تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەدەنىيەت - ساياھەت

«بەش جاي، يەتتە تەرەپ» «شىمالىي شىنجاڭ مەنزىرىسى» چوڭ مەنزىرە رايونىنى ئورتاق قۇرۇشنى پىلانلىدى

  ئۆز ئالدىغا جەڭ قىلىشتىن بىرلىشىپ تەرەققىي قىلىشقىچە

«بەش جاي، يەتتە تەرەپ» «شىمالىي شىنجاڭ مەنزىرىسى» چوڭ مەنزىرە رايونىنى ئورتاق قۇرۇشنى پىلانلىدى

  مۇخبىرلىرىمىز جەزىرە نىسبېك، تاڭ كەندۇڭ خەۋەر قىلىدۇ: 5- ئاينىڭ 26- كۈنى، ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ 1- نۆۋەتلىك پۈتۈن رايون ساياھىتى تەرەققىيات يىغىنى غۇلجا شەھىرىدە ئېچىلدى، ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى، تارباغاتاي ۋىلايىتى، ئالتاي ۋىلايىتى، بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى، قاراماي شەھىرى، بىڭتۇەن 4- شىسى، 7- شىسىدىن ئىبارەت «بەش جاي، يەتتە تەرەپ»تىن كەلگەن 160تىن كۆپرەك ۋەكىل «شىمالىي شىنجاڭ مەنزىرىسى» چوڭ مەنزىرە رايونىنى ئورتاق قۇرۇشنى پىلانلىدى.

  ئىگىلىنىشىچە، بۇلتۇر «بەش جاي، يەتتە تەرەپ» جەمئىي كۈتۈۋالغان ساياھەتچى 85 مىليون ئادەم قېتىمدىن ئېشىپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %43.76 كۆپەيگەن؛ ساياھەت ئومۇمىي كىرىمى 95 مىليارد يۈەندىن ئېشىپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %62.29 كۆپەيگەن؛ ساياھەت قىلغان ئادەم قېتىم سانىنىڭ ئومۇمىي يىغىندىسى پۈتۈن شىنجاڭنىڭ %50ىدىن كۆپرەكىنى ئىگىلىگەن؛ ساياھەت كىرىمىنىڭ ئومۇمىي يىغىندىسى پۈتۈن شىنجاڭنىڭ %40ىدىن كۆپرەكىنى ئىگىلەپ، ئېشىش نىسبىتى پۈتۈن شىنجاڭدا ئالدىنقى قاتاردا تۇرغان. لېكىن، «بەش جاي، يەتتە تەرەپ»نىڭ رايونلاشقان ھەمكارلىشىش، ئەۋزەللىكلەر ئارقىلىق ئۆزئارا تولۇقلاشتەك ئورتاق پايدا ئېلىش يولىدا مېڭىشىدا، باشلامچى ساياھەت مەھسۇلاتلىرىنىڭ تەرەققىياتى تەكشى بولماسلىق، يېتەكلەش كۈچى كۈچلۈك بولماسلىق؛ ساياھەت مەھسۇلاتلىرىنىڭ قۇرۇلمىسى دېگەندەك مۇۋاپىق بولماسلىق، رىقابەت كۈچى كۈچلۈك بولماسلىق؛ پۈتۈن رايون ساياھەت مېخانىزمى تېخى راۋان بولماسلىق، ھەمكارلىق ئىقتىدارى كۈچلۈك بولماسلىق قاتارلىق مەسىلىلەر ساقلانغان.

  يىغىندا، يىغىنغا قاتناشقان ھەرقايسى تەرەپلەر ساقلانغان مەسىلىلەرنى چوڭقۇر مۇھاكىمە قىلدى ھەم پۈتۈن رايون ساياھىتى تەرەققىيات تەشەببۇسنامىسى چىقاردى، بۇنىڭدىكى مەقسەت «بەش جاي، يەتتە تەرەپ»تە «ئەۋزەللىكلەر ئارقىلىق ئۆزئارا تولۇقلاش، ئۆزئارا پايدا - مەنپەئەت يەتكۈزۈش، قول تۇتۇشۇپ ئورتاق قۇرۇش، تەرەققىياتنى ئورتاق پىلانلاش، ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدا ئېلىش»تەك پۈتۈن رايون ساياھىتى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى شەكىللەندۈرۈپ، قول تۇتۇشۇپ «شىمالىي شىنجاڭ مەنزىرىسى» چوڭ مەنزىرە رايونى ئەندىزىسى بەرپا قىلىپ، رايون ئەۋزەللىكى، بايلىق ئەۋزەللىكى، ئادىمىيەت ئەۋزەللىكى، كەسىپ ئەۋزەللىكىنى ئەڭ يۇقىرى چەككە يەتكۈزۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىن ئىبارەت.

  پۈتۈن رايون ساياھىتى تەرەققىيات تەشەببۇسنامىسىدە رايونلار ئارا ساياھەت ھەمكارلىقى تەرەققىيات مېخانىزمىنى ئورتاق ئورنىتىپ، «بەش جاي، يەتتە تەرەپ» ساياھەت چوڭ مەنزىرە رايونى ئەندىزىسى بەرپا قىلىپ، بايلىقنى ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇش، ئۇچۇرنى ئۆزئارا راۋانلاشتۇرۇش، قاتناشنى راۋانلاشتۇرۇش، سىياسەتنى تۇتاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئوتتۇرىغا قويۇلدى. يىغىندا يەنە ھەر يىلى بىر جايدا پۈتۈن رايون ساياھىتى تەرەققىيات يىغىنى ئېچىپ، پۈتۈن رايون ساياھىتى تەرەققىياتىنى ئورتاق پىلانلاش؛ ساياھەت سەرخىل مەھسۇلاتىنى ئورتاق بەرپا قىلىپ، بىرلىشىپ شىمالىي شىنجاڭ سەرخىل مەنزىرە بەلبېغى ۋە سەرخىل مەنزىرە رايونى گۇرۇپپا بۆلىكى بەرپا قىلىش؛ ساياھەت بازىرىنى ئورتاق ئېچىپ، رايونلار ئارا ساياھەت مۇھىم، زور تەبرىكلەش پائالىيەتلىرىنى ئورتاق قوللاپ ۋە ئۇنىڭغا قاتنىشىپ، بىرلىشىپ ئەۋزەل ساياھەت بايلىقىنى تونۇشتۇرۇش؛ رايونلار ئارا ساياھەت يوللىرىنىڭ ئۆزئارا تۇتىشىشى، ئۆزئارا راۋانلىشىشىغا ئورتاق تۈرتكە بولۇپ، رايونلار ئارا ساياھەت ئاۋىياتسىيە لىنىيەسى، ساياھەت ئايروپىلانىنى ھۆددىگە ئېلىش، ئۆزئارا ئالاقىلىشىش، ئۆزئارا ئۇچۇشقا تۈرتكە بولۇپ، «بۇلۇت ئۈستى ئاممىۋى قاتنىشى» بەرپا قىلىش قاتارلىقلار قارار قىلىندى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى