تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   تۇرمۇش لۇغىتى

ئاياغ پۇتىڭىزنى غاجىدىمۇ، پۇراتتىمۇ، مەينەت بولدىمۇ؟ بۇ 14 خىل ئەپچىل چارىنى سىناپ كۆرۈڭ

  يېڭى ئاياغ پۇتىڭىزنى غاجاپ سۇلۇق قاپارتما چىقىرۋەتتىمۇ؟ تەنھەرىكەت ئايىغى تەر سۈمۈرگەچكە سېسىق پۇرىدىمۇ؟ 14 خىل ئەپچىل چارە سىزنىڭ ئاياغ ئاسرىشىڭىزغا ياردەم بېرىدۇ: ① سودا (小苏打) تەنھەرىكەت ئايىغىدىكى غەيرىي پۇراقنى چىقىرىدۇ؛ ② ئاق چىش پاستىسى بىلەن ئاياغنىڭ چەمىگە سۈرتكەندە، يېڭى ئالغاندىكىدەك ئاپئاق ئېچىلىپ كېتىدۇ؛ ③ كۆممىقوناق ئۇنى تەتۈر خۇرۇم (مۇنتجاك) تېرىسىدىكى داغلارنى سۈمۈرۈۋالىدۇ ... ئىنتايىن قولايلىق!

  1. سودا (小苏打) ئارقىلىق تەنھەرىكەت ئايىغىنى تازىلاش

  پۇراقنى چىقىرىپ تاشلاش تەنھەرىكەت ئايىغىنى تازىلاشقا نىسبەتەن ئېيتقاندا ئەڭ مۇھىم ئىش . سودانى پۇتبول ئايىقىغا چېچىپ، چوتكىلاپ، بىر ئاخشام قويۇپ قويۇڭ. سودانىڭ تەركىبى غەيرىي پۇراقنى ئۈنۈملۈك يوقىتىشى مۇمكىن.

  2. ئاق چىش پاستىسى بىلەن ئاياغنىڭ چەمىنى سۈرتكەندە ، يېڭى ئالغاندىكىدەك ئاپئاق ئېچىلىپ كېتىدۇ

  كونا چىش چوتكىسىغا ئازراق ئاق چىش پاستىسى سىقىپ چىقىرىپ، كاۋچۇك ئاياغنىڭ چەمىنى چوتكىلاڭ. بىر قانچە مىنۇت ساقلىغاندىن كېيىن، چىش پاستىسى ئاياغ چەمىدىكى توقۇلما ئىچىگە سىڭىپ كىرگەندە، ئاندىن يۆل لۆڭگە بىلەن چىش پاستىسىنى سۈرتىۋەتسىڭىزلا بولىدۇ.

  3.ئاياغنى ئاچچىقسۇغا چىلاپ بەرگەندە، سېسىق پۇراقنى يوقاتقىلى بولىدۇ

  ئاچچىقسۇ پۇراق يوقىتىشنىڭ ئېسىل دورىسىدۇر! تەنھەرىكەت ئايىقىدىكى كىشىنى بىزار قىلىدىغان پۇراقنى يوقاتماقچى بولسىڭىز، ئاچچىقسۇ قوشۇلغان سۇغا چىلاڭ. نىسبىتى تەخمىنەن ئىككى ئىستاكان ئاچچىقسۇغا سەككىز لىتىر سۇ قوشۇلىدۇ.

  4. تىرناق ئېكىكى ئارقىلىق سىزىقچىلارنى، داغلارنى يوقىتىش

  تىرناق ئېكىكى قۇرۇق، نەم داغلارنى چىقىرىشتا ئالاھىدە ئۈنۈملۈك، بولۇپمۇ تىۋىت يۈزىگە سىزىلغان ئىزلار. ئالدى بىلەن يۇمشاق لاتىدا داغ يەرلەرنى يېنىك ئۇۋۇلاپ، جاھىل داغلارنى تىرناق ئېكىكى ياكى قۇم قەغەز بىلەن تاكى داغ بارا-بارا ئازلىغىچە يېنىك قىرسىڭىز بولىدۇ.

  5. كۆممىقوناق ئۇنى تەتۈر خۇرۇم (مۇنتجاك) تېرىسىدىكى داغلارنى سۈمۈرۈۋالىدۇ

  كۆممىقوناق ئۇنى تەتۈر خۇرۇم (مۇنتجاك) تېرىسىدىكى مايلىق داغلارنى چىقىرىشتا ناھايىتى ئۈنۈملۈك.

