاشۇرغۇچى دورىلاردىن ئىبارەت، ئەتىرنىڭ خۇش پۇرىقى مۇئەتتەردىن كېلىدۇ، ئەمما رېئاكسىيە مەنبەسىمۇ مۇئەتتەردىن كېلىدۇ. مۇئەتتەر تەركىبىدە ئادەتتە رېئاكسىيە پەيدا قىلىدىغان 26 خىل تەركىب بار، بۇلار ئانىزىن ئالكوھول، سىننامىك ئالكوھول، سىننامالدېھىد، گېرانىئول، سىترونېللول، لىنالوئول قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

  ئەتىر بىر قىسىم كىشىلەرگە رېئاكسىيە قىلىدۇ، بۇ ناھايىتى بۇرۇنلا بايقالغان.

  ھالبۇكى، ئەتىر زىيادە سەزگۈرلۈك رېئاكسىيەسى كەلتۈرۈپ چىقارسا، زىيادە سەزگۈرلۈك مەنبەسىنى ئوڭاي تەكشۈرۈپ چىققىلى بولمايدۇ. چۈنكى ئەتىرنىڭ تەركىبى مۇرەككەپ، ئوخشاش بولمىغان ماركىلارنىڭ تەركىبلەرنى تەڭشەش نىسبىتى ئوخشاش بولمايدۇ، نۇرغۇن ماتېرىيال تەڭشەش تەركىبلىرى سودا مەخپىيەتلىكى بولۇپ، ئاشكارىلاشقا بولمايدۇ. بۇ تەركىبلەر كۆپ ھاللاردا بىرىكمە ماددا شەكلىدە ئۇچرايدۇ، شۇڭا، رېئاكسىيە قىلغان كىشىلەرنىڭ ئۆزىنىڭ ئەتىر تەركىبىدىكى قايسى خۇرۇچلارغا زىيادە سەزگۈر ئىكەنلىكىگە ھۆكۈم قىلىشى ناھايىتى تەسكە چۈشىدۇ، مۇتەخەسسىسلەر ۋە دوختۇرلارنىڭمۇ ئوخشاش بولمىغان ئەتىرنىڭ كونكرېت قانداق رېئاكسىيە پەيدا قىلىدىغانلىقىغا ھۆكۈم قىلىشى تەس بولىدۇ.

  ئۇنداقتا، ئەتىر ئىشلەتكەندە رېئاكسىيە قىلىشتىن قانداق ساقلىنىشىمىز كېرەك؟

  ئالدى بىلەن ئالاھىدە كىشىلەر توپى، مەسىلەن، ھامىلىدارلار، زىيادە سەزگۈرلۈك بۇرۇن ياللۇغى بىمارلىرى، تېرە كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلار ئەتىر ئىشلەتمەسلىكى كېرەك.

  ئەتىردىكى مۇئەتتەر، ئىسپىرت تەركىبى ئاسانلا رېئاكسىيە پەيدا قىلىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، مۇناسىۋەتلىك تەتقىقاتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، ھامىلىدار ئايالنىڭ ھورمۇنىنىڭ ئاجرىتىلىشى ئەتىردىكى فىتالاتېسنىڭ تەسىرىگە ئۇچرايدىغان بولۇپ، ھامىلىدارلىق مەزگىلىدە سولياۋ قاچا ۋە ئەتىر ئىشلىتىلسە، ھامىلىنىڭ چوڭ مېڭىسىنىڭ يېتىلىشىگە ئۇزاق مۇددەت زىيان يەتكۈزۈشى مۇمكىن ئىكەن. شۇڭا ئانا- بالىلارنىڭ بىخەتەرلىكى ئۈچۈن، ھامىلىدارلار ۋە بوۋاقلار ئەتىرنى ئاز ئىشلىتىشى، ھەتتا ئىشلەتمەسلىكى كېرەك.

  بەزى گۈل چېڭى رېئاكسىيە قىلىدىغان كىشىلەر ئەتىرگە يولۇقسا يەنە رېئاكسىيە پەيدا قىلىدۇ؛ زىيادە سەزگۈرلۈك بۇرۇن ياللۇغى بىمارلىرى ئەڭ ياخشىسى ئەتىر ئىشلەتمەسلىكى كېرەك، ئەتىر بۇرۇن بوشلۇقى شىللىق پەردىسىنى غىدىقلاپ، بۇرۇن كاۋىكى ياللۇغىنى پەيدا قىلىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، ئەتىر تەركىبىدە ئىسپىرت بولغاچقا، غىدىقلاشچانلىقى بىر قەدەر كۈچلۈك بولۇپ، تېرە كېسىلى بىمارلىرىنىڭ كېسىلىنى قايتا قوزغايدۇ ياكى ئېغىرلاشتۇرۇۋېتىدۇ، شۇڭا تېرە ياللۇغىغا گىرىپتار بولغان، تېرە يىرىڭدىغان ياكى زىيادە سەزگۈرلۈكى بولغان بىمارلارنىڭ ئەتىر ئىشلىتىشى مەنئى قىلىنىدۇ.

  شىنخۇا تورىدىن تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى