تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش

[مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش] ياخشى ئاكا-ئۇكىلار بېيىش يولىدا ماڭغانسېرى يېقىنلاشتى

جاۋ كەي (ئوڭدا) بىلەن ئاسقات باقمىچىلىق چىقىمىنى ھېسابلىماقتا.

  تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىر ليۇ شىنساۋ، ئىختىيارىي مۇخبىر لى مىڭشىڭ فوتوسى، خەۋىرى): «ئىنىم، بىز ياخشى ئىشلەپ، بېيىش يولىدا يەنىمۇ تېزرەك ماڭايلى.» 5-ئاينىڭ 22-كۈنى، بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى ئارىشاڭ ناھىيەسى كۆكتوخە (كۆكتوقا) نەسىللىك چارۋا فېرمىسى چۆكىنبۇلاق يەم-خەشەك ئەترىتىدە ئولتۇرۇشلۇق جاۋ كەي ئاسقاتقا شۇنداق دېدى. ئاسقاتنىڭ سىڭلىسىنىڭ مەكتەپتە ئوقۇشتا قىيىنچىلىققا ئۇچرىغانلىقىنى بىلىپ، جاۋ كەي مەردلىك بىلەن ياردەم بەردى؛ جاۋ كەينىڭ كۆممىقوناقلىقىنى ۋاقتىدا سۇغىرىش ئۈچۈن، ئاسقات بىر كېچە-كۈندۈز ئۇخلىمىدى... 13 يىلدىن بۇيان، ئاسقات بىلەن جاۋ كەي ئەڭ دەسلەپكى ياللاش-ياللىنىش مۇناسىۋىتىدىن «تۇغقان» غا ئايلاندى.

  2006-يىلى، سىرتتا ئىشلەمچىلىك قىلغىنىغا ئۇزۇن يىل بولغان جاۋ كەي يۇرتىغا قايتىپ 200 مو يەرنى ھۆددىگە ئېلىپ كۆممىقوناق تېرىدى، دېھقانچىلىقنىڭ ئالدىراش مەزگىلىدە ئادەم ياللىدى، بۇ ئارىلىقتا ئەينى يىلى 19 ياشقا كىرگەن ئاسقات بىلەن تونۇشتى، جاۋ كەي ئاسقاتنىڭ ئاقكۆڭۈل، ياۋاش، ئىشنى ياخشى قىلىدىغانلىقىغا دىققەت قىلدى. ئاسقاتنىڭ ئاتا-ئانىسىنىڭ ئۆلۈپ كېتىپ، ئاسقاتنىڭ سىڭلىسىنى ئوقۇتۇش ئۈچۈن، ئۆز يېرىنى باشقۇرغاندىن سىرت، يەنە تەرەپ-تەرەپتە ئىشلەپ پۇل تاپىدىغانلىقىنى بىلدى. «ئۇنىڭغا ئاسان ئەمەس، مەن كۈچۈمنىڭ يېتىشىچە ئۇنىڭغا ياردەم بېرىمەن» دېدى جاۋ كەي، شۇنىڭدىن كېيىن ئېتىزىدا دېھقانچىلىق ئىشلىرى بولسىلا، ئۇ ئاسقاتنى ياردەمگە چاقىردى.

  2012-يىلى 6-ئايدا، ئاسقاتنىڭ سىڭلىسى نۇرگۈل جاقىيا ئەلا نەتىجە بىلەن سىچۈەندىكى بىر داشۆگە ئۆتتى، لېكىن ئوقۇش پۇلى ئاسقاتنى قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويدى.

  جاۋ كەي ئەھۋالنى بىلگەندىن كېيىن، دەرھال 3000 يۈەن چىقىرىپ ئاسقاتقا سۇنۇپ: «سىڭلىڭىزنىڭ ئوقۇشىغا دەخلى قىلىشقا بولمايدۇ، بۇ پۇللارنى سىز ئاۋۋال ئىشلىتىڭ، مەن سىزگە ئالدىن ئىش ھەققى بەرگەن بولاي» دېدى. جاۋ كەينىڭ سۆزى ئاسقاتنىڭ كۆز چانىقىنى قىزارتتى، شۇنداقلا بۇ ئاكىنى كۆڭلىدىن ئېتىراپ قىلدى.

  2013-يىلى، جاۋ كەي تۇغقىنى بىلەن بىرلىشىپ ئۆيىدىن 15 كىلومېتىر يىراقلىقتىكى ئارىشاڭ ناھىيەسى ئاڭگىلىگ بازىرىدا 1000 مو يەرنى ھۆددىگە ئېلىپ، ئۆزىنىڭ كۆممىقوناقلىقىغا قاراشقا چولىسى تەگمەي، ئاسقاتتىن ياردەم سوراشقا مەجبۇر بولدى. شۇ يىلى 6-ئاينىڭ بىر كۈنى، جاۋ كەي ئۆيىگە قايتىپ، كۆممىقوناقلىقنى سۇغىرىش ئۈچۈن، ئاسقاتنىڭ بىر كېچە-كۈندۈز كۆز يۇممىغانلىقىنى بىلدى. شۇ يىلى، جاۋ كەي كۆممىقوناقتىن ھوسۇل ئالدى، يىل ئاخىرىغا كەلگەندە، جاۋ كەي ئاسقاتقا باشقۇرۇش ھەققى بەرگەندە، ئاسقات سىلىق رەت قىلدى. ئاسقات: «جاۋ ئاكا، مېنىڭ قەلبىمدە بىز بىر ئائىلە كىشىلىرى» دېدى.

  2016-يىلى، جاۋ كەي باقمىچىلىقنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى قارار قىلدى. ئارقىدىنلا، جاۋ كەي مەبلەغ چىقىرىپ 8 مودىن ئارتۇق ھويلىغا قوتان سالدى، يەنە ئاسقات بىلەن مەبلەغ توپلاپ، 32 تۇياق كالا ۋە 480 تۇياق قوي سېتىۋېلىپ باقمىچىلىق قىلدى. «يەر تېرىشقا مەن ئۇستا، باقمىچىلىققا ئۇ ئۇستا، بىز ئاكا-ئۇكا ئىككىمىزنىڭ ئىش تەقسىماتى ئېنىق.» دېدى جاۋ كەي، ئاكا-ئۇكا ئىككىسىنىڭ ئورتاق تىرىشىشى ئاستىدا، شۇ يىلنىڭ ئاخىرىدىكى پايدا ئىلگىرىكى يىللاردىكىنى بىر ھەسسە قاتلىدى.

  2018-يىلى، ئاسقات توي قىلدى، جاۋ كەي ئەر تەرەپنىڭ تۇغقىنى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئالدىراش بولۇپ كەتتى. «بىز ئۆمۈرلۈك ئاكا-ئۇكا، ئورتاق بېيىپ، ھاللىق سەۋىيەگە يېتىمىز.» دېدى جاۋ كەي كۈلۈپ تۇرۇپ.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تىيانشان تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • مەركەز مالىيەسىدىن ئاجرىتىلغان 2 مىليارد 100 مىليون يۈەن يېزا ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشى تولۇقلىما ياردەم مەبلىغى نەقلەشتى
  • شىنجاڭدا بۇغداينىڭ بىرلىك ھوسۇل رېكورتى يېڭىلىنىپ 731.3 كىلوگىرامغا يەتتى
  • يازدا قومۇل مىڭشا تېغىغا بېرىش