  6. ئىسپىرتنى سۇيۇلدۇرۇپ خۇرۇم ئاياغلارنى سۈرتۈشكە بولىدۇ

  پەلكۈشنى سىرتقا سۈرىدىغان ئىسپىرت بىلەن نەملەشتۈرۈپ ياكى ئىسپىرتقا چىلاپ قويۇپ، 30 مىنۇتتىن كېيىن، ئاياغنىڭ ئۈستىدىكى داغلارنى سۈرتسىڭىز بولىدۇ.

  7. پۇراق يوقىتىش يىلىمى بىلەن سۇلۇق قاپارتمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش

  رەڭسىز پۇراق يوقىتىش يىلىمىنى ئۆكچە ۋە ئاياغنىڭ دائىم سۈركىلىدىغان يېرىگە سۈركەپ بەرگەندە، سىلىقلاش رولىنى ئوينايدۇ.

  8. مۇز خالتىسى ئارقىلىق ئاياغنى چوڭايتىش

  سۇ قاچىلانغان خالتىنى ئاياغ ئىچىگە، ئاياغنى سۇلياۋ خالتا ئىچىگە سېلىپ، توڭلاتقۇغا سېلىپ قويۇڭ، سۇ مۇزغا ئايلىنىپ ئاياغ ئىچكى دىۋارىنى چوڭايتىدۇ.

  9. ئاياغ چەمىنى قۇم قەغەزدە سۈركەپ بەرگەندە، ئاياغنىڭ يەرنى چىڭ تۇتۇش كۈچىنى ئاشۇرغىلى بولىدۇ

   ئاياغ چەمىنى قۇم قەغەزدە سۈركەپ بەرگەندە، چەم يىرىكلىشىدۇ.

  10. چاچ قۇرۇتقۇچ بىلەن يېڭى ئاياغنى پۈۋلەپ بەرگەندە ئاياغ پۇتقا سۈركەلمەيدۇ

  پايپاقنى كىيىپ يېڭى ئايغىڭىزنىڭ پۇتقا سۈركىلىدىغان يېرىنى ئىسسىق شامالدا پۈۋلەپ بېرىڭ. ئاياغ سوۋۇغاندىن كېيىن ئاندىن پايپىقىڭىزنى سېلىۋەتسىڭىز ئايىغىڭىز كېڭىيىدۇ، تېخىمۇ ياخشى كىيەلەيسىز.

  11. سېرىق مومنىڭ لاتا خەيدىن سۇ ئۆتمەسلىككە ياردىمى بار

  سېرىق مومنى ئاياغنىڭ يۈزىگە سۈرتۈپ، چاچ قۇرۇتقۇچ بىلەن سۇ ئۆتمەس ماددىلارنى پۈۋلەپ ئاياغ ئىچىگە كىرگۈزىمىز.

  12. ئاياغ يۈزىدىكى خۇرۇمغا ۋازېلىن (凡士林) سۈرتۈش

  پاكىز لاتىنى مىنېرال ماي ياكى ۋازېلىن (凡士林)غا تەگكۈزۈپ، ئاندىن ئاياقنىڭ يۈزىدىكى قىرىش يۈزىنى سۈرتۈپ سىناپ كۆرۈڭ، ئايىغىڭىز پارقىراپ كېتىدۇ.

  13. ئېگىز پاشنىلىق ئاياغ كىيگەندە پۇت بارمىقىڭىزنىڭ بېشىنى چاپلاپ قويۇڭ

  ھاۋا ئۆتكۈزىدىغان، داۋالاشتا ئىشلىتىلىدىغان پىلاستىر بىلەن كۆرسەتكۈچ بارماق بىلەن ئوتتۇرا بارماقنى، ياكى ئوتتۇرا بارماق + نامسىز بارماقنى بىللە چاپلاپ قويۇڭ، بۇنداق قىلغاندا تاپان بېسىمىنى ئۈنۈملۈك تۆۋەنلەتكىلى بولىدۇ.

  14. سۇلۇق قاپارتمىنى چايغا چىلاپ بېرىڭ

  ئالوي يېلىمى سۈرتۈپ بەرگەندە ياللۇغ ۋە قىزىرىپ ئىششىش يېنىكلەيدۇ، يارا جايغا ئالما ئاچچىقسۈيىنى يېنىك ئۇرۇپ سۈرتۈپ بەرسىڭىزمۇ بولىدۇ، يەنە، پۇتىڭىزنى سۇغا چىلاپ بېرىڭ، سۇغا قىزىل چاي ياكى كۆك چاي قوشسىڭىز بولىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى